-
تاۋباۋ(taobao)دا تور دۇكىنى ئېچىپ باقتىم - [كۆرگەن- بىلگەنلىرىمدىن]
2009-03-20
توردا دۇكان ئېچىش تور سودىسىغا قىزىقىدىغان شەخىسلەرگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇسۇل. ھەرقانداق بىر مەھسۇلات، ئۇچۇر ياكى مۇلازىمەتنى سىز تور سودىسى ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادىي پايدىغا ئايلاندۇرالايسىز. كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان ئەلىبابا شىركىتى قارمىقىدىكى تاۋباۋ تورى مۇكەممەل ئىقتىدار ۋە قولايلىق سودا– سېتىق سۇپىسى تەمىنلەپ بەرگەن بولۇپ، سىز ئەگەر پارچە سېتىش تۈرىگە قىزىقسىڭىز ئەلىبابا تورىدىن ماللارنى ئەرزان باھادا توپ ئېلىۋېلىپ بۇ يەردە پارچە ساتسىڭىزمۇ ۋە ياكى ئۆزىڭىدە بار بولغان كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدىكى سىزگە نىسبەتەن ئىشلىتىلىش قىممىتى بولمىغان لېكىن باشقىلارغا پايدىلىنىش قىممىتى بار نەرسىلەرنى تور دۇكىنىغا تىزىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. تور سودىسىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن توردا دۇكان ئېچىشنىڭ تەپسىلىي جەريانى ۋە قەدەم باسقۇچلىرىغا دائىر بىرىنجى قول ماتېرىيالغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۈچ كۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاخىرى تاۋباۋ تورىدا ھەقسىز بىر دۇكانغا ئىگە بولدۇم، دەسلەپكى قەدەمدە ھەقسىز دۇكانغا ئېرىشىش ئۈچۈن پېقىردا بار بولغان 10 پارچە كىتاب مال قاتارىغا تىزىلدى: