شىنخۇا تورىنىڭ 18-ئىيۇندىكى خەۋىرى (ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى) : ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراقتىكى ئاشقۇن تەشكىلات ئىراق ۋە شام تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان ۋېدىئودا كۆرسىتىلىشىچە، 8 ياش ئەتراپىدىكى نەچچە نەپەر ئىراقلىق بالا بۇ ئاشقۇن تەشكىلاتنىڭ ئەسىرلەرنى ئېتىپ تاشلاش پائالىيىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن.
پۈتكۈل جەرياندا بالىلار مەغرۇر قىياپەتتە بولۇپ، يەنە قولىدىكى ئاپتومات قاتارلىق قوراللارنى پۇلاڭلاتقان. ئاشقۇن ئۇنسۇرلار ئەسىرلەرنىڭ ئارقا مېڭىسىگە ئاتقان بولۇپ، بالىلار نەچچە مېتىر يىراقلىقتىلا قاراپ تۇرغان.