ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى: ئىراقتىكى كورد قوراللىقلىرى 15- چېسلا مۇنداق دېگەن: تېررورلۇق تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» بىر قېتىملىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ھۇجۇمىدا خىلور گازى ئىشلەتتى ۋە نەچچە ئون ئادەمنىڭ ئۆلۈش- يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: خىلور گازى سانائەتتە ناھايىتى كەڭ ئىشلىتىلىدۇ، قولغا چۈشۈرمەك ناھايىتى ئاسان، ھۇجۇمغا ئىشلىتىلگەن خىلور گازىنى «ئىسلام دۆلىتى» قوراللىقلىرى ئۆزى ياسىغان بولۇشى مۇمكىن.
كورد ئاپتونوم رايونى بىخەتەرلىك كومىتېتى بايانىدا مۇنداق دېگەن: بۇ يىل 1- ئاينىڭ 23- كۈنى، «ئىسلام دۆلىتى» قوراللىق خادىمى بىر ماشىنىنى ھەيدەپ، شىمالدىكى شەھەر موسۇلغا يېقىن بىر يولدا كورد قوراللىقلىرىغا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتىلىشتىش ھۇجۇمى قوزغىماقچى بولغان، ماشىنا كورد قوراللقلىرى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىپ، ھۇجۇم قوزغىغۇچى ئېتىۋېتىلگەن. ماشىنا پارتلىغان چاغدا ماشىنىدىن ئاق رەڭلىك تۇمان كۆتۈرۈلگەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر كورد قوراللىقىنىڭ دېيىشىچە، ھۇجۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن نەچچە ئون ئادەمدە بېشى قېيىش، كۆڭلى ئىلىشىش، قۇسۇش، بەدىنى ئاجىزلاپ كېتىش ئالامەتلىرى يۈز بەرگەن، ئۇلار يەنە ماشىنىدىن 20 دانە گاز قاچىلاش تۇڭىنى بايقىغان. كورد قوراللىقلىرى تۇپراق ۋە ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ كىيىمدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ، تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ خىلور گازى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بايقىغان.
كورد قوراللىقلىرى بۇ تەجرىبىخانا بىلەن تەجرىبىخانا جايلاشقان دۆلەتنىڭ ئىسمىنى دېمىگەن، ئۇلار پەقەت تەجرىبىخانا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، بۇ تەجرىبىخانا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدىكى بىر ئىتتىپاقداش دۆلەتتە، دېگەن.
ھازىر «ئىسلام دۆلىتى» نىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىك خەۋىرىنى باشقا دۆلەتلەر ئىسپاتلىمىدى. گوللاندىيەگە جايلاشقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئىراق تەرەپ «ئىسلام دۆلىتى» نىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنمىدى، ھازىرقى ئەھۋالدا كورد قوراللىقلىرىنىڭ سۆزىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ، دېگەن.
خىمىيەلىك قورال بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىلور گازى 1- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلگەن، ئېغىر بولغاندا ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا خىلور گازى يەنە سانائەتتە ئىشلىتىلىدۇ.
كوردلار ئىلگىرى خىمىيەلىك قوراللارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. 1988- يىلى، ئىراقنىڭ شۇ چاغدىكى زۇڭتۇڭى سادام كوردلارنى باستۇرغان چاغدا، خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ۋە ئاز دېگەندە 5000 كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.