ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

سۇرىيە كىرىزىسى كېڭىيىپ لىۋانغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى

ۋاقتى : 2015-03-14  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : ئابدۇللا  

20150314072908273.jpg

شىنخۇا تورىنىڭ 13 – مارت بېيرۇتتىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇرىيە كىرىزىسى تۆت يىل داۋاملاشتى، بۇ كىرىزىس سۇرىيەگە غايەت زور ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە قوشنا دۆلەت لىۋانغىمۇ نۇرغۇن يوشۇرۇن ئىچكى، تاشقى خەۋپلەرنىمۇ ئېلىپ كەلدى: ئىچكى سىياسىي ۋەزىيەت داۋالغۇپ، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز يامانلاشتى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى؛ تاشقى جەھەتتە بولسا «ئىسلام دۆلىتى»، «قوللاش فرونتى» قاتارلىق ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ دەخلى تەرۇز قىلىشىغا ئۇچراپ كەلدى.

لىۋاندا دىنىي مەزھەبلەر كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىككى چوڭ لاگېرغا تەۋە – يەنى سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللايدىغان «14 – مارت» ئىتتىپاقى بىلەن سۈرىيە ھۆكۈمەتپەرەس «8 – مارت » ئىتتىپاقى. بۇ ئىككى سىياسىي مەزھەبنىڭ سىياسىي قارىشى ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ ئېغىر، بولۇپمۇ سۇرىيە كىرىزىسى ۋە لىۋان زۇڭتۇڭ سايلام مەسىلىسىدە مەيدانى سولغا ئېغىپ كەتكەن. ئىككى تەرەپ زۇڭتۇڭ نامزاتى مەسىلىسىدە بىر بىرىگە يول قويمىغانلىقى ئۈچۈن ، مۇشۇ ئاينىڭ 11 – كۈنى، لىۋان پارلامېنتى 20 – قېتىم زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بېلەت تاشلاش ۋاقتىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى، شۇنىڭ بىلەن لىۋان زۇڭتۇڭلۇق ئورنى 10 ئايغىچە بوش تۇردى، دۆلەت ئاپپاراتى يەنە پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى.

لىۋان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىستراتىگىيە مەسىلىسى مۇتەخەسىسى ئاممان شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى، سۇرىيە كىرىزىسى لىۋاندىكى مەزھەبلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ئىختىلاپنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، لىۋان پارلامېنتى ۋە زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنىڭ ئۇزۇنغىچە قۇرۇق تۇرۇشىغا سەۋەبچى بولدى. سۇرىيە كىرىزىسى ھەل قىلىنمىسا، لىۋان دۇچ كەلگەن تەھدىت ۋە خەتەر ھەرگىز تۈگىمەيدۇ.

لىۋاننىڭ ئىقتىساد، ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەھۋالىمۇ سۇرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ ئېقىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ يامانلاشتى. ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 2011 – يىل 3 – ئايدا سۇرىيە كىرىزىسى پارتىلىغاندىن بۇيان، لىۋانغا قېچىپ بېرىۋالغان سۇرىيە مۇساپىرلىرى 1.2 مىليون كىشىگە يەتكەن. لىۋان ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىسترى دېرباس يېقىندا مۇنداق دېدى، سۇرىيە مۇساپىرلىرى كىرىزىسىنىڭ لىۋانغا كەلتۈرگەن زىيىنى 20 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ.

لىۋان ئىستراتىگىيەلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىقتىساد مۇتەخەسىسى كامال شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى، سۇرىيە كىرىزىسىدە لىۋاننىڭ ئەمگەك كۈچى بازىرى زەربىگە ئۇچرىدى، لىۋاندىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، نامراتلار سانى تېز كۆپەيدى.

كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، لىۋان بۇلتۇر 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى بېيرۇتتا بىر تۈرلۈك پىلاننى قوزغىتىپ، 2.1 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجرىتىپ، ياردەمگە قاتتىق مۇھتاج 2.9 مىليون كىشىگە ياردەم قىلدى، ئۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى لىۋانلىقلار.

