-
2010-11-28
شېئىر:قالارمىدىم ھەسرەتتەمۇنداق - [يازمىلىرىم]
قالارمىدىم ھەسرەتتەمۇنداق
ھايات خۇددى دولقۇنلۇق دەريا،
گاھ چۆكۇپ گاھ قالىدىم لەيلەپ.
جۇدۇن-چاپقۇن ،ھەم قۇيۇن بىردىن،
ئارمىنىمنى يوق قىلدى چەيلەپ.
-
2010-11-28
شېئىر:چىغىريول - [يازمىلىرىم]
چىغىريول
ئېتىز-قىرلار ئارا سوزۇلغان،
ئەگىم-ئەگىم بولۇپ يېيىلغان،
ئۆستەڭلەردىن كېچىك ياسىغان،
ئەجداتلىرىم ماڭغان چىغىر يول.
-
2010-11-18
غۇلجا شەھىرى - [ئىلى دىيارىدا]
غۇلجا شەھىرى
غۇلجا شەھىرى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. شەرقىي شىمالى غۇلجا ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن، غەرب،شىمال تەرەپلىرى قورغاس ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 575 كۋادرات كىلومېتىر، شەھەرگە بىر بازار، ئالتە يېزا، ئالتە مەھەللە ئىش باشقارمىسى، 59 ئاھالە كومىتېتى، 38 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ.
-
2010-11-18
شېئىر:يارنىڭ جاۋابى - [يازمىلىرىم]
يارنىڭ جاۋابى
سۇئالىڭغابېرەلمەي جاۋاپ،
تېڭىرقاشتا تۇردۇم سۇكۇتتە.
مانا ئەمدى بىلگىن ئارزۇھەم،
ئشتىياقتا تىزدىم دۇر-ئۇنچە .
-
2010-11-18
شېئىر:ئاغرىنمىغىن زاماندىن ئەمدى! - [يازمىلىرىم]
ئاغرىنمىغىن زاماندىن ئەمدى!
غۇربەتلىكتە ئۆتكەندە"نان"دەپ،
بۇغدۇيىڭنى خەق ئالغان "جان"دەپ.
دەلەلمىگەچ بۇ يولدىن "يان!" دەپ،
ئاغرىنمىغىن زاماندىن ئەمدى!
-
2010-11-15
شېئىر:ھېيىت بۈگۈن - [يازمىلىرىم]
ھېيىت بۈگۈن
(تورداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىگە بېغىشلايمەن)
-
2010-11-15
شېئىر:شۇنداق گەپ بولدى - [يازمىلىرىم]
شۇنداق گەپ بولدى
«قاراڭلارچۇ ما خوشنامىنىڭ ھالىغا،
پۇل تاپتى دەپ خەۋەرلەرمۇ كەپ بولدى.
كىم بىلىدۇ ھارام پۇلمۇ تاپقىنى.....»
مەھەللىدەئەنە شۇنداق گەپ بولدى.
-
2010-11-06
شېئىر:شۇنچىلىك - [يازمىلىرىم]
شۇنچىلىك
يىغا بىلەن كۆز ئاچقاندا دۇنياغا،
بىلىپمىدىم بۇ دۇنيانى بۇنچىلىك.
تەتە قىلىپ ماڭدۇرغاندا ئانىجان،
مەنزىلىمنى دەپتىكەنمەن شۇنچىلىك.
-
2010-10-30
شېئىر:مەيلى دەپ سۈكۈتتە ئۆتەمدۇق شۇنداق - [يازمىلىرىم]
مەيلى دەپ سۈكۈتتە ئۆتەمدۇق شۇنداق
ئەتىدىن-كەچكىچە ئىبادەت قىلىپ،
تەڭرىگە يىلىنىپ ساخاۋەت تىلەپ.
تەييارغا ھەر دائىم چىشىڭنى بىلەپ.
مەيلى دەپ سۈكۈتتە ئۆتەمدۇق شۇنداق.
-
2010-10-16
شېئىر:دوستۇمغا سۇئال - [يازمىلىرىم]
دوستۇمغا سۇئال
ئۆتتى كۈنۈڭ دوستۇم مەي ئىچىپ،
ئويلا ئەمدى گۈزەل ئەتەڭنى.
قاراپ باققىن زامان ھۆسنىگە،
بۇزغىن سەنمۇ ئەسكى كەپەڭنى.
>























