خەلق گېزىتى خەۋىرى ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى ، پاكىستان ئۈچ ئارمىيە ئىشتاتى 13-چىسلا بايانات ئېلان قىلدى ، بۇ دۆلەت ئۆزى مۇستەقىل ياسىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى "بىلاك "نى سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇرۇش مۇۋاپپىقىيەتلىك بولغان ، ھەم ئۇچۇش جەريانىدا "بارك "ناملىق لازېرنۇرلۇق سىنارات قويۇپ بەرگەن .
باياناتتا كۆرسىتىلىشچە ، بۇ قېتىمقى سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇرغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھەرقانداق ھاۋا شارائىتىدا جەڭ قىلىش ۋە نىشانغا دەل تەگكۈزۈش ئىقتىدارى ناھايتى يۇقىرى بولۇشتەئالاھىدىلىكنى ھازىرلىغان .پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيە شتاب باشلىقى لاشىرنىڭ بىلدۈرشىچە ، بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ مۇۋاپىق ئۇچۇرلۇشى دۆلەتنىڭ چوڭ نەتىجىسى ، بۇنىڭ بىلەن پاكىستاننىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ ئاشىدۇ . لاشىر يەنە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى تەتقىق قىلىپ ياسىغان كىشىلەرنى تەقدىرلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى