ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-11-18

    غۇلجا ئاتالغۇسى ۋە غۇلجا شەھرى - [ئىلى دىيارىدا]

     

     

                                              غۇلجا ئاتالغۇسى ۋە غۇلجا شەھرى (1)

    غۇلجا》 ئاتالغۇسى توغرىسىدا ھازىرغىچە خەلق ئىچىدە مۇنداق بىر نەچچە خىل كۆز قارشلار ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. 《غۇلجا》 ـــ ئەسلى 《غولچە》 سۆزنىڭ بۇزۇپ ئاتىلىشى،دەيدىغان قاراش، 《غۇلجا》 ـــ تاغ قوشقىرى دىمەكتۇر، دەيدىغان قاراش. بۇ يەر دە تىلغا ئېلىنغان 《تۆپىلىك》 ھازىرقى غولجا شەھرىنىڭ شەرقىدىكى 《قارىدۆڭ》 ئۈستىدىكى كىشىلەر 《قۇنتاجى ئوردىسى》 دەپ كېلىۋاتقان ئورۇن بولۇپ، بۇيەرگە ئىلگىركى بۇتخانا كۆيۈپ كەتكەندىن كىيىن، چىيەنلوڭنىڭ27-يىلى يەنە كىچىككىنە بىر بۇتخانا سېلىنغان، دېگەن سۆز غەلەتتۇر...

    《غەربىي زىمىندىكى سۇ-يوللار تەزكىرىسى》 دېگەن كىتابتا: ئويراتلاردىن غالدان سېرىن ئىلىدا قاراۋۇللۇق مۇداپىئەلىنىش ئورنى قۇرۇپ ئەسكەر تۇرغۇزغان. سول تەرەپتىكىسنى غولجا ‹جىندىڭسى›، ئوڭ تەرەپتىكىسىنى قاينۇق‹يىنىدىكىسى› دەپ ئاتىغان. بۇ مۇداپىئە ئورۇنلىرىغا يەنە بۇتخانلارمۇ سېلىنغان. مۇداپىئە قاراۋۇلخانىسى ئامۇرسىنا ۋەيران قىلىپ تاشلىغان، دەپ كۆرسەتكەن. بۇ كۆرسىتىلگەنلەردىن بىز: بۇيەرگە ئىلگىركى سېلىنغان بۇتخانا ئەمەس، قاراۋۇلخانا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدا ئەسكەر تۇرىدىغانلىقىنى، ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى قاراۋۇلخانا 《غۇلجا》 بولۇپ، غولجىنىڭ خەنزۇچە 《جىندىڭسى》 ئاتىلىدىغانلىقىنى، دەريانىڭ جەنۇبىدىكى قاينۇق قاراۋۇلخانىسىنىڭ 《يىندىڭسى》 ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. بۇ يەردە 《جىندىڭسى》،《يىندىڭسى》 دېگەن سۆزلەرنى 《قاراۋۇلخانلار نامى》 دەپ كۆرسەتكەن. بۇ كىتاپتىمۇ بىز 《غۇلجا》 ئاتالغۇسى ھەققىدە ئېنىقراق بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولالمايمىز. 《غەربىي زىمىن تارىخىدىن سۆز》 دېگەن كىتاپتا: 《غۇلجا》 دېگىنىمىز جۇڭغارچە سۆز بولۇپ، مەنىسى: ئالتۇن قۇببىلىك ئىبادەتخانا، دەپ چۈشەنچە بەرگەن. يۇقىرقى يازمىشلاردىن كۆردۇقكى: غۇلجا ئىبادەتخانىسىنى ‹ئالتۇن قۇببىلىك ئىبادەتخانىنى› ياساتقۇچى كىشىنى ھەممە بىردەك 《جۇڭغارلار خانى غالدان سېرىن ياكى سىۋان ئارۇبتان》 دەپ كۆرسىتىدۇ. شەخسى نام كىم بولسا بولسۇن، جۇڭغار خانلىقى تەرىپىدىن ياسالغانلىقىنى بىردەك ئىتىراپ قىلىشىدۇ. ھەر قانداق يىڭى بىر نەرسە دەسلەپ كىملەر تەرىپىدىن بارلىققا كەلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭغا تۇنجى ناممۇ شۇلارنىڭ تەرىپىدىن بېرىلدىغانلىقىنى ھەممىگە ئايدىڭ. ئىلىدىكى بۇ بۇتخنىلارنى جۇڭغارلار ياسىغان ئىكەن ئۇنىڭ نامىنىمۇ جۇڭغارلار قويىدۇ، ئەلۋەتتە. مەن كۆرگەن جۇڭغار يازما تارىخلىرىدا مۇنۇلار يېزىلغان:《جۇڭغارلار شىزاڭنى ئۆزىگە قاراتقاندىن كىيىن، غالدان سېرىن دالاي لاماغا ئىلى دەرياسىنىڭ ئىككى چېتىدە كۆركەم ئىككى ئىبادەتخانا ياساشنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئورنى ۋە شەكلىنى لاما دىنىغا مۇۋاپىق لايىھىلەپ بېرىش ئۈچۈن لايىق كىشى سورىغاندا، دالاي لاما ئۆز راھىپلىرى ئىچىدىن گوشىرونوجە دېگەن لامانى بەلگىلەپ، ئىلى ۋادىسىغا ئەۋەتكەن. گوشىرونوجە ئىلىغا كىلىپ، غالدان سېرىننىڭ لامالىرى بىلەن ئىلى دەرياسىنىڭ ئىككى تەرپىدىكى كەڭ دالىنى ئايلانغان. ئاخىرىدا ئۇ دەريانىڭ شىمالىدىكى پۈتۈن ئىلى ۋادىسى ئالقاندىكىدەك كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قارىدۆڭ ئۈستى بىلەن جەنۇپتا قاينۇق يېنىدىكى بىر ئورۇننى ئىبادەتخانا سېلىشقا بەلگىلەپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئورۇنلارغا ئىبادەتخانىلار سېلىنغان. شىمالىدىكى پەشتاقلىرى نەقىشلەنگەن ئىبادەتخانىنىڭ قۇببىسى ئالتۇن رەڭ بىلەن كۆركەم سىرلىنىپ، 《ئالتىن سۈمە》 دەپ نام بېرىلگەن؛ جەنۇپتىكى ئىبادەتخانا شىمالدىكىگە قارىغاندا سەل ئاددىراق ياسىلىپ، قۇببىسى كۈمۈش رەڭدە سىرلىنىپ، مۆڭگۈن سۈمە،دەپ ئاتالغان》. ئۇنداقتا 《غۇلجا》 سۆزى قانداق قىلىپ بۇ ئىبادەتخانىلارنىڭ نامىغا ئارلىشىپ قالدى؟ بۇنىڭ سەۋەبىنى يەنە بىر مۇڭغۇلچە قوليازمىدا مۇنداق شەرھىلەيدۇ: ئىبادەتخانىنىڭ‹ئالتۇن قۇببىلىك ئىبادەتخانىنىڭ› پۈتۈش مۇراسىمىگە ئاتاپ چوڭ زىياپەت، نەزىر-چىراق ئۆتكۈزۈلگەن. زىياپەتتە قوي، كالىلار ھەددى ھېساپسىز سويۇلغاندىن تاشقىرى، نۇرغۇن تاغ قوشقىرى-غولجىلارمۇ سويۇلغان. زىياپەتتىن كېيىن، غولجا ‹ئەسلى موڭغۇل تىلىدا غولزۇ ئاتىلىدۇ›دېگەن ھايۋاننىڭ ‹يەرلىك تارانچى ئۇيغۇرلار تاغ قوشقىرىنى 《غۇلجا》 دەپ ئاتايدۇ. قازاقلار بولسا 《قۇلجا》 دەپ ئاتايدۇ. غۇلجا ناھىيە موللىتوختىيۈزىدىكى 《سادىر پالۋان مەقبەرىسى》 خاتىرە ئۆيىدە، ھازىر ئاساسەن نەسلى قۇرىغان تاغ قوشقىرى 《غۇلجا》نىڭ باش سۆڭىكى خېلى بىجىرىم ساقلانماقتا›مۆڭگۈزلىرىنى ئالتۈن سۈمەنىڭ نەقىشلەنگەن پەشتاقلىرىنىڭ چۆرىسىگە چىرايلىق تىزىپ بېكىتىشكەن، شۇنىڭ بىلەن خەلق ئۇنى 《غولزۇسۈنە》‹غۇلجا ئىبادەتخانىسى› دەپ ئاتىغان. مەزكۇر ئالتۇن قۇببىلىك ئىبادەتخانا1759-يىلى چىڭ خاندانلىقى قوشۇنلىرى بىلەن جۇڭغار كاتتىبېشى ئامۇرسىنا ئوتتۇرىسىدا بولغان ئۇرۇشتا كۆيۈپ ۋەيران بولۇپ كەتكەن. شۇ نۆۋەتتىكى توپىلاڭدا جۇڭغارنىڭ داشىداۋا قەبىلىسى چىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن سوقۇشۇشنى خالىماي، خېبىي ئۆلكىسىنىڭ چېڭدې ناھىيىسىگە كۆچۈپ كەتكەنىدى. چىڭ خاندانلىقىنىڭ شۇ زاماندىكى پادىشاھى چيەنلۇڭ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، چېڭدېغا خۇددى ئىلىدىكى ئالتۇن قۇببىلىك ئىبادەتخانىغا ئوخشاش قىلىپ بىر ئىبادەتخانا سالغۇزۇپ بەرگەن. بۇ بۇتخانا ھازىرمۇ ساقلىنىپ تۇرۇپتۇ.غۇلجا شەھرىنىڭ ھازىرقى ئورنىدا بۇرۇنمۇ شەھەر بارمىدى، ئەگەر شەھەر بولغان بولسا ئۇنىڭ نامى شۇ چاغلاردىمۇ 《غۇلجا》 ئاتىلاتتىمۇ ياكى باشقا نامى بارمىدى؟ دېگەن مەسلە ئۈستىدە نۇرغۇن تالاش-تارتىش مەۋجۇت.

