بىر ھەربىي تىرانسپورت ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، يېقىندا بىر ئاز پەسىيىپ قالغان ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى يەنە جىددىيلىشىپ قالدى. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى 15-ئىيۇننى مەملىكەت بويىچە تەزىيە كۈنى قىلىپ بېكىتتى، رۇسىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشىمىز مۇمكىن دەپ تەھدىت سالدى، زۇڭتۇڭ قاتىلنى تېگىشلىك جازالايمىز، دەپ ۋەدە بەردى. غەزەپلەنگەن كيىۋ ئاممىسى 14-ئىيۇن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى، ئارقىدىن نامايىش رۇسىيە ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۆزگەردى. ئۇكرائىنانىڭ مۇۋەققەت دىپلوماتىيە مىنستىرىمۇ رۇسىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا پەيدا بولۇپ، پۇتىنغا ھۇجۇم قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلدى. رۇسىيە كىيىۋتىكى فاشىستلارنىڭ ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى، يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇكرائىنانى ئەيىبلەش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما ئامېرىكا، ئەنگلىيە ، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەكسىچە رۇسىيە تانكىلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا كىرگەنلىكىگە ئائىت سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىنى كۆرسىتىپ، رۇسىيە ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۋەتتى، دەپ ئەيىبلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ قارشىلىشىشى جەڭ مەيدانى ۋە دىپلوماتىيە سورۇنى ئارىسىدا تېز ئالماشتى. ئەنگلىيەدىكى «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» غەربپەرەس ئۇكرائىنا كۈچلىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنا كىرزىسى ئومۇميۈزلۈك ئىچكى ئۇرۇش باسقۇچىغا كىردى، دېدى.
ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي قىسىمدا ئېغىر زەربىگە ئۇچرىشى كىيىۋ ئاممىسىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى، كىيىۋ ئاممىسى مايكىلارغا تىلەكلىرىنى يېزىپ،ھەربىي لاگېرلارغا ئاپىرىپ بەردى.
يەنە بىر قىسىم ئامما ئەسەبىيلەشتى. رۇسىيە خەلقئارا تېلېگراف ئاگنتىلىقى 15-ئىيۇن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: تىرانسپورت ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن ئامما رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى، نامايىش ئارقىدىن توپىلاڭغا ئۆزگەردى. ئۇلار رۇسىيەگە قارشى شوئار توۋلاپ، ئەلچىخانىغا بوياق قاچىلانغان بوتۇلكا، تۇخۇم، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى قاتارلىقلارنى ئاتتى، ئەلچىخانىنىڭ دېرىزىلىرى ئاساسەن چېقىۋېتىلدى.
رۇسىيەنىڭ سىياسىي ئوبزورچىسى كويىنكوف مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: رۇسىيە ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى قارماققا ئەرەب باھارىنىڭ باشلىنىشىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىپادىسى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، رۇسىيە تېخىمۇ ئاكتىپ ھەرىكەت ئارقىلىق، دىپلوماتلارنى ھاقارەتلەشنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنادىن بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، رۇسىيە دىپلوماتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ يول قويۇشى بىلەن كىيىۋ فاشىستلىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى ھەمدە رۇسىيەنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ھاقارەتلىدى، رۇسىيە بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىدۇ.
رۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا بايانات لايىھەسى سۈنۈپ، رۇسىيە ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلدى، ئەمما بۇ لايىھە ئەنگلىيە ، ئامېرىكا، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قارشى تۇرۇشى سەۋەبلىك ماقۇللانمىدى، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف غەربنىڭ ئىنكاسىدىن قاتتىق غەزەپلەندى ، رۇسىيە دۆلەت دۇماسى مائارىپ كومىتېتىنىڭ رەئىسى نىكنوف مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ رۇسىيە ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلەش تەلىپىگە قارشى تۇرۇشى كىيىۋ دائىرىلىرىنىڭ خالىغىنىنى قىلالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. 15-ئىيۇن فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىيۇس رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن تېلفوندا سۆزلەشتى، ئۇ رۇسىيە ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررىمۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى.
رۇسىيە يەنە تىغ ئۇچىنى ئۇكرائىنانىڭ مۇۋەققەت دىپلوماتىيە مىنستىرىغا قاراتتى. رۇسىيە«موسكۋا كۇمسۇمۇللار گېزىتى» 15-ئىيۇن ئۇكرائىنانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى پۇتىننى ھاقارەتلىدى، دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ مۇۋەققەت دىپلوماتىيە مىنىستىرى 14-ئىيۇن رۇسىيە ئەلچىخانىسى ئالدىغا كېلىپ، نامايىشچىلارنىڭ قوللىشى ساداسى ئىچىدە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننى ھاقارەتلەيدىغان سۆزنى قىلدى، دېدى.
گېرمانىيە ئاخبارات ئاگنتىلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنانىڭ مۇۋەققەت دىپلوماتىيە مىنىستىرى 15-ئىيۇن رۇسىيەپەرەس بۆلگۈنچىلەرگە زەربە بېرىش داۋامىدا، رۇسىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش مۇمكىنچىلىقىنى يوققا چىقارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.