يەر شارى تورىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى :ياپونىيە «سانكېي خەۋەرلىرى» نىڭ 13- مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە ساقچى نازارىتى ۋە مىئې ناھىيەسىدىكى ساقچىلاردىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە تەكشۈرۈش باش شتابى يېقىندا ياپونىيەنىڭ «بانكا قانۇنى» (تىجارەت كىنىشكىسى يوق ھالدا) غا خىلاپلىق قىلدى دېگەن باھانە بىلەن جىنايەت گۇماندارى، ياپونىيەنىڭ سايتاما ناھىيەسى ۋارابى شەھىرىدىكى بىر شىركەتنىڭ خادىمى گاۋچياۋچاۋنى تۇتقان، گاۋچياۋچاۋ يەر ئاستى بانكا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئۇزۇن مۇددەت جۇڭگوغا قانۇنسىز پۇل ئەۋەتكەن دېگەن جىنايەتكە چېتىشلىق ئىكەن. بىرلەشمە تەكشۈرۈش باش شتابىدىكىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جىنايەت گۇماندارى يۇقىرىقى جىنايى پاكىتلارنى ئىنكار قىلغان.
ئىگىلىنىشچە، گاۋچياۋچاۋ 2014- يىلى 5- ئايدىن 7- ئايغىچە جۇڭگولۇق ئۈچ خېرىدارنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، يەر ئاستى بانكا ئارقىلىق جۇڭگودىكى سچوتقا قانۇنسىز ھالدا بىر مىليون 300 مىڭ يېن (تەخمىنەن 66 مىڭ 900 يۈەن) پۇل ئەۋەتكەن، ساقچى تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، گاۋچياۋچاۋ ئىلگىرى كۆپ قېتىم مۇشۇنداق سودا قىلغان، ھەر بىر قېتىم تەخمىنەن 3-4 مىڭ يېن (تەخمىنەن 155 يۈەندىن 206 يۈەنگىچە) پۇل پېرېۋوت قىلىپ، خېرىدارلارنىڭ تۇرمۇش پۇلىنى قانۇنسىز ھالدا جۇڭگوغا ئەۋەتىشىگە ياردەم بەرگەن.
2014- يىلىدىكى بىر قېتىملىق تور بانكىسىدا قانۇنسىز پۇل پېرېۋوت قىلىش ۋەقەسىدە، ياپونىيە بىرلەشمە تەكشۈرۈش باش شتابى مۇلازىمەتچىسىز بانكىدىن پۇل ئېلىۋاتقان ئۈچ نەپەر جۇڭگولۇق ئەرنى ئوغرىلىققا چېتىشلىق دەپ تۇتۇۋالغانىدى. بۇ ئۈچ ئەرنىڭ ئىلگىرى گاۋچياۋچاۋنىڭ سچوتىغا كۆپ قېتىم پۇل ئەۋەتىشى گاۋچياۋچاۋنىڭ تورغا چۈشۈشىدىكى يىپ ئۇچى بولۇپ قالغان.