     تارىختا ئىلى ۋادىسىدا ھەرخىل خەلقلەر ياشاپ، قانچىلىغان ھاكىمىيەتلەر ئۆتكەن. يىقىنقى تارىخنىلا تىلغا ئالساق قاراخانىلار، غەربىي لياۋ،چاغاتاي ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى، جۇڭغارلار بولۇپ مىڭ يىلدىن ئوشۇق ھۆكۈم سۈرگەن، بۇ ھەرقايسى ھاكىمىيەتلەر ئۆز دەۋرىدە قەلئەلەرنى سالغان، بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە شۇ شەھەر-قەلئەلەرنىڭ بەزى خارابىلىرى ۋە نامى ھېلىمۇ مەۋجۇت تۇرۇپيۇ. لېكىن، بىز ئىگىلىگەن قىسمەن مەلۇماتلار غۇلجىنىڭ ھازىرقى ئورنىدا يىراق تارىختا شەھەر بولمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. چىڭ خاندانلىقى قوشۇن چىقىرىپ 1757-يىلى تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالى، 1759-يىلى جەنۇبىنى بېسىقتۇرۇپ، جۇڭغارلار ھۆكۈمرانلىقى ۋە جۇڭغارلار ھامىلىقىدىكى غوجىلار ھاكىمىيىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، بۇ يەردىكى ئەسكەر ۋە ئەمەلدارلارنىڭ مەنپەئەتىنى نەزەردە تۇتۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئاھالە كۆچۈرۈپ،دېھقانچىلىققا سېلىشنى، ئىلى ۋادىسىنى ئېچىشنى پىلانلىدى.‹چۈنكى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا يەرلىك تارانچىلارنىڭ سانى ئازلاپ كەتكەنىدى›بۇ چاغدىكى مەسلىھەتچى ئامبال گېنىرال ئاگۇي‹مانجۇ›ئىلى رايونىنىڭ دېھقانچىلىق قىلىشقا مۇۋاپىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا خانغا دوكلات يازغان. خان ئوردىسى ئاگۇينىڭ مەسلىھەتىگە ئاساسەن 《ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى غۇلجىنىڭ يېنىغا بىر قەلئە بىنا قىلىش لازىم...》 دەپ كۆرسەتمە بەرگەن. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان 《غۇلجا》 بىز يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن 《ئالتۇن قۇببىلىك ئىبادەتخانا》 بولۇپ، خان ئوردىسى بولغۇسى شەھەر سېپىلىنى مۇشۇ 《غۇلجا》نىڭ يېنىغا سوقۇشنى بەلگىلىگەن. بۇ چاغدا، ئەجداتى سوپى- غوجىلاردىن بولغان.1720-يىلىلا چىڭ خاندانلىقىغا تەۋە بىلدۈرۈپ، چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىنى بويسۇندۇرۇشىغا چوڭ ياردەم كۆرسەتكەن تۇرپانلىق ئىمىن ۋاڭ ئىلىدا گېنىرال ئاگۇي بىلەن بىللە ئىشلەۋاتاتتى. ئاگۇي بىلەن ئىمىن ۋاڭ جەنۇپتىن ئۇيغۇرلارنى كۆچۈرۈپ چىقىپ، ئىلىدا دېھقانچىلىققا سېلىشنى پىلانلاپ خان ئوردىسىدىن يوليورۇق سورايدۇ. ئوردىنىڭ بۇيرىقىغا ئاساسەن، ئىمىن ۋاڭنىڭ ئۇرۇش سەپلىرىدە چىڭ قوشۇنلىرى بىلەن بىللە بولۇپ خىزمەت كۆرسەتكەن ئىككىنچى ئوغلى مۇسا دېھقانچىلىق قىلىدىغانلارنى كۆچۈرۈپ چېقىش ئۈچۈن جەنۇپقا ئەۋەتىلىدۇ. نەتىجىدە ئوش ‹ئۈچتۇرپان›،سايرام، باي، شايار ۋە دولان قاتارلىق ئورۇنلاردىن 5000 ئائىلىلىك ئۇيغۇر ئىلىغا كۆچۈرۈلۈپ چىقىلىدۇ. ئىلگىرى چىققان 3000 تۈتۈن دېھقان بىلەن جەمئىي 8000 تۈتۈن دەسلەپكى قەدەمدە قاينۇق، غۇلجا ئەتىراپى ۋە بارتوقاي‹بارىستوقاي-يولۋاسلىق توقاي، ھازىر《باي توقاي》 ئاتىلىۋاتىدۇ›قاتارلىق ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا بۇ دېھقانلارنىڭ بىر قىسمى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، بىر قىسمى شەھەر سېپىلى قۇرلىشىغا ئىشلىگەن. 《چىڭ ئوردىسىنىڭ ھەقىقىي خاتىرلىرى》 دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، گېنىرال ئاگۇي غۇلجا شەھەر سېپىلىنى《چىيەنلوڭنىڭ27-يىلى‹1762-يىلى›8-ئايدا پۈتتى》 دەپ ئەنگە ئالدۇرغان.  1762-يىلى‹چىيەنلۇڭنىڭ27-يىلى›12-ئاينىڭ1-كۈنى، چىڭ ھۆكىمىتى 《ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى》نى تەسىس قىلىپ، مانجۇ مىللىتىدىن بولغان مىڭ رۇينى تۇنجى ئىلى جياڭجۈنلىكىگە تەيىنلىدى. 《ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى》 تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى ھەمدە بالقاش كۆلىنىڭ شەرقى ۋە جەنۇبىدىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي ئىشلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرىدىغان ھوقۇقلۇق ئورۇن قىلىپ بىكىتىلدى. بۇ يىلى يەنە ئۇغۇرلارنىڭ ئىشىنى باشقۇېىدىغان مەھكىمە 《ئىلى گۇڭ-بەگلىك مەھكىمىسى》مۇ تەسىس قىلىندى. چىڭ ئوردىسىغا ساداقەتلىك بىلەن خىزمەت كۆرسىتىپ، ئوردىنىڭ يۇقىرى ئىلتىپاتلىرىغا ئېرىشكەن مۇسا‹ئىمىن ۋاڭنىڭ ئوغلى›ئىلىدىكى مۇسۇلمانلار ئىشىنى باشقۇرىدىغان گۇڭ ۋە رەسمىي ھاكىمبەگ قىلىپ تەيىنلەندى. كونا كۈرە 《جياڭجۈن مەھكىمىسى》 تۇرۇشلۇق ئورۇن قىلىپ بدلگىلەندى. ئىلىدا ئىلگىرى بار بولغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئەمدىلىكتە ھەدەپ كۆپىيىۋاتقان ئەسكەرلەرنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلىيەلمەي قالغانىدى. جياڭجۈن مەھكىمىسى بىلەن گۇڭ-بەگلىك ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، جەنۇپتىكى ئۇيغۇرلاردىن يەنە كۆپلەپ ئېلىپ چىقىش بىلانلاندى ۋە يىڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان غۇلجا شەھىرى مۇسۇلمانلار سودا-سېتىق قىلىدىغان،گۇڭ-بەگلەر ئوردىسى تۇرىدىغان ئورۇن قىلىپ بەلگىلدندى. يىڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان غۇلجا شەھىرى چىڭ خاندانلىقى تەرىپىدىن ئومۇمەن مۇسۇلمانلارنى ئىدارە قىلىدىغان ئورۇن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش بەلگىلەنگەنلىكى ئۈچۈن، چىڭ خاندانلىقى پايتەخىتتىن مەخسۇس ئەۋەتكەن ئەمەلدارلار بۇ شەھەر ئىچىدە تۇرمىغان. سېپىل ئىچىگە ئاساسەن مۇسۇلمانلار ئىشىنى باشقۇرىدىغان گۇڭ-بەگلىكىنىڭ ئىدارە-جەمئىيەت، مەھكىمە ئۆي-ئىمارەتلىرى سېلىنىشقا باشلاپ، شەھەر ئاستا-ئاستا كېڭەيگەن. شەھەر ئىچىگە يەنە قول ھۈنەرۋەنلەرمۇ ئورۇنلىشىشقا باشلىغان. بۇ چاغدىكى ئادەت بويىچە يىڭىدىن قۇرۇلغان مەھەللە، مەسچىت، مۇئەسسەسىلەرنىڭ ناملىرى شۇ ئەتىراپتا مەشھۇرراق بولغان بىرەر شەخىس-بەگ، ئىمام، خاتىپ ياكى بايلارنىڭ نامىدا ئاتالغان غۇلجا شەھرىنىڭ سېپىلى 1760-يىلدىن باشلاپ سوقۇلغان

    . غۇلجا ئاتالغۇسى ۋە غۇلجا شەھرى(2)

    غۇلجا شەھرىدە ئۆي-ئىمارەت سېلىشتا ئالدى بىلەن تۆت دەرۋازىنى بىر-بىرى بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان تۇغرا يوللار ئېلىنىپ، ئاندىن يان كوچىلار ئېلىنغان. كىيىنكى كۈنلەردە غۇلجا شەھرىدە ئىلمىي تەكشۈرۈشتە بولغان رادلوف شەھەرنى: ئاساسىي شەھەر تىك تۆت بۇلۇڭلۇق يەر ئۈستىگە قۇرۇلغان ۋە توپا سېپىل بىلەن چۆرەلگەندۇر. تۆت تەرەپتىكى دەرۋازىدىن ئۆتۈپ شەھەرگە كىرىشكە بولىدۇ. كچىلىرى تۈز، بىر-بىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، دەپ سۈرەتلىگەن. شەھەر خەلقىغە خاتىپلىق قىلىش ئۈچۈن تەيىنلەنگەن موللا روزى خاتىپ ئائىلىسى ۋە دىنىي مەھكىمە ئۈچۈن ھازىرقى شىنخۇا خەرىبىي يولىنىڭ جەنەبىي تەرىپىگە ئۆي ئىمارەت سالغۇزغانىدى، بۇ كوچا 《موللا روزى خاتىپ كوچىسى》،كىيىنچە 《موللا روزى ئەلەم كوچىسى》 دەپ ئاتالدى. ھازىرقى3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئارقىسىدىكى بىر يان كوچىنى جامائەت ئۈستىنى يېپىپ، ھېيىت ۋە جۈمە نامازلىرىنى ئوقۇيدىغان ۋاقىتلىق مەسچىت قىلىپ راسلىۋالغانىدى، شۇڭا، بۇ كوچا《ھېيىتكار كوچىسى》 دەپ ئاتالدى.ھازىر شەھەر ئىچى 《ئەركىن كوچا》غا ئەينى يىللاردا مەھەممەتيار يۈز بېگى جاي سالغۇزغانلىقى ئۈچۈن 《مەمەتيار يۈزبېگى كوچىسى》 دەپ نام ئالغان، ھازىرقى شىنخۇا غەربىي يولىنىڭ شىمالىغا شۇ چاغدىكى گۇڭ-بەگ ئوردىسىنىڭ غەزىنىچىسى ئىسھاق غەزىنىچى بەگ ئۆي-ئىمارەت سلغۇزۇش بىلەن بۇ كوچا 《ئىسھاق غەزىنىچى بەگ كوچىسى》 دەپ ئاتالغان. ھازىر پاژارنى‹ئوت ئۆچۈرۈش› ئەتىرەت جايلاشقان كوچىغا سودا بېگى ئەمرۇللا ئورۇنلاشقانلىقى ئۈچۈن بۇ كوچىغىمۇ شۇ كىشىنىڭ نامى بېرىلگەنىدى. شۇنداقلا يەنە ھازىرقى ۋىلايەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللەر ئىدارىسى جايلاشقان كوچا-《سۇلايمان باجىربەگ كوچىسى》، كۈرەدەرۋازىنىڭ شىمالىدىكى كوچا-《زۇليار بەگ كوچىسى》 دەپ ئاتالدى. ھازىرقى ئوردا مەھەللىسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى كوچىلارمۇ شۇ كوچىلارغا ئورۇنلاشقان بەگلەرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغانىدى. شىلالىغا مۇسابايوپلارنىڭ شۇچاغدىكى ئىلىغا چىققان ئاتىسى ئابدۇرسۇل باي ئرۇنلاشقانلىقى ئۈچۈن بو كوچا 《ئابدۇرسۇل باي كوچىسى》دەپ ئاتالغان. غۇلجا شەھەر سېپىلى ئىچى ئەڭ دەسلەپ يۇقىرقى 17 بەگلىكنىڭ ئۆي-ئىمارەت ۋە ئۆز خىزمىتى ئۈچۈن سالدۇرغان ئىشخانىلىرى بىلەن قەد كۆتەردى. خېلى يىللارغىچە شەھەرگە بەگ ئوردىسىنىڭ روخسىتىسىز ئىختىيارىي كېلىپ ئۆي-جاي سېلىشقا روخسەت قىلىنمىغان، شۇڭا شەھەر ناھايىتى تەسلىكتە، خېلى ئۇزۇن يىللاردا ئاران ئاۋات بولغان. بۇ ھەقتە ياقۇپ ئاخۇن كىچىك ئۆزىنىڭ 《ئىلىدا تەرىقەتنىڭ پەيدا بولىشى》 دېگەن قوليازمىسىدا 《...بۇل غۇلجا شەھرى ئىلگىرى پات ئابات بولماي، سەھرادىكى ھەربىر يۇرتتىن بەش-ئالتە ئۆيلۈكنى شەھەرنى ئابات قىلماق ئۈچۈن ئلۋاڭ بىرلەن كۆچۈرۈپ كېلىپ ئابات قىلغان》دەپ يازىدۇ. 1776-يىلى‹چىيەنلۇڭنىڭ31-يىلى›مۇسا گۇڭ كىسەل بىلەن ۋاپات بولدى. چىڭ ئوردىسى مۇسا گۇڭنىڭ خىزمىتىنى ناھايىتى يۇقىرى باھالاپ، غەزىنىدىن ئۇنىڭ دەپنى خىراجىتى ئۈچۈن 200سەر كۈمۈش ئاجىرتىپ بەردى. مۇساگۇڭنىڭ جەسىتىنى ئۆزىنىڭ ۋەسىيىتى ۋە دادىسى ئىمىن ۋاڭنىڭ تەلىپى بويىچە ئات-تۆگىلىك بولۇپ40 قا يېقىن كىشى لۈكچۈن ئاستانە قەبرىستانلىقىغا يەتكۈزۈپ، شۇ يەرگە دەپنە قىلغان. مۇسا گۇڭ غۇلجىدا ئاران تۆتيىللا گۇڭ بولۇپ تۇرالىدى، لېكىن ئۇ بۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە شەھەر قۇرلىشى ۋە ئىلىنى ئېچىش يولىدا جان پىدالىق بىلەن ئىشلەپ شەھەرنىڭ كېڭىيىشىگە پۇختا ئاساس ياراتتى.موسا گۇڭنىڭ پەرزەنتى يوق ئىدى. مۇسا گۇڭ ۋاپات بولغاندىن كىيىن، چىڭ خاندانلىقىنىڭ تەستىق يارلىقى بويىچە ئىمىن ۋاڭنىڭ تۆتىزى ئوغلى مۇسا گۇڭنىڭ ئىككىنچى ئىنىسى- ئورانزىپ ئۈچىنچى دەرىجىلىك تەيجى ئونىۋانى بىلەن ئىلىنىڭ ھاكىمبىگى بولۇپ ئولتۇردى. بۇچاغ ئىلىغا جەنۇپ ېە قۇمۇل، تۇرپانلاردىن چىقىشقا تىگىشلىك بولغان 8مىڭ تۈتۈن تامام چىقىپ بولۇپ، يېزىلارنى بەرپا قىلىپ، تېرىلغۇ ئىشلىرىنى ماڭغۇزىۋاتقان ۋاقىت ئىدى. شەھەر سېپىلى ئىچى ۋە تېشىغا ئورۇنلاشقان ئاھالىلەر بارغانسىرى كۆپىيىپ مۇقىملىشىۋاتاتتى. شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە شەھەر ئەتىراپىدىكى بوش يەرلەرنى تېرىلغۇ مەيدانلىرىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئورانزىپ گۇڭ غۇلجا شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سازلىق سۈيىدىن‹ئىلگىرى بۇ سۇ ھازىرقى قازانچى مەھەللىسى تەرەپكە ئختىيارى ئاقاتتى›ئىككى ئۆستەڭ ئېلىشنى پىلانلىدى. بۇ ئۆستەڭلەرنىڭ بىرى، سازلىقنىڭ‹ھازىرقى لەڭزە بېشى›شەرقىي تەرەپىدىكى يار بويلاپ ياقلاپ قارىدۆڭ قاپتىلى ئارقىلىق شەرىققە قاراپ ئېقىۋاتقان ئۆستەڭ بولۇپ، ھاكىمبەگنىڭ جىرغىلاڭدىن تاش كۆۋرۈككىچە بولغان 5مىڭ خولۇق يېرىنى سۇغىرىدىغان بۇ ئۆستەڭ 《ھېكىم ئۆستەڭ》 دەپ ئاتالغان، ھاكىمبەگ بۇ يەرگە يەنە يىقىنقى يىللارغىچە خارابىسى ساقلانغان، كىشىلەر كېيىن 《كونا ساڭ》 دەپ ئاتىۋالغان 《ھېكىم ساڭ》 نىمۇ سالدۇرغانىدى. يەنە بىرى، سازلىقنىڭ غەربىي تەرىپى بىلەن ھازىرقى خەنزۇ بازىرى، قازانچى، ئايدۆڭ ۋە ناغرىچىلارنى ئارلاپ ئېقىپ ئۆيىدىغان ئۆستەڭ بولۇپ، بۇ ئۆستەڭ 《شاغلىق ئۆستەڭ》‹مۇئاۋىن ھېكىم ئۆسيىڭى›دەپ ئاتالغان. بۇ ئۆستەڭ سۈيى بىلەن تاشكۆۋرۈكتىن ئايدۆڭ ئاستىغىچە بولغان شاغىبەككە تەۋە يەرلەر سۇغىرىلاتتى، ئۆستەڭ ئېلىنغاندىن كىيىن، يېزىلاردىن شەھەرگە كىرىدىغانلارغا ئوڭايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئۇزۇن ۋە كۆركەم قىلىپ بىر كۆۋرۈك سېلىندى. غۇلجا شەھرىنىڭ سىرتى-شەرق تەرەپكە ئەڭ بۇرۇن سېلىنغان بۇ كۆۋرۈك 《چوڭ كۆۋرۈك》 نامى بىلەن مەشھۇر بولغانىدى. بۇ ئىككى ئۆستەڭ چېپىلغاندىن كېيىن، سۇ مەسلىسى ھەل بولۇپ، شەھەر سېپىلىنىڭ سىېتىدىمۇ ئاھالىلار ‹ئاساسەن ئۇيغۇرلار› مەھەللىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. شەرق تەرەپتە ئىككى ئۆستەڭ بۇيى، يان كوچىلارغا چىڭ ئەسكەرلىرىگە ئەگىشىپ سودىگەرچىلىك ‹خۇلاڭزىچىلىق› قىلىپ چىققان خەنزۇلار ۋە خۇيزۇلار ئورىنلىشىشقا باشلاپ، ھازىرقى خەنزۇ بازىرى ۋە تۇنگان مەسچىتى ئەتىراپىدىكى مەھەللىلەر بارلىققا كەلدى. 1775-يىلى گۇڭ-بەگ ئوردىسى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قاتتىق يۈرگۈزۈش ئۈچۈن جياڭجۈن مەھكىمىسىنىڭ ماقۇللىقى بىلەن ھازىرقى شەھەرلىك 《دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق ئىدارىسى》نىڭ جەنۇبىي دوقمىشىغا زىندان مەھكىمىسى ۋە يەر ئاستى زىندانلارنى سالدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ كوچا 《زىندان كوچىسى》 ئاتالدى. گۇڭ-بەگ ئوردىسىغا قاراشلىق 17بەگ ۋە دىنىي زاتلارنىڭ خىزمەت ھەققى ئۈچۈن بېرىلىدىغان يەر ۋە يانچى دېھقانلار مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئورانزىپ گۇڭ يەنە شاغلىق ئۆستەڭدىن ئۈچ تارماق ئۆستەڭ ئالدۇردى. بۇ تارماق ئۆستەڭلەرنىڭ بىرى دىنىي زاتلارغا ئاجىرتىپ بېرىلگەن-ھازىر 《تۆت دۇكان》، 《نامەتمەن مەھەللىسى》، 《بەشكىرەم مەھەللىسى》 ئاتىلىۋاتقان ئورڭنلاردىن ئېقىپ ئۆتكەن، بۇلار 《ئاخۇن ئېرىق》، 《ئاخۇنلار يېرى》 دەپ ئاتالغان. تارماق ئۆستەڭلەرنىڭ يەنە بىرى بەگلەرگە بۆلۈپ بېرىلگەن ھازىر 《تاشكۆۋرۈك》، 《جىگدىلىك مەھەللە》، 《قارىۋاي مەھەللە》لەر جايلاشقان يەرلەردىن ئېقىپ ئۆتكەن، بۇلار 《بەگ ئېرىق》، 《بەگلەر يېرى》 ئاتالغان. ئورانزىپ خۇڭ ئاھالىسى ئاز بولغان بۇ شەھەرلەرنىڭ يېنىغا بىر يۈزلۈك يېزا قۇېۇش مەقسىتىدە شاغىلىق ئۆستەڭدىن ئېلىنغان يەنە بىر تارماق سۇنى ھازىرقى 《قازانچى مەھەللىسى》 تەرەپكە قايرىپ، يۈز ئۆيلۈك دېھقاننى شۇ ئەتىراپقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، روزى دېگەن كىشىنى يۈز بېگى قىلىپ بىكىتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ يېزا 《روزى يۈزى》 دەپ ئاتالدى، روزى يۈزىنىڭ دائىرىسى شىمالدا 《تېرەك مازار》، 《سۇ دەرۋازا》 سۈيىدىن جەنۇپقا ئىلى دەريا بويىغىچە بولغان يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. يۇقىرىدىكى 《ئاخۇن ئېرىق》، 《بەگ ئېرىق》، 《روزى يۈزى ئېرىق》 لىرىنىڭ سۈيى ھازىرمۇ ئىلگىرىكى يوللىرى بىلەن ئېقىپ تۇرۇپتۇ. بەگلىك ئوردىسىدا يەنە ناغرا ساقلىناتتى. روزى ھېيت، قۇربان ھېيت مەزگىللىرىدە ناغرا چالىدىغانلار يېزىلاردىن ئېلىپ كىرىلەتتى؛ ھېيت تۈگىگەندە ئۇلار يەنە يېزىغا قايتىپ چىقىپ كېتەتتى. بۇ ئاۋارچىلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن 20 ئۆيلۈك ناغرىچى يۆتكەپ كېلىنىپ، شاغىلىق ئۆستەڭ سۈيى يېنىدىن ئاز-تولا تېرىلغۇ يېرى بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ يەرگە ئورۇنلاشقان ناغرىچىلار سەۋزە-پىياز تېرىپ شەھەر خەلقىنى كۆكتات بىلەن تەمىنلىدى. بۇ مەھەللە 《ناغرىچى مەھەللىسى》 ئاتالدى. ھازىرقى 《ئوردا مەھەللىسى》نىڭ ئورنىدا شىمالدىن جەنۇپقا سوزۇلغان ئېقىن ئىزى بولۇپ، 《كەسكەن يار》 دەپ ئاتىلاتتى. كېيىن بۇ يارلىقنىڭ بەزى يەرلىرىگە ئاھالىلار ئۆي-جاي سېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، بۇ مەھەللە 《كەسكەن يار مەھەللىسى》 دەپ ئاتالدى.