ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ستالىننىڭ مىليون كىشىلىك قىزىل ئارمىيەنى يۆتكىشىگە ياردەم بەرگەن جۇڭگولۇق ئالاھىدە خادىم

ۋاقتى : 2014-06-26  مەنبەسى : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

20140626114031167.jpg

1944-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسى گېرمانىيە بىلەن غەربىي فىرونتا ئۇرۇش ھالىتىگە كىرگەنلىكتىن، ئەسكەر كۆپەيتىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق ئىدى، ئەمما سىتالىن يىراق شەرققە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىليون كىشلىك قىزىل ئارمىيە ئەسكەرلىرىنى غەربىي لىنىيەگە يۆتكىسە، يىراق شەرقتىكى زېمىنىنىڭ ياپونىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرىدى. مۇشۇ چاغدا بىر جۇڭگولۇق ستالىننىڭ مىليون كىشلىك قىزىل ئارمىيە ئەسكىرىنى غەربىي فىرونتا يۆتكەشنى قارار قىلىشغا ياردەم قىلدى.
فۇنامىن ئىلگىرى يەنئەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ھەربىي-سىياسىي ئۇنىۋېرستېتنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، كېيىن تەشكىل ئۇنى موسكۋا جاسۇسلۇق مەكتىپىگە ئەۋەتكەنىدى. ئۇ بىر يىلدىن كېيىن مەكتەپ پۈتكۈزۈپ، خاربىندىكى بىر دۇكاندا ئىشلىگەن.
فۇنامىن 1941-يىلى يۇقىرىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن خاربىن ۋە پۈتكۈل شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىدىكى چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ قاتناش ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە، خاربىن ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردىكى ياپون ئارمىيەسى، بولۇپمۇ كانتون ئارمىيەسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە بۇيرۇلدى.ئۇزاق ئۆتمەي فۇنامىن ياپون باسقۇنچىلىرىنىڭ پىڭفاڭدىكى بىر ھەربىي زاۋۇتىدا قانداق قورال ياساۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاش توغرىسىدا مەخپىي بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالدى. پىڭفاڭ خاربىندىكى بىر جاينىڭ ئىسمى بولۇپ، ھەم چەت، ھەم خىلۋەت، ئادەمزاتمۇ يوق دېيەرلىك ئىدى، فۇنامىن تەكشۈرۈش جەريانىدا بۇ جايدا غەلىتە بىر ئۆينىڭ بارلىقى، ئۆينىڭ دېرىزىسىمۇ يوقلۇقى، ئەتراپىنىڭ ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغانلىقى، ئۈستىگە تىكەنلىك تور تارتىلغانلىقىنى بايقىدى. دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ بىر شېرىكى پىڭفاڭغا قاماپ قويۇلغان بولۇپ، فۇ نامىن شېرىكىنى قۇتقۇزۇپ چىقىش ئۈچۈن تەرجىمان بىلەن تونۇشۇپ قالدى. تەرجىماننىڭ ئىسمى جۇ شاۋۋۇ بولۇپ، ئۇ غەزەپلەنگەن ھالدا: ياپون ئالۋاستىلىىر جۇڭگولۇقلارنى تەجرىبە قىلىۋاتىدۇم دېدى. فۇنامىن بۇ ئاخباراتقا ئېرىشكەندىن كېيىن يۇقىرىغا: پىڭفاڭ ياپونىيەلىكلەرنىڭ مەخسۇس باكتېرىيەلىك قوراللارنى تەجرىبە قىلىدىغان جايى ئىكەن، دەپ دوكلات قىلدى. بۇ دەل «731» باكتېرىيە قىسىمى ئىدى.
شۇنداق قىلىپ فۇنامىن بىلەن جۇ شاۋۋۇ بارا-بارا سىرداشلاردىن بولۇپ قالدى. فۇنامىن 1944-يىلى باھاردا كانتون ئارمىيەسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىش ئويىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئىگىلەش توغرىسىدا بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالدى. فۇنامىن جۇشاۋۋۇ بىلەن ئۇلار ئوت سودىسى قىلىشنى مەسلىھەتلەشتى. ئۇ: كانتون ئارمىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلسا، چوقۇم نۇرغۇن ئۇلا ئوتقا موھتاج بولىدۇ، دېدى. جۇشاۋۋۇ فۇنامىننى كانتون ئارمىيەسى قوماندانىنىڭ تەرجىمانى، ئاكىسى جۇشاۋۋېنغا تونۇشتۇرۇپ قويدى. جۇشاۋۋېن كانتون ئارمىيەسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. فۇنامىن خاربىنغا قايتقاندىن كېيىن بۇنى يۇقىرىغا دوكلات قىلدى. ستالىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرقتىكى مىليون كىشلىك قىزىل ئارمىيە ئەسكىرىنى ياۋروپاغا يۆتكەشنى قارار قىلدى. بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى قىزىل بايراقنى بېرلىن پارلامېنت بىناسىغا قادىدى.
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا