ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-12-06

    «تۇلپار ماكانى» مۇڭغۇلكۈرە ھەققىدە - [ئىلى دىيارىدا]

    «تۇلپار ماكانى» مۇڭغۇلكۈرە ھەققىدە

    " تۇلپار ۋە شۇڭقار ماكانى"موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تېكەسدەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان.

    شەرقى تېكەس ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى باي ناھىيىسى ھەم ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.

     غەربىي تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. (چېگرا سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 186 كىلومېتىر). شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 141 كىلومېتىر،

              جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 132 كىلومېتىر ، ئومۇمىي

    يەر كۆلىمى 10 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر، ناھىيىگە بىر بازار، توققۇز يېزا، 84 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ.

     تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ تۆت تۇەن - مەيدانى، لەنجۇ ھەربىي رايونىنىڭ موڭغۇلكۈرە ھەربىي ئات مەيدانى ۋە غەربىي تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ موڭغۇلكۈرە ئورمانچىلىق مەيدانى قاتارلىقلار بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 871 كىلومېتىر. 2009- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 144 مىڭ 200 بولۇپ، قازاقلار 46.58% نى، ئۇيغۇرلار 9.77% نى، باشقا مىللەتلەر 14.27%  تەشكىل قىلىدۇ.

     (بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېگەللىگەننوپۇسى بۇرۇنقىغا قارغاندا بىرقەدەر كۆپ بولىشى مۇمكىن)

    ئالمىزار تورى


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.