بەگلىك ئوردىسىدىكى بەگ ۋە ئاخۇنلارنىڭ يېزا-قىشلاقلارغا ئەۋەتىدىغان چاپارمەنلىرى كۆپىيىپ، مەھكىمە ئىختىيارىدىكى چاپارمەنلەر مىنىدىغان ئات ئۇلاقلار سانى يىلمۇ-يىل ئاشقانلىقى ئۈچۈن يەم-خەشەك تەييارلاش ئىشىنى ھەربىر يۈزلىكلەرگە سېلىق قىلىپ بىكىتتى، سۇ دەرۋازىنىڭ ئىچى سېپىل ياقىسىغا تام چۆرۈپ بېدىخانا قۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى شىنخۇا دوختۇرخانا جايلاشقان كوچا 《بېدىخانا كوچىسى》 دەپ ئاتالدى. 1800 -يىلىدىن باشلاپ ئىلىغا نامەنگان، مەرغۇلان، ئەنجان قاتارلىق جايلاردىن تىجارەت بىلەن ئۆزبېكلەر كىرىپ ئورۇنلاشتى. بۇلارنىڭ ئۆي-جاي سېلىشى ئۈچۈن شەھەر سېپىلىنىڭ سىرتىدىن ھازىرقى 《ئۆزبېك مەھەللىسى》 ۋە 《ھەرەمباغ》 گازارمىسىگە بارىدىغان دۆڭلۈك ئاستىدىكى ئورۇنلار كۆرسىتىپ بېرىلگەنىدى. كېيىن بۇ ھەر ئىككى مەھەللە 《ئەنجان مەھەللىسى》 دەپ نام ئالغان.ئورانزىپ گۇڭ چىڭ خاندانلىقىغا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن بىرىنچى دەرىجىلىك تەيجى ۋە 《گۇڭ》لۇق ئۇنۋانلىرىنى ئېلىپ، 1805-يىلىغا كەلگەندە ۋاپات بولدى. ۋەسىيىتىگە بىنائەن ئۇنىڭ جەسىتى تۇرپان ئاستانىغا يەتكۈزۈلۈپ، دادىسى ئىمىن ۋاڭ، ئاكىسى موسا گۇڭلارنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئورانزىپ گۇڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى مېلىكىزات بىرىنچى دەرىجىلىك تەيجى ئۇنۋانلىق خادىم ۋە قوشۇمچە ئىلى ھاكىمبىگى قىلىپ بەلگىلەندى. مېلىكىزات تەيجى ھازىرقى ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ شىمالىي تەرەپىدىكى سازلىقتىن بىر ئۆستەڭ ئېلىپ،دۇڭمەھەللىگىچە بولغان ئارلىقتا ئارلىقى ئۈزۈك-ئۈزۈك بولغان مەھەللىلەرنى قۇرۇشقا باشلىدى. بۇ سۇنىڭ غەربىدىكى 《كونا چىلپەڭزە》 ئالدىدىكى يەرلەرگە چىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن بىللە چىققان دېھقانچىلىق قىلىدىغان خەنزۇلار-يىشىل تۇغلۇق قوشۇن ئورۇنلاشقانىدى. ئۇلارنىڭ تېرىلغۇ مەيدانلىرى 《خەنبىڭ》 دەپ ئاتالدى. شەھەر بىلەن خەنبىڭ ئارلىقىغا بىر كۆۋرۈك سېلىندى. بۇ كۆۋرۈكنى ھازىرغىچە خەلق 《باشكۆۋرۈك》 دەپ ئاتاپ كەلمەكتە. ناغرىچى مەھەللىسىدىن ئۆتىدىغان شاغىلىق ئۆستەڭدىن يەنە بىر تارماق كىچىك ئۆستەڭ ئېلىنىپ، ناغرىچى بىلەن دۆڭمەھەللە ئوتتۇرسىدىكى ساينىڭ ئۈستىدىن بۇ سۇ نو ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلۈپ، دۆڭمەھەللىنىڭ ئاستىدىكى چىغىلىققىچە يەتكۈزۈلۈپ بۇ يەرلەرمۇ تېرىلغۇ يەر قىلىپ ئېچىلدى ۋە يەرلەر يەنە ناغرىچىلارغا بېرىلدى. دۆڭمەھەللە بىلەن ناغرىچى مەھەللىسىنى قوشۇپ 《دۆڭمەھەللە يۈزى》 قىلىپ بېكىتتى. مېلىكىزات گۇڭ ئىلىغا 10 يىلدىن ئوشۇقراق ھاكىمبەگ بولۇپ، 1816-يىلى ۋاپات بولدى. ئۆز ۋەسىيىتى بويىچە ئۇنىڭ جەسىتىمۇ تۇرپانغا يەتكۈزۈلۈپ دادىسى ئورانزىپ گۇڭنىڭ يېنىغاا دەپنە قىلىندى. مېلىكىزات گۇڭنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى خۇشنىزات دادىسىنىڭ ئورنىغا ھاكىمبەگلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى، كىچىك ئوغلى نۇرزات بەگلىكنىڭ خۇسۇسى ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەندى.  مېلىكىزات ھېكىم دەۋرىدە، ئارا ئۆستەڭ مەھەللىسىدە خۇداقۇلى خەلپەم دېگەن بىر كىشى ئەتىراپتىكى يېزىلاردىن نۇرغۇن مۇرىت توپلاپ ئىشانلىق سۆھبىتىنى ماڭغۇزغان ئىدى. مېلىكىزات ھېكىم شەھەردىمۇ مۇنداق ئەھلى تەرىقەت ‹سوپىزم›نىڭ يوقلىقىنى مۇسۇلمانچىلىق شەنىگە بولغان بىر نۇقسان ھېساپلاپ، شۇچاغلاردا مەشھۇر بولغان بەدەخشانلىق ئىشان غىياسىدىن 《ئەۋلىيا》نى غۇلجىغا تەكلىپ ئالدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىپ دۇنيادىن ئۆتكەن ئىدى. خۇشنىزات ھېكىم دادىسىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن 20ئاتلىق مۆتىۋەر زاتلارنى بەدەخشانغا ئىككى نۆۋەت ئەۋەتىپ، غىياسىدىن ئىشاننى غۇلجىغا ئېلىپ كەلدى. خانىقا ئورنى ئۈچۈن مەمەتيار يۈزبېگىنىڭ قوروسى ھەدىيە قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى 《يۈزبېگى كوچىسى》 دەپ ئاتالغان بۇ كوچا 《خانىقا كوچىسى》 دېيىلىدىغان بولدى. غىياسىدىن ئىشان غۇلجىدا ئۈچ ئاي تۇرۇپ قايتتى. قايتىش ئالدىدا ئۇ شەھەر سېپىلىنىڭ تېشىدىكى تېرەكلىكتىكى مازارنى 《ئالاھىدىن باغدادىنىڭ مازىرى》 دەپ ئىلان قىلغانىدى. بىر قانچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن خەلق بۇ مازارنىڭ ئەتىراپىنى مەھەللە قىلىپ 《تېرەك مازار مەھەللىسى》 دەپ ئاتاشتى. ئەلا باي دېگەن كىشىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن سۇ دەرۋازىنىڭ سىرتى غەربىي جەنۇبىي تەرىپىگە بىر مەھەللە پەيدا بولۇشقا باشلىغانىدى.بۇ مەھەللە كېيىن مەھەللىنى قۇرۇشقا باشلامچىلىق قىلغان ئەلا باينىڭ نامى بىلەن 《ئەلا باي مەھەللىسى》 دەپ ئاتالدى. خۇشنىزات 1818-يىلى ۋاپات بولدى. بۇكىشى ئۆمرىنىڭ ئاخرىدا بۇندىن كېيىن تۇرپانغا جەسەت يۆتكەلسە جەبرە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ: 《مۇبادا مەن ۋاپات بولۇپ كەتسەم، شەھەرنىڭ شىمالىي-تاللىق يېنىدىكى دۆڭگە دەپنە قىلىڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئورۇن شەھەر خەلقىنىڭ قەبرىستانلىقى قىلىنسۇن》،دەپ ۋەسىيەت قىلغانىدى. ئۆز ۋەسىيىتى بويىچە خۇشنىزات ھېكىم ئاشۇ دۆڭلۈككە دەپنە قىلىندى. چىڭ ئوردىسى خۇشنىزاتنىڭ ئوغلى خالزاتخاننى تەيجىلىك ئۇنۋان بىلەن ھاكىمبەگ بولۇشقا يارلىق چۈشۈردى. خازاتخان ھاكىم ئوردا قۇرلىشى ۋە خۇسۇسى ھەشەمەتلەر ئۈچۈن كۆپرەك كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ تۇرپان، قۇمۇللاردىن ئۇستىكارنى ئالدۇرۇپ كېلىپ دادىسى خۇشنىزات گۇڭنىڭ قەبرىسى ئۈستىگە ھەشەمەتلىك گۈمبەز تۇرغۇزدى. بۇ گۈمبەزنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە دۇئا-تەگبىردە بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن يەركەندىن 40 ئۆيلۈك دەرۋىشنى ئالدۇرۇپ، گۈمبەز ئەتىراپىدىن ئۆي-جايلىق يەر بەردى. شۇنىڭ بىلەن، گۈمبەز ئورنى 《ئالتۇنلۇق》، دەرۋىشلەر ئورۇنلاشقان ئورۇن 《سوپۇم مەھەللىسى》 دەپ ئاتالدى. دەرۋىشلەرگە يەنە ھېچقانداق ئالۋاڭ-ياساق ئالماسلىق شەرتى بىلەن ھازىرقى ئايرىدرۇم ئەتىراپىدىكى يەرلەر تېرىلغۇ ئۈچۈن بېرىلدى. ھازىرقى 《دۆلەتباغ》، 《تۆپىچى》، 《كۆكچى》 مەھەللىرىنىڭ ئورنى ئىلگىرى بوش ئىدى. ئەينى يىللاردا بۇ يەرگە بىر دېھقانچىلىق يېزىسى قۇرۇلۇپ، چىملەك دېگەن كىشى يۈز بېگىلىككە تەيىنلەنگەن. بۇ مەھەللە-《چىلەك يۈزى مەھەللىسى》،كېيىن 《چىملەكشاڭيۇ مەھەللىسى》 دەپ ئاتالدى. 1851-يىلى جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ھۆكىمىتى 《ئىلى-تارغاباتاي سودا نىزامنامىسى》 نى ئىمزالىدى. رۇسىيە تىجارەت باشقۇرۇش ئۈچۈن كۈرەدىن يەر ئالدى. رۇسىيە ئۆز تىجارەتخانىسى ئۈچۈن كۆپلىگەن تاتارلارنى ئىشقا سالغانىدى.تاتارلار ئۆز ماللىرىنى كۆپرەك غۇلجا شەھرى ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى يېزىلارغا ئەپچىقىپ سېتىپ، ئۇلاردىن خام مال ئالاتتى. تاتارلارغا شەھەر ئىچىگە ئورۇنلىشىش ئېھتىياجى تۇغۇلدى. بەگلىك ئۇلارنىڭ ئۆي-جاي سېلىش ئۈچۈن ئىلگىركى 《تاتار مەسچىتى》نىڭ ئالدى ۋە ھازىرقى 《ياشلار مەيدانى》 يېنىدىكى بازار بولىۋاتقان كوچا ئورنىنى كۆرسىتىپ بەردى. خەلق بۇ يەرنى 《نۇغاي مەھەللىسى》 دەپ ئاتىدى. بۇ چاغدا ئىلىدا ئاق ئۆستەڭ قېزىلىۋاتقان ۋاقىت ئىدى. خالزاتخان ئاق ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى ئىشىنى ئەپلەشتۈرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھېكىملىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا باشتا باقى ھېكىم، ئۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت ھېكىم، ئاخىرىدا چورۇق ھېكىم‹مەھەممەد ئىمىن›ھېكىم بولدى. خالزاتخان تەيجىلىك ۋەزىپىسىدە قېلىپ قالدى. خەلقنىڭ خالزاتخاننى 《تاجى ھېكىم》 دېيىشىنىڭ سەۋەبى شۇ، بۇ يەردە 《تەيجى ھېكىم》 دېگەن سۆز 《تاجى ھېكىم》 ئاتالغان. خالزاتخان تەيجى 1855-يىلى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ جەسىتى ئۆز ۋەسىيىتى بويىچە خەلپەم بۇزرۇكۋار مازىرىغا-گادا مەھەممەد خەلپەم ۋە چورۇق ھېكىملەر قەبرىسىدىن 40چامدام تۆۋەنگە قويۇلدى.خالزاتخاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى مەزەمزات تەيجىلىك ئۇنۋان بىلەن ھېكىمبەگ بولدى. بۇ دەرۋدە ئىلگىركى 《روزى يۈزى مەھەللىسى》نىڭ يەرلىرى دېھقان ئائىلىلىرىگە بۆلۈپ بېرىلىپ، ئەڭ بۇرۇن 《قازانچى مەھەللىسى》 قۇرۇلۇپ كېڭىيىشكە باشلىدى. كېيىن شام، سوپۇن ياسايدىغانلار شاغىلىق ئۆستەڭ بويىدا بىر مەھەللە بەرپا قىلدى. بۇ 《شامچى مەھەللىسى》دەپ ئاتالدى.مەزەمزاتخان دەۋرىگە كەلگەندە قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلار ئىچىدە قالغان چىڭ ھۆكىمىتى خەلق ئۈستىدىكى سېلىقنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. 1844-يىلى، ئىلى جىياڭجۈن مەھكىمىسى مەزەمزاتخاننى 《ئۆستۈرمە سېلىقنى تولۇق يىغىپ بەرمىدىڭ》دېگەن باھانە بىلەن زىندانغا تاشلاپ، ئورنىغا ئابدۇرسۇل شاغىبەگنى ۋاقىتلىق ھېكىم قىلىپ قويدى. زۇلۇمغا چىدىمىغان خەلق ئاخىر چىڭ ھۆكىمىتىگە قارشى كۆتۈرۈلۈپ ، ئىلىدا ۋاقىتلىق ئوردا قۇرۇپ، ئەلاخان پالىۋاننى سۇلتانلىققا قويدى. قوزغىلاڭ باشلىنىشى بىلەن جىياڭجۈن مەھكىمىسى مەزەمزاتخاننى زىنداندىن چىقىرىۋەتكەنىدى. ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدا مەزەمزاتخان چەتتىن كىرگەن ماھمۇد غوجا‹پوچى ماھمۇد›تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ئەلاخان پالۋان سۇلتانلىققا ئولتۇرغان دەۋردە قەمبەر شاڭبېگىنى باش قىلىپ، غۇلجا شەھەر سېپىلىنىڭ چالا قالغان‹تېرەك مازاردىن سۇ دەرۋازىغىچە بولغان›قىسمىنى ياساتقۇزۇپ پۈتتۈردى. 1871-يىلى چاررۇسىيە ئەسكەرلىرى ئىلىنى بېسىۋالدى. رۇسلار ئىلىغا كىرىش بىلەن بېشىر بەگ جېلىل ئوغلىنى ‹ھازىرقى جېلىليۈزىنىڭ يۈز بېگى› ھاكىم قىلىپ، ئاۋاكرى دېگەن كىشىنى كەڭ يېزىلارنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا بېكىتتى. غۇلجىغا ئورۇنلاشقان رۇس تۆرىلىرى 《ھەرەمباغ》 ئۈستىدىكى دۆڭ بىلەن ھازىرقى 7-ئوتتۇرا مەكتەپ جايلاشقان ئورۇن ئەتىراپىغا كىچىك سېپىل سوقۇپ رۇس ئەسكەرلىرى ئۈچۈن گازارمىلار سالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ئورۇن 《ھەرەمباغ گازارمىسى》 ۋە 《ساي بويى گازارمىسى》 دەپ ئاتالدى.تاتارلاردىن مىرشانۇپ دېگەن كىشى خەنزۇ بازىرىغا كېتىدىغان يول ئۈستىگە تاشتىن ھۇل قوپۇرۇپ، خىش بىلەن 20گە يېقىن ئەينەكلىك دۇكان ھەم ئىككى قەۋەت ساراي سالدۇردى. بۇ ساراي 《مىرشانوپلار سارىيى》، دۇكانلار بولسا 《ئابىدوپلا دۇكىنى》 دەپ ئاتالدى. بۇ كوچىغا 《تاشلەپكى》‹تاش دۇكان› دەپ نام بېرىلدى.رۇسلار چىڭ ھۆكىمىتى بىلەن پۈتۈشكەن كېلىشمىگە ئاساسەن گۇاڭشۈينىڭ 9-يىلى1-ئايدا ‹1883-يىلى2-ئاي›ئىلىدىن چىقىپ كەتتى. قىلىنغان كېلىشىم بويىچە ئىلى خەلقىنىڭ ئىلىدا قېلىشى ياكى چىقىپ كېتىشى ئۆز ئىختىيارىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر ۋە خۇيزۇ بولۇپ 10 مىڭ 899 ئائىلە‹50مىڭ 55 جان›يەتتە سۇغا كۆچۈپ چىقىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئىلى يېزىلىرى ۋە غۇلجا شەھرى ناھايىتى چۆلدەرەپ قالدى.چىڭ ھۆكىمىتى ئىلىنى قايتۇرۋالغاندىن كېيىن، خان ئوردىسى1882-يىلى9-ئايدا‹تۇڭجىنىڭ7-يىلى›جىڭ شۈننى ئىلى جىياڭجۈن مەھكىمىسىگە گېنېرال قىلىپ ئەۋەتتى. جىڭ شۈننىڭ ئىلىغا كېلىپ، ئەھۋال ئىگىلەپ خانغا يوللىغان دوكىلاتىغا ئاساسەن، 1883-يىلى مەزەمزاتخان تەيجىنىڭ ئوغلى ئىلياسخان‹بوۋاق غوجام›دادىسىنىڭ ئورنەغا تەيجى ئۇنىۋان بىىلەن ھېكىم بولۇپ تەيىنلەندى. بۇ چاغدا بوۋاق ھېكىم 30ياشتا ئىدى.1884-يىلى‹گۇاڭشۈينىڭ10-يىلى›.ۆلكە تەسىس قىلىنىپ، تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي بىلەن شىمالىغا 《شىنجاڭ》 دېگەن ئومۇمىي نام بېرىلدى. ئۈرۈمچى ئۆلكە مەركىزى بولدى. چىڭ خاندانلىقى ليۇجىنتاڭنى شىنجاڭنىڭ باش ۋالىلىقىغا بەلگىلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسىنىڭ ھوقۇقى كىچىكلەپ، ئىلى رايونىنىلا باشقۇرىدىغان چەربىي-مەمۇرىي ئورۇنغا ئايلىنىپ قالدى. شىنجاڭ .ۆلكىسى تەسىس قىلىنىشى بىلەن غۇكجا يامۇل مەھكىمىسى‹شىيەنجىژ مەھكىمىسى›قۇرۇلۇپ، 1888-يىلى، ھازىرقى3 –ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئارقىسىدىكى يان كوچىغا بۇ يامۇلنىڭ بىناسى سېلىندى. بۇ كوچا 《شەن يامۇل كوچىسى》 دەپ ئاتالدى. كېيىن، ئىلىدا يەنە دوتەي يامۇلى تەسىس قىلىندى. بۇ يامۇل ئۈچۈن خېلى چوڭ ۋە ھەشەمەتلىك بىر ئورۇن بولۇشى لازىم ئىدى. ئىلياسخان غوجا مۇسا گۇڭ ۋاقتىدا قۇرۇلۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان ئوردا قىلىپ كېلىنىۋاتقان ئۆز ئوردىسىنى دوتەي يامۇلى قىلىشقا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئۆزى كەسكەن يار مەھاللىسىگە ئوردا سالدى. شۇنىڭدىن كېيىن، كونا ئوردا مەھەللىسى 《دوتەي يامۇل كوچىسى》 دەپ ئاتىلىدىغان، كەسكەن يار مەھەللىسى 《ئوردا مەھەللىسى》 دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. بوۋاق ھېكىم 1892-يىلى39 يېشىدا ۋاپات بولدى ۋە ئالتۇنلىقتىكى ئەجداتلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ ھېكىملىك ئورنى يالغۇز قىزى نۇرنىسا خېنىمغا قالدى. جىياڭجۈن مەھكىمىسى نۇرنىسا خېنىمغا 《ھېكىم ئاغچا》 نامىدا تامغا ئويدۇرۇپ بەرگەن. شەھەر ئاھالىسى ۋە يۈزلۈك يېزىلاردىكى دېھقانلار بىلەن بولىدىغان ئىشلارغا ئاغچا خېنىمنىڭ ئۆزى بىۋاستە ئارلىشىشى بىئەپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەمەلىي ئىشلارنى ئۇنىڭ يولدىشى غىياسىدىن بەگ بېجىرگەن. شۇڭا خەلق غىياسىدىن بەگنى 《ھېكىمبەگ غوجا》 دەپ ئاتايتتى. غىياسىدىن بەگ تاكى ۋاپات بولغىچە 《ھېكىمبەگ غوجا》 نامىدا دۇنيادىن ئۆتتى. 1895-يىلى ئىلى خەلقى يەتتە سۇغا كۆچكەندە، يەتتە سۇغا چىقىپ چوڭ ئىقتىساد ۋە ئابرويغا ئىگە بولغان ۋېلىباي يوداشۇپ ھېكىمبەگ غوجامنىڭ سىڭلىسى بىلەن نىكاھلاندى. ۋېلىباي ئەلاباي مەھەللىسىدىن مويكا مەھەللىسىگىچە بولغان كەڭ، سۇلۇق زىمىننى ئىگىلەپ، باغ قىلىپ، ھازىرقى ئايدۆڭ 4-يان كوچىغا ئىككى قەۋەتلىك ئۆي-ئىمارەت سالغۇزدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەرلەر 《ۋېلىباينىڭ يېرى》 دەپ ئاتالدى. بۇ يىللىرى يەنە ھازىرقى 《سىتالىن كوچا》 بانكا ئەتىراپىغا ھايىر كارۋان دېەەن كىشى باشلاپ ئۆي-ئىمارەت سالغۇزغان، بۇ كوچا دەسلەپ 《ھايىر كارۋان كوچىسى》، كېيىن 《ئاق دەڭ》 دەپ ئاتالدى. 1900-يىللىرى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت‹ھازىرقى توڭلوۋەن شەھەرچىسى جايلاشقان ئورۇننىڭ بىر قىسمى›ۋە ئوبلاستلىق پارتىكوم ئورۇنلاشقان كوچىلارغا موسابايوپ، ياقۇپ ئاخۇن ياپون، مېھراباي قاتارلىق كىشىلەر كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە وەيدا بولغان مەھەللىلەر يۇقىرقى كىشىلەرنىڭ ناملىرىدا ئاتالغان. بارا-بارا شەھەرنىڭ مەركىزى 《تاشلەپكى》 بولۇپ قالدى. مۇشۇ ئورۇننى مەركەز قىلىپ ئەتىراپقا ھەرخىل كەسىپتىكى ھۈنەرۋەنلەر ئورۇنلىشىشقا باشلىدى. ھازىرقى شەھەرلىك دوختۇرخانا بالنىتسىسى ئورنىغا توماقچىلار بىرىكىپ 《تۇماق بازىرى》نى تەشكىل قىلغانىدى. .ۇنىڭ ئارقىسىدىكى كوچىلارنى تۆمۈرچىلەر ئاۋات قىلىپ 《تاقىچىلىق مەھەللىسى》 دەپ ئاتالدى. ھازىرقى بازار باشقۇرۇش ئىدارىسى قورۇسى جايلاشقان ئورۇنغا چوڭ تارازا ئېسىلىپ، بۇ يەر گىر ۋە مال بازىرى قىلىندى. ئەتىراپتىكى كوچىلارغا يەنە چايخانىلار، نەشە چېكىدىغان مەيدانلارمۇ چۈشكەن...

