-
2010-11-28
ئىلىدىكى ‹‹شىنجاڭ بويىچە ئەڭ›› لەر - [ئىلى دىيارىدا]
ئىلىدىكى ‹‹شىنجاڭ بويىچە ئەڭ›› لەر
باياندايدىكى دۆلەت مۇداپىئە قۇرلۇشى شۆتاڭ (مەكتەپ)1902-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى ھەربىي ئىشلار مەكتىپى ھېسابلىنىدۇ.
**ئىلى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ بۇرۇن ‹‹ قوش تىل›› ئوقۇتۇشنى يۈرگۈزگەن جاي بولۇپ، مىنگونىڭ 2-يىلى (1913-يىلى) شىبە لاگىر باشلانغۇچ مەكتىپىدە(锡伯营小学)خەنزۇ - مانجۇ يېزىقىدا دەرىس ئۆتۈلگەن.
*ئىلى شىنجاڭ بويىچە شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئادالەت تۇغى تۇنجى بولۇپ كۆتۈرۈلگەن جايدۇر.
*ئىلى مۇڭغۇلكۈرەدىكى شىڭيۇ ئىبادەتخانىسى شىنجاڭدىكى ھازىرغىچە ساقلانغان ئەڭ چوڭ،ئەڭ قەدىمىي لاما ئىبادەتخانىسىىدۇر
* قورغاس(كۈرە) قەدىمىي شەھىرى شىنجاڭدىكى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر چىڭ سۇلالىسىگە ئائىت قەدىمىي شەھەردۇر
* ئىلى شىنجاڭدىكى تاۋار ئاشلىق ۋە ياغ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ئەڭ كۆپ رايۇن.
* نىلقىدىكى قەدىمىي بىرونزا خارابىلىكى شىنجاڭدىكى بايقالغان ئەڭ قەدىمىي كان قۇدۇقى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.
*خان ئۆستىڭى (ھازىر خەلىق ئۆستىڭى) شىنجاڭ تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئىنىشائىتى ئەسلىھەسى بولۇپ، سۇغۇرۇش كۆلىمى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ
*غۇلجا شەھىرىدىكى شەنشى مەسچىتى شىنجاڭدىكى ئەڭ قەدىمىي خۇيزۇ مەسچىتى ھېسابىنىدۇ .
*ئىلىنىڭ ياغلىقدان ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى شىنجاڭدا1- ئورۇندا تۇرىدۇ.
*ئىلىنىڭ سوغىگۈل،چاكاندا،بۇغا مۇڭگۈزى،دىڭزىيا،ھىڭ(ئەنجۈدان)،قار لەيلىسى،جىغان،ئۆرۈك مېغىزى،قاتارلىق 20نەچچە خىل *دورا ماتېرىيالىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى ئوتۇندا تۇرىدۇ.
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
* ئىلىنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ
*ئىلى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ تالالىق زىغىر ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدۇر.
*ئىلى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ قىزىل يەر شارى ئۈزۈمى يېتىشتۈرۈش بازىسىدۇر.
*ئىلىنىڭ قىزىلچا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى شىنجاڭ بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ.
历史上的今天:
سايرام كۆلى ھەققىدە 2010-11-28شېئىر:قالارمىدىم ھەسرەتتەمۇنداق 2010-11-28شېئىر:چىغىريول 2010-11-28
收藏到:Del.icio.us