ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئاۋىسترىيە نېمىشقا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمىغا قارىماي رۇسىيە بىلەن تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالايدۇ؟

ۋاقتى : 2014-06-26  مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

رۇسىيە بىلەن ئاۋىسترىيە 24-ئىيۇن «جەنۇبىي ساي» تەبىئىي گاز تۇربىسى تۈرى ئاۋىسترىيە بۆلۈكى كېلىشىمىنى ئىمزالىدى، بۇ زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئاۋىسترىيەدىكى زىيارىتىنىڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. رۇسىيە باشلامچىلىق قىلىدىغان «جەنۇبىي ساي» تۈرى رۇسىيە ياۋروپاغا تەبىئىي گاز ئېسكپورت قىلغاندا تۇربىنىڭ ئۇكرائىنادىن ئۆتىشىگە تايىنىپ قىلىشتىن قۇتۇلۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، ياۋروپا بۇنىڭغا قارشى پوزىتسىيەدە بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ تۈر بەك ئاستا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ياۋروپا بۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن قارشى تۇرىدۇ؟ ئاۋىسترىيە نېمىشقا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمىغا قارىماي بۇنداق چوڭ كېلىشىمنى ئىمزالايدۇ؟

رۇسىيە ياۋروپاغا تەبىئىي گاز ئېسكپورت قىلغاندا تۇربىنىڭ ئۇكرائىنادىن ئۆتىشىگە تايىنىپ قىلىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائەت ھەسسىدارلىق شىركىتى ۋە ئىتالىيە ئېنى شىركىتى 2007-يىلى بىرلىكتە جەنۇبىي ساي تەبىئىي گاز تۇربىسى تۈرىنى باشلىدى، بۇ رۇسىيەدىكى تەبىئىي گازنى غەربىي ياۋروپا قاتارلىق جايلارغا يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. قۇرۇلۇش پىلانى بويىچە، جەنۇبىي ساي تۇربىسى رۇسىيەدىن باشلىنىپ قارا دېڭىز ئاستىدىن بۇلغارىيەگە تۇتىشىدۇ، ئاندىن ئىككى تارماق لىنىيە بىلەن ئاۋىسترىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق جايلارغا تۇتىشىدۇ.

ئاۋىسترىيە نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ دېرىكتورى لۇۋاس مۇنداق دېدى: جەنۇبىي ساي تەبىئىي گاز تۇربىسى ئاۋىسترىيە بۆلۈكى كېلىشىمى ياۋروپاغا تەمىنلىنىدىغان ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە مەبلەغ سېلىش ھېسابلىنىدۇ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيەدىكى تەبىئىي گازغا مۇھتاج، كەلگۈسىدە بۇ ئېھتىياج تېخىمۇ ئېشىشى مۇمكىن.

ياۋروپاغا ئېھتىياجلىق %30تىن كۆپرەك تەبىئىي گازنى رۇسىيە تەمىنلەيدۇ، رۇسىيەدىن ياۋروپاغا توشىلىدىغان گاز تۇربىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۇكرائىنادىن ئۆتىدۇ. رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا تەبىئىي گاز تۇربىسى توغرىسىدا كۆپ قېتىم ماجرالاشقان، ئىككى دۆلەت يامانلىشىپ قېلىپ، رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنى گاز بىلەن تەمىنلىشى بىر مەزگىل ئۈزۈزلۈپ قالغان، رۇسىيە توختامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن زور تۆلەم تۆلىگەن. ھازىر رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتى ناچارلاشتى، تەبىئىي گاز ئۇرۇشى يەنە پارتلىدى، رۇسىيە ئۇكرائىنادىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ياۋروغا گاز توشىشى كېرەك.

پۇتىن ئاۋسىترىيەدە زىيارەتتە بولغاندا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جەنۇبىي ساي تۈرى ياۋروپانى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشتە سىجىللىققا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، ياۋروپا تەبىئىي گاز جەھەتتە رۇسىيەگە تايىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ، بۇ ئۆز ئارا تايىنىش، مۇقىملىقنىڭ ئاساسى.

ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بۇ تۈرگە قارشى تۇرىشى ئاساسلىقى ئېنېرگىيە تەمىناتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇلغان. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيەدىكى تەبىئىي گازغا بەك تايىنىپ قېلىشنى خالىمايدۇ، ئۇلار ئېنېرگىيە تەمىناتىدىكى كۆپ خىللىقنى قوغلىشىدۇ. بولۇپمۇ ئۇكرائىنا كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ناچارلاشتى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزدى. بۇنداق ۋاقىتتا رۇسىيە بىلەن ئاۋىسترىيەنىڭ ھەمكارلىشىشى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نەزىرىدە مۇۋاپىق پەيت ئەمەس ئىدى.

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىلگىرى قانۇنىي ۋاستە ئارقىلىق جەنۇبىي ساي تۇربىسى بۇلغارىيە بۆلۈكىنىڭ قۇرۇلۇشىنى توسۇپ قويغان. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئالاھىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ئىچكى قىسىدىكى ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشنى تەلەپ قىلدى، يەنى ئىككى دۆلەتنىڭ تۈرىدە ئۈچۈنچى تەرەپنىڭ مەبلىغىنى ئەكىرىشكە كاپالەتلىك قىلىش دېگەن بەلگىلىمە. بۇلغارىيە بىلەن رۇسىيە 2008-يىلى جەنۇبىي ساي تۈرىنى ئىمزالىغان كېلىشىمدە، ئىككى دۆلەت شىركەتلىرى تەبىئىي گاز تۇربىسى تەمىناتى جەھەتتە ئالدىن بەھرىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە دېگەن مەزمۇننى قوشۇلغان. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بۇ ماددا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مونۇپۇللۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ دەپ ھېسابلىدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، بۇلغارىيە جەنۇبىي ساي تۈرى بۇلغارىيە بۆلىكىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلغان.

رۇسىيە تەبىئىي گاز ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ دېرىكتورى مىللېر مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ پىكرى توغرىسىدا ھەر قايسى تەرەپلەر ئىجابىي سۆزلىشىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. لۇۋاس مۇنداق دېدى: جەنۇبىي ساي تۈرى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ، بىزنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بۇ تۈرنى چۈشىنىشىگە ئىشەنچىمىز كامىل.

رۇسىيە ئاۋىسترىيەنىڭ مۇھىم سودا شېرىكى. 2013-يىلى ئاۋىسترىيەنىڭ رۇسىيە قىلغان ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 3 مىليارد ياۋرودىن ئاشتى، ئۇلار رۇسىيەدىن ئاساسلىقى ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلىدۇ. ئاۋىسترىيە كۆپ يىللاردىن بۇيان تەبئىي گاز ئىمپورتىدا رۇسىيەگە تايىنىپ كەلدى. 1968-يىلى ئاۋىسرىيە تۇنجى بولۇپ سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن تەبىئىي گاز تەمىناتى كېلىشىمى ئىمزالىغان غەربىي ياۋروپادىكى دۆلەت بولدى.

ئاۋىسترىيە يادرو ئېلېكتىرىنى تەرەققىي قىلدۇرمايدۇ، دۆلەت ئىچىدىكى شامال ئېلېكتىرى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ، شۇڭا ئېنېرگىيە تەمىناتىدا ئاساسلىق تەبئىي گازغا تايىنىدۇ، ئۇلارنىڭ باشقا تاللىشى يوق.

رۇسىيە بىلەن ئاۋىسترىيە جەنۇبىي ساي تۈرىنىڭ ھېچكىمگە قارىتىلمايدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئاۋىسترىيە سىياسىي جەھەتتە بىتەرەپ بولدى، ئەمەلىي بولدى، ئۇلار ياۋروپا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسدىكى ماجراسىنىڭ ئاۋىسترىيەنىڭ ئېنېرگىيە كاپالىتىگە تەسىر كۆرسىتىشىنى خالىمايدۇ.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا