ئۇكرائىنا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئاخبارات گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى شېرىزنىيوف 21-ئىيۇن، شەرقتىكى دونېتسىك ئىشتاتى ۋە لۇگانسىك ئىشتاتىدىكى ئىككى چېگرا ئېغىزى خەلق ئارىسىدىكى قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، چېگرانى قوغدىغۇچى 9 ئەسكەر يارىلاندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچىسىنىڭ يارىسى بىر قەدەر ئېغىر، دېدى. بۇندىن باشقا خەۋەرلەردە دونېتسىك ئىشتاتىنىڭ ئافجىيىفكا بازىرىدا تۇرۇشلۇق ئۇكرائىنا ئارمىيەسى 21-ئىيۇن خەلق ئارىسىدىكى قوراللىقلارنى 2 قېتىم چېكىندۈردى، دېيىلدى.
كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكو 20-ئىيۇن تىنچلىق پىلانىنى ئېلان قىلىپ، زۇڭتۇڭ پەرمانى ئىمزالاپ، 20-ئىيۇندىن 27-ئىيۇنغىچە شەرقىي رايوندا بىر ھەپتە ئۇرۇش توختىتىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن نەچچە قېتىم يۈز بەرگەن قوراالىق توقۇنۇش شۇ يەرنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا كەسكىن ئىكەنلىكىنى، ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلى ئاياغلاشقاندىن كېيىن شەرقىي رايوننىڭ ۋەزىيەت تەرەققىي كەلگۈسى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
پوروشىنكو 20-ئىيۇن شەرقىي رايوننىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسدىكى تىنچلىق پىلانىنى ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا-رۇسىيە چېگراسىدا 10 كىلومېتىر كېلىدىغان توقۇنۇشنى يېنىكلىتىش رايونى قۇرۇش، خەلق ئارىسىدىكى قوراللىقلارنى دونېتسىك ۋە لۇگانسىك ئىشتاتىن چېكىندۈرۈش، قانۇنسىز قوراللىقلارنى تارقىتىۋېتىش قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلدى. بۇندىن باشقا، ئۇكرائىنا دائىرلىرى شەرقىي رايوندىكى بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توختاتتى.
ئەمما تىنچلىق پىلانى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش شۇ يەردىكى خەلق ئارىسىدىكى قوراللىقلارنى قايىل قىلالمىدى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشى خەلق ئارىسىدىكى قوراللىقلارنى چەكلىيەلمىدى. 21-ئىيۇن، خەلق ئارىسىدىكى قوراللىقلار دونېتسىك شەھىرىدە «دونېتسىك جۇمھۇرىيىتىگە» سادىق بولۇش توغرىسىدا قەسەم ئىچتى.
خەلق ئارىسىدىكى قوراللىقلارنىڭ بۇنداق قاتتىق مەيدانىغا قارىتا ئۇكرائىنادىكى بىر قىسىم پارتىيەلەر، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى جامائەتچىلىك شۇنداقلا رۇسىيە ئۇكرائىنا دائىرلىرىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى قوراللىقلار بىلەن سۆھبەتلىشىشىنى مۇراجىئەت قىلدى، ئەمما ئۇكرائىنا بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى.
تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، ئۇرۇش توختىتىش پەرمانى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىشىنىڭ مۇمكىچىلىكى يەنىلا چوڭ ئىكەن. بىر ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلى ئۆتۈكۈپ كەتكەندىن كېيىن، توقۇنۇش تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن، پوروشىنكونىڭ تىنچلىق پىلانىنىڭ ئىشقا ئېشىشى ناتايىن ئىكەن.
ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قارايدىغان ئالاھىدە لاگىرنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: پوروشىنكونىڭ بىر ھەپتە ئۇرۇش توختىتىشنى قارار قىلىشى ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق، چۈنكى چېگرانى تامامەن قامال قىلغان ئەھۋالدا ئاندىن بۇنداق قارار چىقىرىش كېرەك ئىدى، بولمىسا شۇ يەردىكى خەلق ئارىسىدىكى قوراللىقلار ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ قورال ياراققا ئېرىشىشى مۇمكىن.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: رۇسىيە كىيېۋ دائىرلىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى خەلق ئارىسىدىكى قوراللىقلار بىلەن سۆھبەتلىشىشىنى تەشەببۇس قىلدى، لېكىن پوروشىنكو ھازىرغىچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش خايىشىنى بىلدۈرمىدى. بۇخىل ئەھۋال ئاستىدا، رۇسىيە پوروشىنكو ئېلان قىلغان تىنچلىق پىلانىدىن رازى بولمايدۇ.
رۇسىيە زۇڭتۇڭ تورىدا 21-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: پۇتىن پوروشىنكو ئېلان قىلغان تىنچلىق پىلانىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلپىگە دائىر مەزمۇننىڭ يوقلۇقىغا دىققەت قىلدى، پىلاننى ھاياتى كۈچى يوق ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ ھېسابلىدى.
ئۇقتۇرۇشتا پۇتىن مۇنداق دېگەن: پوروشىنكو ئۇرۇش توختىتىشنى جاكارلىغاندىن كېيىنمۇ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى توقۇنۇش يوقىمايدۇ، رۇسىيە زېمىنىغا ئۇكرائىنانىڭ راكېتامىيۇتى چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا مال مۈلۈك زىيانغا ئۇچراپلا قالماي رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىتكە ئۇچرايدۇ، بىز بۇنىڭغا قەتئىي يول قويمايمىز.
رۇسىيەدە چىقىدىغان داڭلىق سىياسىي مۇھاكىمە ژۇرنىلى «دۇنيا سىياسىيسىدىكى رۇسىيە»نىڭ باش تەھرىرى لۇجىيانوف مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھەربىي ۋاستىدىن باشقا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازالاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى مۇمكىن.
ئۇ يەنە مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىقتىسادىي جەھەتتە جازالاش ئۇكرائىنا مەھسۇلاتلىرىنىڭ رۇسىيەگە كىرىشىنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن، پوروشىنكو كەمپۈت سودىگىرى، ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى رۇسيە بازىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيتى. سىياسىي جەھەتتىمۇ بىر قىسىم ھەرىكەتلەر بولدى، رۇسىيە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى 21-ئىيۇن ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئاۋاكوف ۋە ئىشتات باشلىقى كولومويىسكىنى تۇتۇش، بىر قىسىم ئۇكرائىنا ئەمەلدارلىرىنى جازلاش بۇيرۇقى چىقاردى.