• كۈندە بىر ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش ئانچە تەسمۇ ئەمەس ، ئۇنچە ئاسانمۇ ئەمەس . چۈنكى ، بىز كۈندە بىر ئىشنى پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن قىلساق ، ۋايىگە يەتكۈزۈپ قىلغىلى بولمايدىغان ئىش بولمىسا كېرەك . يالغۇزلۇققا ، زېرىكىشلىككە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئادەم ھېچ ئىشتىن قانائەت ھاسىل قىلالماي ، ئىلگىرىلەش يولىنى ئۆزى توسۇپ قويىدۇ ؛ يالغۇزلۇققا ، زېرىكىشلىككە بەرداشلىق بېرەلىگەن ئادەم باشتا مەلۇم بىر ئىشقا ئانچە كىرىشىپ كېتەلمىگەندەك قىلغان بىلەن ، ۋاقىتنىڭ سۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ ئۆزىگە ئاز– ئازدىن نەپ يەتكۈزۈپ ، ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ .