ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

خەلقئارالىق سوت مەھكىمىسى لىۋىيەنىڭ قەززافىنىڭ ئوغلىنى خاگۋىدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى

ۋاقتى : 2014-05-15  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئابدۇللا

20140515121142369.jpg

ئاساد قەززافى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 14 – ماي تېلېگراممىسى: ب د ت تور بېكىتىنىڭ 13 – چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، خەۋپسىزلىك كېڭىشى 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى لىۋىيە ۋەزىيىتى مەسىلىسى توغرىلىق يەنە بىر قېتىم ئوچۇق ئاشكارا يىغىن ئېچىپ، خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەپتىش ئەمەلدارى مىنېسۇتانىڭ خىزمەتلەردىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى. مىنېسوتا خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە 7 – قېتىم بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا مۇنداق دېدى، لىۋىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى بويىچە، تېزدىن سابىق رەھبەر قەززافىنىڭ ئوغلى سايىفنى چېگرىدىن ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق خاگۋىغا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىنېسۇتا مۇنداق دېدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لىۋىيە ھۆكۈمىتى يەنە سابىق ئاخبارات ئەمەلدارى سانۇشنىڭ جەڭ جىنايىتى سادىر قىلىش دېلوسىنى ئوچۇق ئاشكارا ھالدا سوت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىنېسوتا مۇنداق دېدى، گەرچە خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار چىقىرىپ، لىۋىيە ھۆكۈمىتىگە قەززافىنىڭ ئوغلى سايىفنى خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ھازىرغا قەدەر لىۋىيە ھۆكۈمىتى ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىغان. ئۇ مۇنداق دېدى، دۆلەتنىڭ ئەدلىيەلىك تەرتىپى خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ پەرمانىغا بويسۇنماسلىققا ھېچقانداق ئاساس بولالمايدۇ. لىۋىيە ھۆكۈمىتى چوقۇم سوتچىلار بىلەن سۆزلىشىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەدلىيەلىك تەرتىپىدە سايىفنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئىشلارنىڭ سادىر بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
مىنېسوتا يەنە مۇنداق دېدى، خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى سانۇش دېلوسىنى قوبۇل قىلماسلىقنى، بۇ دېلونى لىۋىيەدە سوت قىلىشنى قوبۇل قىلدى، بىراق ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرۇدىغان بۇ دېلوغا قارىتا ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق سوت ئېچىلمىدى. مىنېسوتا لىۋىيە ھۆكۈمىتىنى مۇددەتنى ئۇزارتمىغان ئەھۋال ئاستىدا، نورمال تەرتىپ بويىچە سانۇش دېلوسىغا قاراپ چىقىشقا دەۋەت قىلدى.
مىنېسوتا يەنە لىۋىيەدە ساقلىنىۋاتقان قانۇنسىز قاماش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە قولغا ئېلىنغانلارنى تېزدىن ھۆكۈمەت كونترۇللىقىدىكى قاماق مەركىزىگە يۆتكەش سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە چاقىردى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى، قانۇنسىز قاماش ۋە تەن جازاسى ئېلىپ بېرىش بىر تۈرلۈك ئېغىر جىنايەت، بۇ ئىشنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
2011 – يىل 2 – ئايدا، خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار ماقۇللاپ، لىۋىيە مەسىلىسىنى خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرماقچى بولدى. تەپتىش ئەمەلدارى كېيىن ئەينى ۋاقىتتىكى لىۋىيە رەھبىرى قەززافى، ئۇنىڭ ئوغلى سايىف ۋە ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلى سانۇشنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. شۇ يىلى 10 – ئاينىڭ 20 – كۈنى، قەززافى ئەسىرگە چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتتى، بۇ لىۋىيەدىكى توقۇنۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەردى. بىر ئايدىن كېيىن، سايىف جەنۇبتىكى رايوندىن تۇتۇپ كېلىنىپ ھازىرغا قەدەر قاماقتا تۇرىۋاتىدۇ.
بۇ يىل 41 ياشقا كىرگەن سايىف 2011 – يىل 2 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن 2 – ئاينىڭ 28 – كۈنىگە قەدەر دۆلەت ماشىنىسى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىدىن پايدىلىنىپ، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ئۆلۈم جازاسى بېرىشتەك ئىنسانىيەتكە زىيان سېلىش ۋە ئۇرۇش قىلىش جىنايەتلىرىنى سادىر قىلغان دەپ ئەيىبلەنگەن ئېدى. سايىف لىۋىيەنىڭ زېتان دېگەن يېرىدىكى جىنايى ئىشلار قانۇن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، سوتقا چىقتى، بىراق سوت مەھكىمىسى كېيىن سوت قىلىش ۋاقتىنى كەينىگە سۈردى، سەۋەبى ئۇنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى بۇ دېلونى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتقا مۇھتاج ئىكەن.

 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا