روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى 11-ئىيۇن، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «يول خەرىتە پىلانى» ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى،دېگەن. ئۇنداقتا، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكو بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تىنچلىق پىلانى بۇ «يول خەرىتە پىلانى»بىلەن بىردەكمۇ؟
ئانالىزچىلار:« يو خەرىتە پىلانى» بىلەن پوروسىنكونىڭ پىلانى مەلۇم دەرىجىدە ماس كېلىدۇ، لېكىن كېيىنكىسى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى قوراللىقلار بىلەن سۆھبەتلىشىشكە قارشى تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇكرائىنا بىلەن قوراللىقلار مۇرەسسەگە كەلمىسە، تىنىچلىق پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەسكە توختايدۇ، دەپ قارىغان.
بۇ پىلاننىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە ئىكەن: قانۇنسىز قوراللىقلار قورالنى تاشلىشى كېرەك، قاتىللىق دېلوسىغا چېتىشلىق بولمىغانلار ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ: روسىيەلىك ياللانما ئەسكەرلەرگە دۆلەتكە قايتىش يولى ئېچىپ بېرىلىدۇ: شەرقىي رايوندا تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ...
يېرىم يىل داۋاملاشقان ئىچكى قالايمىقانچىلىق ۋە ئىككى ئايدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان قوراللىق توقۇنۇش ئۇكرائىنا ئىقتىسادىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. تىنچلىق پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەھەتتە، پوروشىنكو ئىككى تەرەپتىن بىردەك قول سېلىش ئىستراتېگىيەسىنى قوللانغان. ئۇ ئالدى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى كۆزلىگەن، ئاندىن ئۇرۇش بولۇۋاتقان رايونلاردىكى پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش.
پوروشىنكو 8-ئىيۇن ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشكەندە، بىر ھەپتە ئىچىدە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رايونىدا ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى قوراللىقلارنىڭ پۇقرالارنى قوغداشتىن پايدىلىنىپ ئۇكرائىنا ھەربىي تەرەپنىڭ تازىلاش ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. پوروشىنكو ئوچۇق قىلىپ: ئەگەر روسىيەنىڭ ماسلىشىشى ۋە قوللىشى بولمىسا، شەرقىي رايون مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىنتايىن قىيىن، دېگەن.
ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت تەرەپ « تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» نى توختىتىش توغرىسىدا ئېنىق ئۇقتۇرۇش چۈشۈرمىگەن بولسىمۇ، بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قوراللىق توقۇنۇشنىڭ كۆلۈمى ۋە كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى تۆۋەنلىگەن. بۇ بەلكىم روسىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر: ئېتىشىشنى توختىتىش شەرقىي قىسىم مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، بۇنىڭدىن مۇھىم بولغىنى كېيىنكى باسقۇچلۇق سۆھبەت. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئوبيېكتى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلىۋاتقانلار، چۈنكى بۇ جاينىڭ ۋەزىيىتىنى قالايمىقان قىلىۋاتقىنى دەل شۇ كىشلەر. ئەگەر بۇ كىشلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مۇمكىن بولمىسا، تىنچلىق پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تېخىمۇ تەسلىشىدۇ، دەپ قارىغان.
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى.