ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-11-30

    شېئىر:بىكار ئەمەس - [يازمىلىرىم]

    بىكار ئەمەس

    (شەخلانىڭ"ئەمەس" دىگەن شېئىرىغا مۇشائىرە)

    يار يولىدا تەشنا بولۇپ كۈتكەن سەنمۇ،

    چۈشلىرىدە ھەمرا بولدۇڭ يالغان ئەمەس.

    چاڭقاپ كەلسە شەربەت بەرگەن چىن قەلبىڭدىن،

    بۇ قىسمەتتىن قاچماق بوپسەن مۇمكىن ئەمەس.

     

    خوش دەپ ماڭساڭ ھازىداردەك زار يىغلىغان،

    غەمگۈزارنىڭ ھىجىران دەردى تولغان پەۋەس.

    مەنزىلىمگە سەپەرداش دەپ سەن تاللىغان،

    ئەمدى دەمسەن: "تۇماندىكى  بۇبىر ھەۋەس".

     

    گەرئۇچراشساڭ يۈرۈگۈڭمۇ جىممۇ تۇرماس،

    دەلەلمەيسەن:"قەلبىڭدىكى دىلدار ئەمەس!"

    سۆيگۈ دىگەن چاخچاق بولسا مەنا نىمە،

    يۈرۈگۈڭدە قالغان ئىزى، بىكار ئەمەس!

    2010-7-15


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.