«ئىراق ۋە شام ئىشلام دۆلىتى»نىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى، مەشغۇلات ئۇسۇلى ۋە ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ئىنتايىن ئالاھىدە، ھاراق ئىچىش، غەرب مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش چەكلەنگەندىن باشقا، ھەتتا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرۈشنىمۇ چەكلەيدىكەن، شۇڭا كىشلەر بۇ تەشكىلاتنى«بازا» دىنمۇ قورقۇنچلۇق تەشكىلاتم دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ تەشكىلات موسۇل شەھىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، يەرلىك بانكىدىن 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ۋە زور مىقداردىكى ئالتۇن بۇلانغان، كېيىن يەنە نېفىتلىكلەر ئۈزلۈكسىز ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئىراق ۋەزىيىتى بارغانچە كەسكىنلەشكەن.
«ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» 2013-يىلى ئاپرېلدا قۇرۇلغان بولۇپ، «بازا» تەشكىلاتى ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ،«بازا» تەشكىلاتىنىڭ 3-نومۇرلۇق كاتتىبېشى زەرقاۋىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئاساسىدا قۇرۇلغان، يەنى ئۇنىڭ ئەسلىي گەۋدىسى 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغان«غازات» تەشكىلاتى. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستانغا كىرىشى ۋە ئافغانىستان تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى سادام ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن سىياسىي بوشلۇق كۆرۈلگەن ئىراققا سىڭىپ كىرىپ، «بازا» تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى تارمىقىغا ئايلانغان، بىراق بۇ تەشكىلاتنىڭ تۇتقان يولى زاۋاھىرىنىڭ تۇتقان يولىغا زىت بولغاچقا،«بازا» تەشكىلاتى ئىراقتا تارمىقى بارلىقىنى ئىنكار قىلغان.
سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇھىم تەرەققىيات ئىستىھكامى بولغان. تەشكىلات ئەزالىرى 2011-يىلى سۈرىيەدە «غالىبىيەت فىرونتى» رادىكال تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە تېز سۈرئەتتە كېڭەيگەن ھەمدە سۈرىيەدىكى قىسمەن ئۆكتىچى تەشكىلاتلارنى يۇتۇۋالغان.«ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى باغدادى 2013-يىلى ئىراقتىكى كۆپلىگەن ئىسلام تەشكىلاتلىرىنى قوشۇپ، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنى قۇرغان. نۆۋەتتە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى ئون مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇ تەشكىلاتنىڭ سۈرىيەدىكى ئەزاسى 6000 دىن 7000 غىچە بولۇپ، ئىراقتا 6000 غا يېتىدىكەن.
كىشىلەر باغدادىنى «يېڭى بىن لادىن»، «دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك ئادەم» دەپ ئاتايدۇ. ئۇ ناھايىتى ياۋۇز بولۇپ، ئەسىرلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ياكى كاللىسىنى ئالغاندىن كېيىن بۇ جەرياننى سىنغا ئېلىپ توردا ئېلان قىلغان. ئامېرىكا ئۇنى ئۆلتۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۇنى قويۇۋەتكەن. باغدادى چەتئەللەردىن ئەزا توپلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەچكە، ئۇرۇش تەجرىبىسى مول چەتئەللىك ئەزالار بۇ تەشكىلاتنىڭ غوللۇق ئەزالىرى بولۇپ قالغان.
نۆۋەتتە بۇ تەشكىلات دۇنيا بويىچە ئەڭ باي تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ تەشكىلات دەسلەپتە چەتئەلدىكى بايلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. باغدادى بۇ تەشكىلاتقا قوماندانلىق قىلغاندىن كېيىن، تەشكىلات قوراللىقلىرى سۈرىيەنىڭ چېگرا شەھەرلىرىگە ئۈزۈلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ، سۈرىيەدىكى قىسمەن نېفىتلىكلەرنى كونترول قىلىپ، بۇنىڭدىن زور پايدىغا ئېرىشكەن. بۇ تەشكىلات 10-ئىيۇن موسۇل بانكىسىدىن 429 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ۋە كۆپ مىقداردىكى ئالتۇنغا ئېرىشكەن، بۇ 60 مىڭ تېررورچىنى بىر يىل بېقىشقا يېتىدىكەن.