ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-11-28

    شېئىر:قالارمىدىم ھەسرەتتەمۇنداق - [يازمىلىرىم]

    قالارمىدىم ھەسرەتتەمۇنداق

     

    ھايات خۇددى دولقۇنلۇق دەريا،

    گاھ چۆكۇپ گاھ قالىدىم لەيلەپ.

    جۇدۇن-چاپقۇن ،ھەم قۇيۇن بىردىن،

    ئارمىنىمنى يوق قىلدى چەيلەپ.

     

    تېرىشتىمغۇ ئىزدەپ يول شۇنچە،

    چىقالمىدىم بارچە يول تاقاق.

    نە قىسمەت بۇ تەغدىرىم كاژمۇ؟

    زېرەك ئىدىم ئەمەستىم ساياق.

     

    باشقا بەندە يارالسا قانداق،

    زۇگۇلام تەڭ يارالغان شۇنداق.

    كەلسە باشتا تەلىيىم ئوڭ بوپ،

    قالارمىدىم ھەسرەتتەمۇنداق.

     

    رەنجىپ يۇردۇم ھەممىدىن دائىم،

    ئۆزەم نادان بولساممۇ گەرچە.

    ئامەت، تەلەي كەلسىمۇ بىلمەي،

    ئالالماستىن خوشاللىق زەرچە.

     

    تېخى مەنزىل ئۇزاقتۇر، ئۇزاق،

    باغلاي ئېرادە ياشاشقائەلدەك.

    نادان، قاششاق ئادەتنى تاشلاي،

                بوپ قالمىغاي ئەۋلادىم مەندەك.

     

    2010-06-17

     


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.