بۇ يىل 1 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، لىۋان ئىچكى كابېنتى چېگرىدىن كىرىشكە دائىر يېڭى بەلگىلىمىنى يولغا قويدى، يەنى سۇرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ لىۋانغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلىدى.

سۇرىيە كىرىزىسى كېڭىيىپ، لىۋاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يامانلاشتى. «ئىسلام دۆلىتى» بۇلتۇر ئىراق ۋە سۇرىيەدە شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلدى، ھەمدە «قوللاش فرونتى» قاتارلىق سۇرىيەدىك ئەسەبىي تەشكىلاتلار بىلەن بىرگە سۇرىيە ئارقىلىق لىۋان چېگرىسىدىن كىرىپ، لىۋان ئارمىيەسىنىڭ چېگرا قاراۋۇلخانىسى، تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ۋە چارلاش ئەترىتى قاتارلىق ھەربىي ئەسلىھەلىرى ۋە پۇقراۋى نىشانلارغا قايتا قايتا ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ پۇقرالار ۋە ھەربىيلەرنىڭ ئۆلۈشى، يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ھازىر، لىۋان ئارمىيەسى لىۋان – سۇرىيە چېگرا رايونىدا بىخەتەرلىك پىلانىنى يولغا قويۇپ، مۇتەئەسسىپ تەشكىلاتلارنى كەڭ كۆلەمدە قورشاپ يوقىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى، بىراق مۇتەئەسسىپ تەشكىلاتلار لىۋان – سۇرىيە چېگرىسىدىكى بىر قىسىم تاغلىق رايونلارنى ھېلىھەم ئىشغال قىلىپ تۇرماقتا، ھەمدە بۇ رايونلارنى لىۋانغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىشتىكى كۆۋرۈك بېشىدىكى ئىستىھكام قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.

بۇندىن باشقا، لىۋاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قانۇنسىز قۇرۇلغان 1000 دەك، كۆلىمى ئوخشىمايدىغان سۇرىيە مۇساپىرلار لاگېرى، بولۇپمۇ لىۋان، سۇرىيە چېگرىسىغا يېقىن جايلاردىكى مۇساپىرلار لاگېرى يوشۇرۇن خەۋپ بولۇپ شەكىللەندى. بىر قىسىم سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى قوراللىقلىرى مۇساپىرلار لاگېرىغا يوشۇرۇنىۋېلىپ، مۇساپىرلار لاگېرىنى تايانچ نۇقتا قىلىپ، ھۇجۇم قىلماقتا. بۇ مەسىلىلەرى قانداق ھەل قىلىش لىۋان ھۆكۈمىتى دۇچ كېلىۋاتقان بىر چوڭ مەسىلە بولۇپ قالدى.

نۇرغۇن لىۋانلىقلار شۇنداق غەم قىلىدۇكى، سۇرىيەدىكى جەڭ ئوتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بېسىقىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس، دېمەك بۇ بىر مەيدان كىرىزىس لىۋان ۋە سۇرىيەگە قوشنا باشقا ئەللەرگە قاراپ داۋاملىق كېڭىيىدۇ، لىۋان يەنىلا ئىچكى جەھەتتە غەم قىلىش، سىرتقى جەھەتتە يوشۇرۇن خەۋپ مەۋجۇت بولۇش ھالىتىدە تۇرۇۋېرىدۇ. ئۇلار خەلقئارا جەمئىيەتنى سىياسىي يول ئارقىلىق سۇرىيە كىرىزىسىنى تېزرەك ھەل قىلىشقا، سۇرىيە توقۇنۇشىنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇپ، لىۋاننى سۇرىيە كىرىزىسىنىڭ تەسىرىدىن بالدۇرراق قۇتقۇزۇشقا چاقىردى.
 

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا