ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-11-18

    غۇلجا شەھىرى - [ئىلى دىيارىدا]

     

                                                                                        غۇلجا شەھىرى

                                               غۇلجا شەھىرى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. شەرقىي شىمالى غۇلجا ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن، غەرب،شىمال تەرەپلىرى قورغاس ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 575 كۋادرات كىلومېتىر، شەھەرگە بىر بازار، ئالتە يېزا، ئالتە مەھەللە ئىش باشقارمىسى، 59 ئاھالە كومىتېتى، 38 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. شەھەردە تۇرۇشلۇق ئورۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسى، غەربىي تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسى، شىنجاڭ كان - مېتاللورگىيە ئىدارىسى قاتارلىقلار بار. شەھەر بىلەن ئۈرۈچمى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 700 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 299 مىڭ 030 بولۇپ، ئۇيغۇرلار 48.1% نى، خەنزۇلار 35.5% نى، قازاقلار 4.68% نى، باشقا مىللەتلەر 11.71% نى تەشكىل قىلىدۇ.   غۇلجا شەھىرى ئىلگىرى غۇلجا ناھىيىسىگە قارايتتى. 1952 - يىلى غۇلجا ناھىيىسىگە قاراشلىق بەش رايوننى ئايرىۋېلىش بىلەن غۇلجا شەھىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئىلى ۋىلايىتىگە قارايدىغان بولغان. 1953 - يىلى ئۆلكىگە بىۋاسىتە قارايدىغان شەھەر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. 1955 - يىلى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قارايدىغان شەھەر قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1985 - يىلى يەنە ئىلى ۋىلايىتىگە قارايدىغان بولغان. ھازىر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. شۇنداقلا ئىلى ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق ئورۇن. شەھەرنىڭ يەر شەكلىدىن قارىغاندا شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس، شىمالىي قىسمى كۆكېرچىن تاغلىق رايونى، جەنۇبىي قىسمى لاتقا - تىنما يەر ۋە پەلەمپەيسىمان ۋادىدىن ئىبارەت بولۇپ، تاغلىق جايلار 61% نى، لاتقا - تىنما يەر ۋە پەلەمپەيسىمان ۋادا 39% نى ئىگىلەيدۇ. ئىلى دەرياسى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ. يىللىق ئېقىن مىقدارى 11 مىليارد مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 285 مىليون كۇب مېتىر. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، شېغىل جىنىسلىرى، ئوتقا چىداملىق سېغىز توپا قاتارلىقلار بار. غۇلجا شەھىرىنىڭ ئىقلىمى بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 8.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37.9℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا - 40.4. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2802.4 سائەت، 10 يىغىندا تېمپېراتۇرا 3310.6℃، قىروسىز مەزگىلى 154 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 257.5 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى1613.6مىللىمېتىر. شەھەرنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىكى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 10 مىڭ 300 گېكتار (154 مىڭ 080و) تېرىلغۇ يەر بار. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، مايلىقدان، قىزىلچا، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىدۇ. كالا، قوي چوشقا قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. ئۇچار قۇشلارنى بېقىشمۇ بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە. توقۇمچىلىق، ئېنېرگىيە مەنبەسى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كۆن - خۇرۇم، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ئاساسلىق سانائەت تۈرلىرى بار. غۇلجا شەھىرىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى كۈنسېرى مۇكەممەللەشمەكتە. دۆلەت تاشيولىنىڭ 312 - ۋە 218 - لىنىيىلىرى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ. شەھەر، يېزىلاردىكى ئاسفالىت يوللار تەرەپ - تەرەپكە سوزۇلغان. غۇلجا ئايرودىرومىدا چوڭ - ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچالايدۇ ھەم قونالايدۇ، ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بار. 25 مىڭ توچكا پروگراممىلىق تېلېفون مەملىكەتلىك تورغا كىرگۈزۈلدى. غۇلجا شەھىرى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن شەھەر بولۇپ، 2199 - يىلى 6 - ئايدا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلغان.

      شەھەردە ئاساسلىق مەدەنىي    يادىكارلىقلاردىن ئالتۇن چوققا ئىبادەتخانىسى خارابىسىكۆلىمى 65 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ،  ھازىرقى كۆلىمى 9200 كۋادرات كىلومېتىر,جياڭشى ئىبادەتخانىسى، بەيتۇللا مەسچىتى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى ۋە كۆرگەزمىخانىسى، لىن   زېشۈي خاتىرە سارىيى قاتارلىقلار بار.

    مەنبە؛ بىلقۇت


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.