ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

بېنگالنىڭ كېچىكتىن ئۆتكۈزۈش پاراخوتى چۆكۈپ كېتىپ ئاز دېگەندە 12 ئادەم قازا قىلدى

ۋاقتى : 2014-05-16  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

 شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچقۇرۇن، بېنگالنىڭ 200 دەك يولۇچى ئولتۇرغان كېچىكتىن ئۆتكۈزۈش پاراخوتى قارا بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بېنگال پايتەختى-داككاغا 27 كىلومىتىر كېلىدىغان يەردىكى مېھنا دەرياسى (Meghna River) غا چۆكۈپ كەتكەنىكەن. نۆۋەتتە چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتتىن ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 12 يولۇچىنىڭ جەسىتى تېپىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتنى ئىزدەش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.

بېنگالنىڭ مۇنشىگانج رايونى (Munshiganj District) غا تەۋە ساقچى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى-ھۈسەيىننىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، چۆكۈپ كەتكەن بۇ پاراخوتتا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 250 تىن 300 گىچە يولۇچى بار بولۇپ، نۆۋەتتە بېنگالنىڭ قۇتقۇزۇش پاراخوتى ئاللىقاچان ۋەقە يۈز بەرگەن دېڭىز رايونىغا قاراپ يولغا چىققانىكەن، ھازىرچە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 12 ئادەمنىڭ جەسىتى تېپىلغانىكەن.
بۇ قېتىملىق قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان بىر خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتتىكى يوقاپ كەتكەن يولۇچىلار سانىنى جەزىملەشتۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان بولۇپ، چۈنكى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن پاراخوتتىكى نۇرغۇن يولۇچىلار ئۆزلىرى سۇدا ئۈزۈپ قىرغاققا چىقىۋالغانىكەن.
بېنگال دۆلىتىدە 250 تىن ئارتۇق دەريا-كۆللەر بار بولۇپ، پاراخوت ۋە كېمە بولسا بېنگاللىقلارنىڭ ئاساسلىق قاتناش قورالى بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن. بەزى پاراخوت ۋە كېمىلەرنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى رىمونت قىلىنماي قالغانلىقى، شۇنداقلا ئولتۇرغان يولۇچىلارنىڭ نورمىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن، بېنگالدا پاراخوت ۋە كېمىلەرنىڭ چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن.







شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى، بېنگالنىڭ 200 دەك يولۇچى ئولتۇرغان كېچىكتىن ئۆتكۈزۈش پاراخوتى قارا بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بېنگال پايتەختى-داككاغا 27 كىلومىتىر كېلىدىغان يەردىكى مېھنا دەرياسى (Meghna River) غا چۆكۈپ كەتكەنىكەن. نۆۋەتتە چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتتىن ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 12 يولۇچىنىڭ جەسىتى تېپىلغان بولۇپ، پاراخوت ۋەقەسىدە قازا قىلغۇچىلار سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا