ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-11-30

    رەخىم قاسىم - [ئاتاقلىق كىشىلەر]

     رەخىم قاسىم

     50 - يىللارنىڭ باشلىرىدىلا ئەدەبىيات قوشۇنىغا قەدەم قويۇپ، ئىجادىي ئەمگەكلىرى بىلەن پوئىزىيەمىزنىڭ راۋاجلىنىشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشقان ئىقتىدارلىق شائىر رەخىم قاسىم «بىزنىڭ ئىرادە»، «ھاياتقا مەدھىيە»، «چولپان»، «يەر - ئانا» ناملىق شېئىر، داستان توپلاملىرى بىلەن كەڭ كىتابخانلىرىمىزغا تونۇش.

      
    رەخىم قاسىم 1936 - يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ ھەيرانباغ مەھەللىسىدە شەھەر كەمبەغىلى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇ 1947 - يىلىغىچە ھەيرانباغ باشلانغۇچ مەكتىپىدە، 1949 - يىلىغىچە «غۇلجا ئۈمىد» مەكتىپىدە، 1949 - يىلىدىن 1951 - يىلىغىچە ئىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇدى. 1953 - يىلى 7 - ئايدا شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىدە ئىشلەپ كەلگەن. ئۇ 1956 - يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ «لۇشۈن» نامىدىكى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن.

      رەخىم قاسىم تۇنجى شېئىرى 1952 - يىلى «ئالغا» گېزىتىدە ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئەدەبىيات قوشۇنىغا قەدەم قويغاندىن بۇيان، شېئىر، باللادا، داستانلارنى، ئەدەبىي ئوبزورلارنى يازدى. جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى كۆپلىگەن داڭلىق شائىرلارنىڭ بىر مۇنچە شېئىرىي ئەسەرلىرىنى، مەسىلەن، لى بەي، دۇفۇ، گومورو، تيەن جەن، ئەي چېڭ، گو شياۋچۇەن، لى جى قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرىنى، جاڭ جىژمىننىڭ «دەسلەپكى مۇھەببەت»، «تىيانشانغا ئوخشاش بول»، ۋىن جىنىڭ «تىيانشان ناخشىسى» ناملىق شېئىر توپلاملىرىنى، پابلونېرودا، سىرگىي يىسىنىن قاتارلىقلارنىڭ تاللانغان شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇر كىتابخانلىرىغا تونۇشتۇردى. 1961 - يىلى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە «خەنزۇ شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى» دېگەن توپلامنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇردى. «تيەنئەنمېن شېئىرلىرى»، «ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ شېئىرلىرى»نى تەرجىمە قىلىش، تەھرىرلەشكە قاتناشتى. ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان «تارىم»، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىدا تەھرىرلىك قىلغاندىن سىرت، «تاڭ ناخشىلىرى»، «يېڭىش تۇيغۇسى»، «ئۆمۈر چېچەكلىرى» دېگەن شېئىر توپلاملىرىنى تەھرىرلەپ نەشىر قىلدۇردى. لېكىن ئۇنىڭ ئومۇمىي ئىجادىيىتىگە نەزەر سالساق، شېئىر ئىجادىيىتى ۋە بۇ جەھەتتىكى نەتىجىلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.


      رەخىم قاسىم شېئىر ئىجادىيىتىدە ئۆزىگە تەلەپنى قاتتىق قويىدىغان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇنىڭ 1952 - يىلىدىن بۇيان ئېلان قىلدۇرغان شېئىر، داستان، باللادىلىرى خەلق ئىچىدە زور تەسىر قوزغاپ كەلمەكتە.

     مەنبە:چەشمە تورى


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.