ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى: «بۈگۈنكى رۇسىيە تېلىۋېزىيەسى» تورىنىڭ 3- ئاينىڭ 15- كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن رۇسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى « Rossiya 1» دا 15- چېسلا قويۇلغان ئەڭ يېڭى خاتىرە فىلىمدە مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىشىنى پىلانلىغان، ئامېرىكا ياۋروپانىڭ ئارقىسىدا ئۆزىنى دالدىغا ئالماقچى بولدى، ئەمما رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ بۇ ئويۇنىنى سېزىۋالدى.
رۇسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 15- چېسلا «قىرىم- ئۆيگە قايتىش يولى» دېگەن خاتىرە فىلىمنى قويغان، پۇتىن بۇ فىلىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ئويۇندا يۈزەكى قارىماققا ئۇكرائىنا ئۆكتىچىلىرى ناھايىتى زور دەرىجىدە ياۋروپانىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما بىز شۇنى ئېنىق بىلىمىزكى، بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ھەقىقىي پىلانلىغۇچىسى بىزنىڭ دوستىمىز ئامېرىكا.
ئۇ يەنە تۇلۇقلاپ مۇنداق دېگەن: ئۇلار ياردەم بېرىپ، بۇ مىللەتپەرەسلەرنى تەربىيەلىدى، ئۇكرائىنانىڭ غەربى قىسمى، پولشا ۋە لىتۋادا قوراللىق تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، بۇ قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ كۈچىيىشىگە ياردەم بەردى. غەرب دۆلەتلىرى ۋاسىتە تاللىماي كۈچىنىڭ بارىچە قىرىمنىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىشىشىنى توسماقچى بولدى، بۇ خىل ئۇسۇل ھەرقانداق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئەمەس، بولۇپمۇ ئۇكرائىنا بىلەن.
2014- يىلى 2- ئايدا ئۇكرائىنادا سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، قىرىم 3- ئايدا پۈتۈن ئاۋام بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ كېتىپ، مۇستەقىل ھالدا ئىگىلىك ھوقۇق دۆلىتىگە ئايلىنىدۇ، دۆلەت نامىنى قىرىم جۇمھۇرىيىتى قىلىپ بېكىتىدۇ. 2014- يىلى 3- ئاينىڭ 18- كۈنى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن كېرىمىل سارىيىدا قىرىم ۋە سېۋاستوپول ۋەكىللىرى بىلەن كېلىشىم ئېمزالاپ، قىرىم بىلەن سېۋاستوپۇلنىڭ فېدېراتسىيە سالاھىيىتى بىلەن رۇسىيەگە كىرىشىگە ماقۇل بولىدۇ.
رۇسىيەنىڭ بۇ قىلمىشى ئۇكرائىنا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىكى قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ ۋە رۇسىيە قىرىمنى قورال كۈچى بىلەن قېتىۋالدى، دەپ قارايدۇ. رۇسىيە بولسا، بۇ قىلمىش توغرا، رۇسىيە ئارمىيەسى قىرىمنى پەقەت بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى، ھەرگىزمۇ ئىشغال قىلۋالمىدى، دېدى.