• تىل ئۆگېنىشتە سۆزلۈك بىرلىكىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم ، مەيلى ئاساسىي گىرامماتىكىلىق مەسىللەرنى چۈشىنىش بولسۇن ، ئېغىز ئېچىپ سۆزلەش مەشىقىگە كىرىشىش بولسۇن ، سۆزلۈكىمىز مەلۇم مىقدارغا يەتمەيدىكەن ، سۈپەتكە كاپالەت قىلىشتىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس . ھەركىمنىڭ ئوخشىمىغان سۆزلۈك ئۆگېنىش ئۇسۇلى بار ، مەسىلەن ، ئۆزۈمنى مىسالغان ئالسام ، ئىلگىرى ئوقۇشلۇق ئارقىلىق سۆزلۈك ئۆگېنىشنى ناھايىتى توغرا دەپ قارايتىم ، ھەقىقەتەنمۇ ئۇ سۆزلۈك ئۆگېنىشنىڭ ئەڭ توغرا ، تەبئىي ئۇسۇلى لېكىن ھەرگىزمۇ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ تېز ئۈنۈم يارىتىدىغان ئۇسۇل ئەمەس . ئەگەر بىزنىڭ ئۆگېنىش ۋاقتىمىز يېتەرلىك ، سەۋر – تاقىتىمىز يەتكۈچە بولسا ئىدى ، ئۇنداقتا ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان ئېنگىلىزچە ئوقۇشلۇقلارنى تېپىپ كېلىپ ، بىلمىگەن سۆزلۈكلەر ئۇچرىسا ئاستىغا سىزىپ ، شۇ ۋاقىتىتىكى مەنىسىگە قوشۇپ ئۆگەنسەك ، ئەستە ساقلىساق ناھايىتى ياخشى بولاتتى . لېكىن بىز تېز ھەم تولۇق ئۆگەنمەكچى شۇڭلاشقا يۇقىرىقى مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن سۆزلۈك قوللانمىسى يادلاش بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تاللايدىغان بىردىنبىر تاللىشىمىز ، ئەمەلىيەتتە بۇ ناھايىتى ئاسان ئۇسۇل ، بەزىلەر تەرىپىدىن بۇ ئۇسۇلنىڭ قوبۇل قىلىنماسلىقى پەقەت شۇ سۆزلۈك قوللانمىسىنى قانداق ئۆگېنىشنى بىلمىگەنلىكىدە .