5-ئاينىڭ 14-كۈنى« مۇداپىئە گېزىتى» دا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا شىركىتى تارقىتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان يېڭى ئويۇن« Glorious Leader شەرەپلىك رەھبەر»نىڭ ۋەقەلىكىدە چاۋشىيەن رەھبىرى كىم جوڭئۇن چوقۇم« كاپىتالىست» لارنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىنى چېكىندۈرىشى كېرەك.
رەسمىي مۇقەددىمە فىلىمدە تاماشىبىلارغا كىم جوڭئۇننىڭ ئارخىپ سۈرىتى، ئۇ خۇددى چەتئەلنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى چېكىندۈرۈشكە تەييارلىنىۋاتقاندەك مەنزىرە، 90- يىللاردىكى كىچىك ئويۇنلاردىكىدەك مەنزىرە كۆرسىتىلگەن.
ئويۇندىكى« شەرەپلىك رەھبەر» ئامېرىكىنىڭ پاراشوتچىلار قىسىمى بىلەن كەڭلىكى ئىككى مېتىر بولغان كوچىدا ئۇرۇش قىلىپ، ئامېرىكا بايرىقىنى كۆيدۈرىدۇ، تاق مۈڭگۈزلۈك ھايۋان مىنىۋېلىپ دۈشمەنلەرنىڭ ھەربىي تېخنىكىلىك ئەسلىھەلىرىنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىدۇ. مۇقەددىمە فىلىم كىم جوڭئۇن بىلەن ۋاسكىتبول چولپىنى دەنىس رودمان كۆرۈشۈپ ئاخىرلىشىدۇ.
بۇ ئويۇننى تەرەققى قىلدۇرغۇچى شىركەت Moneyhorse Games شىركىتىنىڭ لىدىرى جېف مىللېر شىركەتنىڭ چاۋشىيەن ھۆكۈمىتىنى مەسغىرە قىلىش مەقسىتىنىڭ يوقىلىقىنى ئېيتقان. ئۇ بۇ شىركەت ئويۇنىنىڭ 20-30 ياشقىچە بولغان كونا ئۇسلۇبتىكى ئويۇنلارنى ياقتۇرىدىغان ئابونىتلارنى ئاساس قىلىپ چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتقان. مىللېر كورىيەلىكلەرنىڭ بۇئويۇنغا قىزىقىشىدىن ھەيران قالغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان.







