تۆت يىل بولدى، سەرسان-سەرگەردانلىق ۋە زەمبىرەك ئوقى ئىچىدە چوڭ بولدۇم، بويۇممۇ ئۆستى. بىراق ئاپام خاپا ئىدى. ئاپامنىڭ چىرايىدىن بىر خىل مەيۈسلۈك چىقىپ تۇراتتى. ئاپام ھەمىشە ماڭا: بالام، بالىلىق دەۋر پۈتۈن ئۆمۈردىكى ئەڭ غەم-ئەندىشىسىز، كۆڭۈللۈك مەزگىل. ئەگەر تۇرمۇشىمىز مۇشۇنداق داۋاملاشسا، سېنىڭ بالىلىق دەۋرىڭمۇ چەكسىز جاپا -مۇشەققەت ئىچىدە ئاخىرلىشىدۇ. بالدۇر بىلگەن بولسام، سېنى ھەرگىزمۇ ھەممە جاينى قان ھىدى قاپلىغان بۇ رەھىمسىز دۇنياغا ئەكىلىپ، ئازابقا دۇچار قىلمىغان بولاتتىم، دەيتتى.
بۇ يىل 15-مارت سۇرىيە كىرىزىسى پارتلىغانلىقىغا توپتوغرا تۆت يىل بولدى، بۇ كىرىزىس ھېلىھەم داۋاملاشماقتا. 4 يىللىق بوران-چاپقۇندا سۇرىيەدىكى تەخمىنەن 220 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، مىليونلىغان ئادەم يۇرتلىدىن ئايرىلىپ، سەرگەردانلىق تۇرمۇش كەچۈردى، 5 مىليون 600 مىڭدىن كۆپرەك بالا ۋە ياش-ئۆسمۈرنىڭ ياشاش مۇھىتى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدى قالدى، 2 مىليون 600 مىڭ بالا ئوقۇشسىز قالدى.
ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىموننىڭ سۇرىيە مەسلىسىدىكى ئالاھىدە ئەلچىسى دېمىستورا بۇ يىل 1-ئايدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇرىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يەر شارىدىكى ئەڭ ئېغىر بولغان بىر قېتىملىق ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىغا دۇچار بولماقتا.
تۆت يىلدىن بۇيان تۈركىيەگە كىرگەن سۇرىيەلىك مۇساپىرنىڭ سانى 1 مىليون 700 مىڭغا يەتتى.