-
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى100مەشھۇر ئەسەر - [تەپەككۈردىن تەرمىلەر]
2009-01-31
ئىز : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
ئويغانغان زېمىن : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
قۇم باسقان شەھەر : مەمتىمىن ھوشۇر
ئىزدىنىش : زوردۇن سابىر
مەھمۇد قەشقەرى : پەرھاد جىلان
ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە : خېۋىر تۆمۈر
قانلىق يەر : مەمتىمىن توختايوپ
سۇتۇق بۇغراخان : سەيپىددىن ئەزىزى
بۆرە ئانا : توختى ئايۇپ
لېيىغان بۇلاق : جالالىدىن بەھرام
ئۇنتۇلغان كىشىلەر : ئەخەت تۇردى
داغ : ئەبەيدۇللا ئىبراھىم -
ئەخلاقنىڭ مەنبەسى - [تەپەككۈردىن تەرمىلەر]
2009-01-31
«كۆۋرۈك مەسىلىسى» بىر تەرەپلىمە ھىسسىي سوئال : يەنە بايىقى پويىز كېلىۋاتىدۇ ، سىز پەقەت ھەمراھىڭىزنى كۆۋرۈكتىن ئىتتىرىۋېتىپ ، ئۇنىڭ سېمىز بەدىنى ئارقىلىق پويىزنى توسۇپ قالغىنىڭىزدىلا ، رېلىستا ياتقان بەش ئادەمنى قۇتقۇزۇپ قالالايسىز ، سىز شۇنداق قىلامسىز ؟ سىناقنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىي «ياق »دەپ جاۋاپ بەرگەن . سىناقنى قوبۇل قىلغۇچىلار بۇ سوئالغا جاۋاپ بەرگەندە ، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى توقۇنۇشقا مەسئۇل قىسمىنىڭ مۇناسىپ جانلىنىپ ، سىناقنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ مېڭىسىدە مەلۇم ھېسسىياتنىڭ ئىدراك بىلەن كەسكىن توقۇنۇشۇۋاتقانلىقىنى ھەم ئاخىرىدا ئىدراكتىن غالىب كەلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن .
گرېننىڭ قارىشىچە ، بۇ خىل ھېسسىيات دەل ئەخلاقنىڭ مەنبەسى ئىكەن . «كۆۋرۈك مەسلىسىدە »دە ، ئىدراكنىڭ قارارى (سېمىز ھەمراھىنى ئىتتىرىۋېتىش) ئىنسانلارنىڭ تۇغما تەبئىيتىگە بىۋاسىتە خىلاپلىلق قىلغان (ئادەم ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ)، شۇڭا سىناقنى قوبۇل قىلغۇچىلار غەيرىي ئىدراك ئۇسۇلىنى تاللاپ ، ئەخلاقنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىگە يول قويغان . -
يەر شارىدىكى تۇرمۇش سۈپىتى رەت تەرتىپى - [تەپەككۈردىن تەرمىلەر]
2009-01-31
ئەنگىلىيە «ئىقتىسادشۇناسلار» ژورنىلىنىڭ يەر شارىدىكى 183 دۆلەت ۋە رايوننىڭ تۇرمۇش سۈپىتى كۆرسەتكۈچىنى تەكشۈرۈشتىن ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە : شىمالىي ياۋروپادىكى نورۋېگىيە بىلەن ئىسلاندىيە ئايرىم – ئايرىم بىرىنچى ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئالدىنقى يىگىرمىنىڭ ئىچىگە كىرگەن دۆلەتلەر ئاساسەن ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىكەن ، ئاسىيە قىتئەسىدىن پەقەت ياپونىيىلا 7– ئورۇنغا كىرەلىگەن . بىلىشىمىزچە ، بۇ رەت تەرتىپ ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلار بالىلار پاراۋانلىقى ، ئوتتۇرىچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش يېشى ، ئوتتۇرىچە كىرىم ، ساغلاملىق داۋالاش سۈپىتى قاتارلىق 200 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچنى تەكشۈرۈپ ، باھالاش ئارقىلىق چىقىرىغانىكەن .
-
بەخىتكە تۇتىشىدىغان يول - [تەپەككۈردىن تەرمىلەر]
2009-01-30
4.ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭ . دوستلىرىڭىزغا ، ھەمراھىڭىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك . بىرلا قېتىمدا جان – جېگەر دوستىدىن بەشنى ساناپ بېرەلەيدىغان كىشلەر ھېچقانداق دوستىنى ساناپ بېرەلمەيدىغان كىشىلەردىن ئۆزىنى تېخىمۇ بەخىتلىك ھېس قىلىشىدۇ .
5.چىرايىڭىزدا بەخىت تۇيغۇسى بولسۇن ، ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى ، چىرايىدا بەخىت تۇيغۇسى بار كىشىلەر ئۆزلىرىنى تېخىمۇ بەخىتلىك ھېس قىلىشىدۇ . دائىم خوشال كۈلۈپ يۈرگەندە ،چوڭ مېڭىدىكى بەخىت سېزىمىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ . -
بىر ئىشنى پۇختا قىلىڭ - [تەپەككۈردىن تەرمىلەر]
2009-01-30
كۈندە بىر ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش ئانچە تەسمۇ ئەمەس ، ئۇنچە ئاسانمۇ ئەمەس . چۈنكى ، بىز كۈندە بىر ئىشنى پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن قىلساق ، ۋايىگە يەتكۈزۈپ قىلغىلى بولمايدىغان ئىش بولمىسا كېرەك . يالغۇزلۇققا ، زېرىكىشلىككە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئادەم ھېچ ئىشتىن قانائەت ھاسىل قىلالماي ، ئىلگىرىلەش يولىنى ئۆزى توسۇپ قويىدۇ ؛ يالغۇزلۇققا ، زېرىكىشلىككە بەرداشلىق بېرەلىگەن ئادەم باشتا مەلۇم بىر ئىشقا ئانچە كىرىشىپ كېتەلمىگەندەك قىلغان بىلەن ، ۋاقىتنىڭ سۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ ئۆزىگە ئاز– ئازدىن نەپ يەتكۈزۈپ ، ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ .