
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ ئاخبارات ئىدارىسى شۇ يەر ۋاقتى 28-چېسلا ئەتىگەندە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو ئۇكرائىنا ئارمىيىسى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئەل ئىچى قوراللىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئەسلىدىكى 27-چېسلا كۈنى ئاياغلىشىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ قەرەلىنى يەنە 72 سائەت ئۇزارتىپ، 30-چېسلا كۈنى ئاياغلىشىدىغانلىقىغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى جاكارلىغان.
ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ ئاخبارات ئىدارىسى شۇ يەر ۋاقتى 28-چېسلا ئەتىگەندە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكونىڭ 27-چېسلا كۈنى كەچتە جىددىي ھالدا ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى چاقىرغان. زۇڭتۇڭ پوروشېنكو ئۇكرائىنا بىخەتەرلىك ئىدارىسى بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك كومېتىتى چىقارغان قارارغا ئاساسەن، شەرقىي قىسىمدىكى قوراللىق كۈچلەر بىلەن تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتىنى ئەسلىدىكى 27-چېسلا كەچتىن ھازىرقى 30-چېسلا كەچ سائەت 10 غا قەدەر ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلغان، زۇڭتۇڭ پوروشېنكونىڭ بۇ قېتىملىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش تەكلىپىگە، شەرقىي قىسىمدىكى قوراللىق كۈچلەرمۇ قوشۇلغان.