ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

بولىۋىيە پايتەخت ئايرودورومىدا ئادەملەرنى چاناش ۋەقەسى يۈز بەردى

ۋاقتى : 2014-06-27  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

20140627113733572.jpg

جۇڭگو ئاخبارات تورى 27-ئىيۇن تېلگىراممىسى. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئونۋېرسال خەۋىرىگە قارىغاندا، 26-ئىيۇن، بولىۋىيە پايتەختى لاپاستىكى خەلقئارا ئايرودورومدا ئادەملەرنى چاناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، روھىي ھالىتى تۇراقسىز بىر ئەر پىچاق كۆتۈرۈپ 11 ئادەمنى يارىلاندۇرغان.
دوختۇرخانا خىزمەتچى خادىمى، يارىلانغۇچىلارنىڭ يارىسىنىڭ ئۇلارنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، لېكىن سەككىز ئادەمنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى قورساق قىسمى يارىلانغان بىر ئايالنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقىنى، يەنە بىر ئادەمنىڭ جىگىرىگە پىچاق تېگىپ زەخمىلەنگەنلىكىنى، يەنە بىر ساقچىنىڭ قاتىلنى بويسۇندۇرۇش جەريانىدا يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قاتىل 41 ياشلىق جاۋېر ئىسىملىك ئەر بولۇپ، ئەسلىدە تاغلىق رايوندىكى بىر دېھقان ئىكەن. بولىۋىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ ئەر ساقچىلارغا ئۆزىنىڭ «ئاۋازنى ئاڭلىغان»لىقىنى، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقتىن، پىچاقنى ئېلىپ ئۆزىنى قوغدىغانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇنىڭ سۆزلىرى تاققا-تۇققا بولۇپ، روھىي ھالىتى روشەن ھالدا بىنورمال ئىكەن. يارىلانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بولىۋىيەلىك بولۇپ، ئاياللار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا