ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-12-06

    بۇ قەھرىمانلارنى بىلەمسىز؟ - [ئاتاقلىق كىشىلەر]

     سابىت بەگزات
    مەرھۇم سابىت بەگزات 1918- يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان . 1944- يىلى 26 يېشىدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى مىللىي ئىنقىلاۋى ئارمىيىنىڭ سېپىگە قاتنىشىپ ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ ، خەلقنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن قان - تەر ئاققۇزۇپ ، جەڭلەردە غەيرەت - شىجائەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىزۋوت كوماندىرى دەرىجىسىگە كۆتىرىلگەن . ئۇ 1945- يىلى سېنتەبىردىكى پۈتۈن ئۈچ ۋىلايەتكە مەشھۇر بولغان جىڭ ناھىيىسىنى ئازات قىلىش ئۇرۇشىدا ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى ۋەتەن ، خەلق ئۈچۈن تەقدىم قىلىپ ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان .

    مودېباۋ (خۇيزۇ)

    مەرھۇم مودېباۋ 1915- يىلى سۇيدىڭ ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن ، 1931- يىلدىن 1943- يىلغىچە بايلارغا ياللىنىپ ئىشلەپ ئىزىلگەن ، 1944- يىلى قولىغا قورال ئېلىپ مىللىي ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ ، ئازاتلىق ۋە ئادالەتلىكنى بەرپە قىلىش يولىدا جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلغان . مەرھۇم مۇدېباۋ  1944- يىلى 11- ئايدىكى ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان .

    ياقۇپ ھەسەن

    مەرھۇم ياقۇپ ھەسەن 1926- يىلى غۇلجا شەھەر ئۈچدەرۋازا مەھەللىسىدە كەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن1944- .
     يىلى تېخى ئەمدىلا 19 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان چېغىدا زەربىدارلىق بىلەن ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ ، ئازاتلىق كۈرىشىگە ئاتلانغان . شىددەتلىك جەڭلەر داۋامىدا غايەت زور چىدام ۋە غەيرەت كۆرسەتكەن . ئۇ1944- 
    يىلنىڭ ئاخىرىدا ھەرەمباغدىكى كەسكىن جەڭدە بەختكە قارشى ئېغىر يارىلىنىپ ، ھەر تەرەپلىمە تىرىشچانلىق بىلەن قۇتقۇزۇش كار قىلماي دوختۇرخانىدا ۋاپات بولغان .

    مۇخپۇل روزى

    مەرھۇم مۇخپول روزى 1926- يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان . 1944- يىلى مىللىي ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ ، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەنلىكى ، ۋەزىپىلەرنى بەجەدانلىق بىلەن ئورىندىغانلىقى ئۈچۈن ، ئىزۋوت كوماندىرلىقىغا كۆتىرىلگەن . 1945- يىلى جىڭ ناھىيىسىنى ئازات قىلىش جېڭىدە ئالاھىدە جان پىدالىق كۆرسىتىپ،
    قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان . مەرھۇم قۇربان بولغان چېغىدا ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن ئىدى

    بۇ قەھرىمانلارنى بىلەمسىز؟

     

    ئەكبەر ئىبرايىم

    مەرھۇم ئەكبەر ئىبرايىم 1929-يىلى چاپچال ناھىيسىنىڭ جاغاستاي يېزىسىدا دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولوپ ، 1944-يىلى 15 يېشىدىلا ئۆزىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي جان پىدالىق بىلەن ئىنقىلاۋى قوشۇنغا قاتنىشىپ، جەڭلەردە باتۇرلۇق ۋە غەيرەت كۆرسىتىپ ، خەلىقنىڭ ئازاتلىقى ۋە ئەركىنلىكى ئۇچۇن ئۆزىنىڭ ياش ھاياتىنى تەغدىم قىلغان.
    مەرھۇم 1944-يىلى كۇزدىكى غۇلجا ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا قەھىرمانلارچە قۇربان بولغان.

    ئىمىنجان مەخسۇت

    مەرھۇم ئىمىنجان مەخسۇت 1920-يىلى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيسىدە دۇنياغا كېلىپ گۇدەك چېغىدىلا ئاتا-ئانىسى بىلەن غۇلجىغا چىقىپ ، غۇلجا قاردوڭ مەھەلىسىدە ئولتۇرغان ، 1945-يىلى مىللى ئارمىيەگە كىرىپ، شۇ يىلى سىنتەبىردىكى شىخو ناھىيسىنى ئازات قىلىش چوڭ ئۇرۇشىدا باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ ، قەھىرمانلارچە قۇربان بولغان. مەرھۇم قۇربان بولغان چېغىدا 25 ياشتا ئىدى.
    مامۇت ئېلىيۇپ

    مەرھۇم مامۇت ئېلىيۇپ 1920-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1944-يىلى 11-ئايدا مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ، نۇرغۇن جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن ، 1945-يىلى كۇزدە ماناس دەرياسى بويدىكى جەڭدە قەھىرمانلارچە قۇربان بولغان.
    مۇھەممەتچان

    مەرھۇم مۇھەممەتچان 1918-يىلى غۇلجاشەھرىدە تۇغۇلغان، 1944-يىلى 11-ئايدا مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ ،كۆپ قېتىم شىددەتلىك جەڭلەرگە قاتنىشىپ باتۇرلۇق كۆرسەتكەن، 1945-يىلى كۈزدىكى شىخو سوقىشىدا قەھىرمانلارچە قۇربان بولغان.
    مۇھەممەت ئەلى

    مرھۇم مۇھەممەت ئەلى 1927-يىلى غۇلجاشەھرىدە تۇغۇلغان. 1944-يىلى 11-ئايدا 17يېشىدا مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ ، ئالاقىچى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. شىددەتلىك جەڭلەردە يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقتىن قورقماي ئالاقىچىلىك قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەن. 1944-يىلى كۈزدىكى غۇلجا ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا ئۆزىنىڭ ياش غۇنچىدەك ھاياتىنى خەلىقنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن قەھىرمانلارچە قۇربان بولغان.
    شىريازدان خالىق

    مەرھۇم شىريازدان خالىق 1908-يىلى غۇلجاشەھرىدە تۇغۇلغان ، مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ تەغدىرلەنگەن. غۇلجا ھەرەمباغ سوقىشىدا قەھىرمانلارچە قۇربان بولغان.
    توختاخۇن قادىر

    مەرھۇم توختاخۇن قادىر 1926-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. 1944-يىلى 11-ئايدا مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ ، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن. 1945-يىلى سىنتەبىردىكى شىخو ئۇرىشىدا ئۆزىنىڭ ياش ھاياتىنى تەغدىم قىلغان .
    مەرھۇم قۇربان بولغان چىغىدا ئەندىلا 19 ياشتا ئىدى.
    ھاجى ئەيسا

    مەرھۇم ھاجى ئەيسا 1901-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان 1944-يىلى نويابىردا مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن. 1944-يىلى كۈزدىكى غۇلجا ھەرەمباغ سوقىشىدا قەھىرمانلارچە قۇربان بولغان.
    خۇدابەردى

    مەرھۇم خۇدا بەردى 1924-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتناشقان،نۇرغۇن خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن.1945-يىلى سۇيدىڭدە قۇربان بولغان.
    مۇھەممەت ئىمىن

    1917-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان.1944-يىلى نويابىردا مىللى ئارمىيەگە قاتناشقان.1945-يىلى كۈزدە شىخو ئۇرىشىدا قۇربان بولغان.
    مۇتەللىپ

    مەرھۇم مۇتەللىپ 1928-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان .1944-يىلى نويابىردا 16 يېشىدا كۈچلۇك تەلىپى بىلەن مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،شۇ يىلى ھەرەمباغ ئۇرىشىدا قۇربان بولغان.
    ھۇسەيىن (خۇيزۇ)

