-
2010-11-28
شېئىر:چىغىريول - [يازمىلىرىم]
چىغىريول
ئېتىز-قىرلار ئارا سوزۇلغان،
ئەگىم-ئەگىم بولۇپ يېيىلغان،
ئۆستەڭلەردىن كېچىك ياسىغان،
ئەجداتلىرىم ماڭغان چىغىر يول.
گاھى دەريا بىلەن بويلۇشۇپ،
گاھى ئورمان بىلەن قوغلۇشۇپ،
گاھى قۇملۇق ئارا تولغۇنۇپ،
سەپەر قىلساڭ تۈگمەس چىغىر يول.
بەزەن ئۆتسەڭ چىغلىق ئارسىدىن،
يا ئۆتەرسەن توغراق ئاستىدىن،
ياكى تىكەن، يانتاق قېشىدىن،
سەيلىگاھقا باشلار چىغىر يول.
بويلىرىدا دەرەخ ئىگىلگەن،
گۈل-چىچەكلەر چوغدەك ئىچىلغان،
خۈش پۇرىغى گۈپ-گۈپ پۇرىغان،
راھەت بېرەر گۈلخان چىغىر يول.
ئىككى ياندا ئوت-چۆپ گىيالار،
سالام بىرەر سەلكىن شامالدا،
ساپ ھاۋادىن تېنىڭ سامادا،
جانغا ھوزۇر بەرگەن چىغىر يول.
نەزمە ئوقار تورغاي يول بويى،
تاڭ سەھەردە سايرار بۇلبۇلى،
تېنىم يايرار يۇرسەم كۈنبويى،
جەننىتىمسەن ھەردەم چىغىر يول.
بەزى يېرى شىغىل، قۇم- توپا ،
بىلىنمەيدۇ تارتسام كۆپ جاپا،
ئانا تۇپراق تونۇشتۇر ماڭا،
شۇڭا دەيمەن ئەزىز چىغىر يول.
تالاي ئىزلار قالغان ئۇنىڭدا...،
ئەنە ئاتام كىلەرچېڭىدا ،
يالاڭ ئاياق ،كەتمەن دولىدا،
ھارغان چاغدا ھەمرا چىغىر يول.
شەھەرلەردە يۈرسەم كەڭ يولدا،
قايتقىم كىلۇر ئەشۇ تار يولغا،
يۈرەلەيمەن خۇرجۇنۇم دولدا،
تەغدىرىمگە كۈلگەن چىغىر يول.
历史上的今天:
ئىلىدىكى ‹‹شىنجاڭ بويىچە ئەڭ›› لەر 2010-11-28سايرام كۆلى ھەققىدە 2010-11-28شېئىر:قالارمىدىم ھەسرەتتەمۇنداق 2010-11-28
收藏到:Del.icio.us