ھىيوگو ئىسىملىك بۇ ئەر ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭمۇ قىزلارغا ئوخشاش ‹نەپىس› كەلگەن چىرايغا ئىگە بولۇشىنى ئويلاپ كەلگەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ 1997-يىلىدىن باشلاپ ‹گۈزەللەشتۈرۈش پىلانى› نى يۈرگۈزۈشنى باشلىغان. بۇ ئەر بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە سۈرىدىغان ماي بىلەن كوللاگېنلىق ئاقسىلنىڭ ئۈنۈمى ئاساسەن ئوخشاش دەپ قارىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن يۈزىگە بوۋاقلارنىڭ بەدىنىنى سىلىقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان ماينى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇپ ئىشلىتىشنى باشلىغان، كېيىن بۇ ئەرنىڭ يۈزى ھەم قىزىرىپ ھەم ئىششىپ كېتىشكە باشلىغان، شۇنداقلا يەنە نۇرغۇنلىغان مونەكچىلەر چىقىپ كەتكەن، بۇ ئەرنىڭ چىرايى بارغانسېرى ئىسكەتىدىن كېتىپ، ھازىرقىدەك قورقۇنچلۇق ھالەتكە ئايلىنىپ قالغان.
ھىيوگونىڭ سالامەتلىكىمۇ بارغانسېرى ناچارلىششىقا قاراپ ماڭغان بولۇپ، ھازىر ئۇ ئاساسلىقى دورىغا تايىنىپلا سالامەتلىكىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان. ھازىر ئۇ مەخسۇس بېكىتىلگەن يېمەكلىكلەرنى يەپ، كۆپ مىقداردا سۇ ئېچىپ تۇرۇشى، ھاراق تۈرىدىكى شۇنداقلا غىدىقلاش خاراكتېرىدىكى ئېستىمال بۇيۇملىرىدىن پەرىز تۇتۇشى، يۇقىرى ۋاراڭ-چۇرۇڭلۇق مۇھىت شۇنداقلا ئېغىر بېسىمدىن يىراق تۇرۇشى لازىم ئىكەن. ئۇ كۈنىگە 15 خىلدىن ئارتۇق دورا يېيىش ئارقىلىقلا ئاندىن ئۆزىنىڭ بىر قەدەر نورمال بولغان سالامەتلىك ھالىتىنى ساقلاپ تۇرماقتا.
ئون نەچچە يىللىق ماسلىشىشتىن كېيىن، ھىيوگو ھازىر ئۆزىنىڭ بۇ خىل ‹ئالۋاستى› غا ئوخشاپ كېتىدىغان چىراي-تۇرقىدىن نومۇس قىلمايدىغان بولۇپ قالغان، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئەخمەقلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.