    مەرھۇم ھۇسەيىن 1924-يىلى 5-دىكابىر غۇلجىنىڭ ئالتۇنلۇق مەھەلىسى ئەمگەكچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتناشقان،نۇرغۇن خىزمەت كۆرسىتىپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. 1945-يىلى شىخو ئۇرىشىدا قۇربان بولغان.
    مۇختەر خېلىل

    1912-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان .1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتناشقان،نۇرغۇن باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى ھەرەمباغ ئۇرىشىدا قۇربان بولغان.
    نىيازۇپ

    1924-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان .1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتناشقان.1948-يىلى قەھىرمانلارچە قۇربان بولغان.
    يۇسۇپچان تۇردى

    1941-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان.1962-يىلى جۇڭگۇ خەلىق ئازاتلىق ئارمىيسىگە شەرەپ بىلەن قاتنىشىپ ، شۇيىلى جۇڭگۇ – ھىندىستان چىگرا ئۇرىشىدا باتۇرلۇق كۆرسىتىپ قەھىرمانلارچە قۇربان بولغان.
    تۇرسۇن توختى

    1925-يىلى غۇلجا شەھەر قاردۆڭ مەھەلسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى19يېشىدا مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ، ئكزىنىڭ قەھىرمانلارچە ئىش ئىزلىرىنى ئەلگە تەغدىم قىلغان، ئۇگومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ قەبىھ زۇلىمىغا قارشى جەڭدە جان –تېنىنى تىكىپ كۆرەش قىلىش ئىرادسىنى تىكلىگەن.1944-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلىپ بىرىلغان لەڭشاڭ ئۇرشىدا قەھىرمانلارچە قۇربان بولغان.
    ئابدىرھىم موللاخون

    1929-يىلى تۇغۇلۇپ.1946-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ.1949-يىلى 9-ئايدا باندىت تازلاش جىڭىدە قۇربان بولغان.
    روزىيۇپ ئابدىراخمان

    1920-غۇلجا سۇ دەرۋازا مەھەلسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى 12-ئايدا مىللى ئارمىيەگە قاتناشقان.1945-يىلى جىڭ ناھىيسىنى ئازات قىلى جىڭىدە قۇربان بولغان.
    شاكىرجان زاھىر

    1928-يىلى غۇلجا ئايدوڭ مەھەلىسىدە تۇغۇلغان.1949-يىلى جەلىق ئازاتلىق ئارمىيسىگە قاتنىشىپ.1953-يىلى ئالتايدا باندىت تازلاش ئۇرىشىدا قۇربان بولغان.
    ھەمرا غۇلام

    1895-يىلى غۇلجىنىڭ ناغرىچى مەھەلىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيگە قاتناشقان.شۇيىلى غۇلجا ئايرىدۇرۇمىدا جەڭدە قۇربان بولغان.
    ھۇسەنجان ھېبىبۇللا

    1915-يىلى تۇغۇلغان.1944-يىلى 11-ئايدا مىللى ئارمىيەگە قاتنشىپ .شۇ يىلى ھەرەمباغ ئۇرىشىدا قۇربان بولغان.
    تۇرسۇن تاجى

    1930-يىلى مۇڭغۇل كۈرە ناھىيسدە تۇغۇلغان.1948-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتناشقان.1950-يىلى تاشقورغان ناھىيسىنىڭ چىگرىسىدىن گومىنداڭ قالدۇق لىرى تۇتۇپ كەتكەن.
    غوپور ۋىلەم

    (1914-1945) 1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ.لەڭشاڭ ئۇرشىدا قۇربان بولغان.
    ئىمىن مۇھەممەت

    1919-يىلى قەشقەردە تۇغۇلۇپ كىچىكلا غۇلجىغا يېنىپ چىقىپ،قازانچى مەھەلىسىدە ئولتورغان،1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ شۇيىلدىكى ئايرىدۇرۇم جىڭىدە قۇربان بولغان.
    داۋۇت كېرىم

    (1924-1945) 1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ ، لەڭشاڭ ئۇرىشىدا قۇربان بولغان.
    بەختى

    (1925-1945)1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،شىخو ئۇرىشىدا قۇربان بولغان.
    قاۋۇل مومىن

    (1930-1945)1944-يىلى 5-ئايدا گومىنداڭغا ئەسكەرلىككە تۇتۇلۇپ.1944-يىلى نويابىردا
    گومىنداڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ چىقىپ ئەدىلنىيە كوماندىرى بولغان.ئاقسۇ كوناشەھەردە قەھىرمانلارچە قۇربان بولغان.
    ئابدۇكىرىم

    (1914-1944)1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ ، ھەرەمباغ ئۇرىشىدا قۇربان بولغان.
    ئىسمائىل

    1921-يىلى غۇلجىنىڭ ھاجى بولوس مەھەلىسىدە تۇغۇلغان. 1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنشىپ نۇرغۇن خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن.ئازاتلىقتىن كىيىن1955-يىلى بورتالادىكى بىر مەجىلىستىن قايتىپ چىقىۋاتقاندا غايىپتىن ئوق تىگىپ قۇربان بولغان.
    مۇخپۇللام

    (1921-1945)1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ.شىخو ئۇرىشىدا قۇربان بولغان.
    ئىلىياس

    (1928-1945)1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،خزمەت كۆرسىتىپ ئىزۋۇت كوماندىرى بولغان.شىخو ئۇرىشىدا قۇربان بولغان.
    ھوشورمامۇت ھاجى

    (1919-1944)1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،ھەرەمباغ ئۇرىشىدا قۇربان بولغان.
    تۇرسۇن مۇسا

    (1925-1953)1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ .قۇمۇلنىڭ شىۋىرغان تېغىدا باندىت تازلاش جەريانىدا قۇربان بولغان.
    مەھەممەت رازىق

    1926-يىلى جىڭ ناھىيسىدە تۇغۇلغان،1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ .1945-يىلى جىڭ ئۇرشىدا قۇربان بولغان.
    خۇدابەردى جامال

    (1919-1944)1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،ھەرەمباغ ئۇرىشىدا قۇربان بولغان.
    مامۇت ھېلىم

    (    غۇلجىنىڭ تۆپچى مەھەلىسىدە تۇغۇلۇپ،1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،شۇ يىلى ئاچالدا بولغان جەڭدە قۇربان بولغان.
    ئسھاقجان

    غۇلجىدا تۇغۇلۇپ 1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشقان 1945-يىلى 1-ئايدا گومىنداڭ تەرپىدىن ۋەھشىلەرچە چاناپ ئۆلتۇرۇلگەن.
    ئابدىرھىم ئىبىراھىم

    1919-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان.1945-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،شۇيىلى شىخو ئۇرىشىدا قۇربان بولغان.
    ساۋۇرجان مەرۇپ

    (1926-1944)1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،ھەرەمباغ ئۇرىشىدا قۇربان بولغان.
    ئابلىمىت

    (1919-1945)1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ ، بۆرتالا ئارشاڭ ئۇرشىدا قۇربان بولغان.
    ياسىن ئەمەت

    1919-1945) 1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ.لەڭشاڭ ئۇرشىدا قۇربان بولغان.
    تۇرسۇن

    (1918-1945)1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتناشقان،جىڭدا دۇشمەن ئايرۇپىلانىنڭ ئوقى تىگىپ قۇربان بولغان.
    رەجەپ

    1907-يىلى 3-ئايدا غۇلجىدا تۇغۇلغان،1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ ، ئىزۋۇت كوماندىرى،رۇتا كوماندىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن.1945-يىلى غۇلجا لەڭشاڭ ئۇرۇشىدا ئۆز روتىسنى باشلاپ جەڭگە كىرۋىتىپ ئوق تېگىپ قۇربان بولغان.

    ئىبىراھىمجان

    1919-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان،1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ ، شۇ يىلى

    ئايدا غۇلجا ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان-12. 

    مەنبە: تۇرسۇن ياسىننىڭ ‹‹ئىنقىلاۋى قۇربانلار ئەسلىمىسى.


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.