    غۇلجا ئاتالغۇسى ۋە غۇلجا شەھرى(3)

    1900-يىلى ئىلىدا تۇرۇشلۇق رۇس پۇقرالىرىنىڭ ئاقساقىلى نۇراخۇن ئاقساقال ھازىرقى 《شەھەرلىك قازىلىق ھەيئىتى》 بار ئورۇنغا جاي سېلىپ ئولتۇرغان. بۇ كوچا 《نۇراخۇن ئاقساقال كوچىسى》 دەپ ئاتالغان.1905-يىلى خۇيزۇلاردىن ۋاڭ قادىر ھازىرقى شەھەرلىك كىتاپخانا ئورنىغا جاي سالغان، بۇ كوچا 《ۋاڭ قادىر كوچىسى》 دەپ نام ئالغان. شۇ يىلى يەنە مۇتىئالى خەلپەم تاقىچى مەھەللىسىنىڭ ئارقىسى-سۇ بويىغا جاي سالدى. بۇ مەھەللە 《مۇتىئالى خەلپەم مەھەللىسى》 دەپ ئاتالدى.1909-يىلى مۇسابايوپلار گىرمانىيىدىن خۇرۇم ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ ئۈسكۈنلىرىنى ئالدۇرۇپ، شەھەرنىڭ غەرپ تەرىپىدىكى بوشلۇققا زاۋۇت قۇردى. بۇ زاۋۇت 《ھۈسەنباي زاۋۇتى》 دەپ ئاتالدى. ھازىرقى ياشلار مەيدانىنىڭ ئورنى ئىلگىرى كۆكتات تېرىلىدىغان يەر ئىدى. موسابايوپلار بۇ كۆكچىلىكتىن بىر قىسىم يەر سېتىۋىلىپ ئۆي-جاي ۋە ماگىزىنلارنى سالدى ۋە بۇ ئورۇننى 《كانتۇر قورۇ》 دەپ ئاتاشتى.1916-يىلىدىن باشلاپ رۇسىيە تەۋەسىدىكى بىر قىسىم رۇس، ئۇيغۇر، تاتار، خۇيزۇ، ئۆزبېك ئوخشاش مىللەت كىشىلىرى ئىلى تەۋەسىگە ئۆتۈپ، بىر مۇنچىلىرى غۇلجا شەھىرىگە ئۆي-جاي سېلىشقا باشلىدى. 1918-يىلى توپىدەڭ ئۈستىگە رۇس يېرىدىن ئۆتكەن ئىسمايىل ئاخۇن ئۆز يۇرتلۇقلىرى بىلەن كېلىپ بىر مەھەللە قۇردى. بۇ مەھەللە 《ئىسمايىل ئاخۇنۇم مەھەللىسى》 ئاتالدى. 1919-يىلى ئىسكەندەر ئاخۇنۇم ەھرەمباغدىن يەر ئېلىپ، ئۆز يۇرتلۇقلىرى بىلەن مەھەللە قىلدى، بۇ مەھەللە 《ئىسكەندەر ئاخۇنۇم مەھەللىسى》 دەپ ئاتالدى. 1920-يىلى، ھازىرقى ئوبلاستلىق ساقچىنىڭ ئارقىسىدىكى 1-رايون 6-مەھەللىگە تەۋە يەرلەرگە ياركەنىتتىن ھادى ھاجى باشلامچىلىقىدىكى كىشىلەر كېلىپ مەھەللە بىنا قىلدى. بۇ مەھەللە 《ھادى ھاجىم مەھەللىسى》 دەپ نام ئالدى. شۇ يىلى يەنە يار كەنىتتىن ھاجى بولۇس دېگەن كىشى ئۆز يۇرتلۇقلىرى بىلەن كېلىپ ھازىرقى 《خەلق باغچىسى》نىڭ شەرقىي-جەنۇبىدىكى كوچىلارغا ئۆي-ئىمارەت سېلىشقا باشلىغانىدى. بۇ مەھەللە كېيىن 《ھاجىبولۇس مەھەللىسى》 دەپ ئاتالدى. 1920-يىللىرى چۇلۇقايلىق تاجىباي ھاجى دېگەن كىشى ھازىرقى 《ئالغا》 كوچىنىڭ ئورنەغا ئۆي-جاي سالغۇزغانلىقتىن بۇ كوچىلار 《تاجىباي مەھەللىسى》 دەپ ئاتالغان، ھازىرقى 《يېيىق سۇ》 مەھەللىسىنىڭ جەنۇپ تەرەپىگە يەنە ياقۇپباي ھاجى دېگەن كىشى بىر قانچە جاما؟ەت بىلەن كېلىپ ئۆي سېلىپ ئولتۇرغان، بۇ كوچا《ياقۇپ دوكا مەھەللىسى》 دەپ ئاتالغان‹بەزىلەر 《ھەمرا چوكان مەھەللىسى》 دەپمۇ ئاتايدۇ›.1920-يىلى، ئېلاخۇن يىلىقچى دېگەن كىشىنىڭ يېرى بولغان 《ئىچكىركى دۆڭمەھەللە》 ھەم ھازىرقى گۈللۈك مەسچىت ئورۇنلىرىغا غېنى ھارۋىكەش ۋە ئەختەم موللاملار ئۆز جامائىتى بىلەن كېلىپ ئورۇنلاشقان. شۇڭا، بۇ مەھەللىلەر 《غېنى ھارۋىكەش مەھەللىسى》، 《ئەختەم موللام مەھەللىسى》 ياكى 《زاھىت ھاجىم مەھەللىسى》 دەپ ئاتالدى.ھازىرقى ئازاديول بىلەن سىتالىن كوچىسىنىڭ ئارلىقىدىكى ئورۇنلار ساي بويىدىن 《ئەخمەتچان قاسىمى كوچىسى》غا بارغىچە ئىلگىرى كەڭ بىر تۈزلەڭلىك ئىدى. تاتار ئاقساقاللىرىدىن بولغان پازىلجان ئاقساقال، نىزام ئەۋزىلەر بۇ يەرلەرنى بىر تۇتاش ئېلىپ، يار كەنىتتىن كىرگەن ئۇيغۇر ئۇستا-ئىبراھىم ئۇستامغا كوچا پىلانلىرىنى سىزدۇرۇپ، ئۆي-جايلىق يەر كەستى. بۇ مەھەللە 《نوۋى گورت》‹يىڭى شەھەر›ئاتالدى، كېيىن بەزىلەر 《نۇغاي گورت》مۇ دەۋالدى.1924-يىلدىن 1935-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا ھازىرقى ئازاديول كوچىسىغا بىر قانچە يان كوچىلار ئېلىندى: بۇ كوچىلار شۇ يەردە ئولتۇرغان داڭلىقراق ئادەملەرنىڭ نامى بىلەن ئاتالدى. شىمال تەرەپتە ئۆمەرجان، پىرمەتۋاي ئۆمەرجان، ئەزىزجان قارى قاتارلىقلارنىڭ نامىدىكى كوچىلار بىنا بولدى. جەنۇپ تەرەپتىكى بىرىنچى كوچا دەسلەپ مەمتىلاخۇنباي ياكى غاپپار باي كوچىسى، كېيىنكى كۈلەردە نەسىرۇللا باي كوچىسى، دەپ ئاتالدى. ئىككىنچى كوچىغا 《ھۈسەيىن بەگ كوچىسى》 دەپ نام بېرىلدى.شۇيىللاردا جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئۇدۇللۇق چىقىپ تۇرغان كۆچمەنلەر ئىلگىرى چىملەك يۈز بېگىگە تەۋە بولغان يەرلەرگە ئورۇنلىشىپ، 1935-يىلىغىچە 《تۆپىچى مەھەللە》، 《دۆلەتباغ مەھەللىسى》‹قەشقەر دۆلەتباغلىقلار ئولتۇراقلاشقاچقا شۇ نامدا ئاتالغان›، 《جىگدىلىك مەھەللە》 دېگەندەك مەھەللىلەرنى بىنا قىلدى. 1924-يىلى يىلدىن باشلاپ شەھەرنىڭ جەنۇبى تەرىپىگە كۆنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئورۇنلاشقىلى تۇرغانىدى. بۇ يەر 《كۇنچى مەھەللىسى》 دەپ ئاتالدى.1929-يىلىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۆتۈپ، ئىلى تەۋەسى ۋە غۇلجا شەھرىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. شۇ كۆچۈش 1935-يىلغىچە داۋام قىلىپ، كەلگەنلەر يەنە بىر قاتار يېڭى مەھەللىلەرنى بەرپا قىلدى. ھازىر 4-دىۋىزىيە شىتابى بار كوچىنىڭ ئالدى-ئارقىسىدىكى كوچىلارغا ياركەنىت ۋە ئاتۇش ئادەملىرى كېلىپ ئورۇنلاشقانىدى. لېكىن، ئەينى يىللاردا بۇ ئورۇن شەھەرگە بەك چەت بولغاچقا ۋە ئوغرى-يالغان ئۇلارغا ئەندىشە سالغاچقا، ئۆي-جاي سالغانلار بۇ يەرگە ئورۇنلاشقىنىغا پۇشايمان قىلىپ قېلىشتى. شۇڭا، بۇ مەھەللە 《پۇشايمان مەھەللە》، 《پۇشايمان مەھەللىسى》 ئاتالدى.يىللار ئۆتكەنسېرى ئىلگىرى گۇڭ-بەگلىك ئوردىسىدىن بەگلەر ۋە ئاخۇنلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن يەرلەرنى ئۇلارنىڭ ئورۇق-تۇققان، ئائىلە-تاۋاباتلىرى پارچىلاپ ساتقىلى تۇرغاچقا، بۇ يەرلەر شەخسىلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ 《يىڭى ئايدۆڭ مەھەللىسى》 ‹ئاساسەن ئاتۇش تېجەنلىكلەر ئورۇنلاشقان›. 《تۆت دۇكان》، 《ئۈچ دۇكان》،《خوتەن كوچىسى》، 《ئاغۇ مەھەللىسى》،‹ئاساسەن ئاتۇش ئاغۇنلۇقلار ئورۇنلاشقان›《نامەتمەن مەھەللە》، 《سۇسەن ھاجى مەھەللىسى》، 《چەمچى ئاخۇن مەھەللىسى》، 《بەشكېرەم مەھەللىسى》، 《مويكا مەھەللىسى》، 《قارىۋاي مەھەللىسى》 قاتارلىق مەھەللىلەر پەيدا بولدى. ھازىرقى 《خەلق باغچىسى》نىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆي-جاي سېلىپ، مەھەللە قۇرغان ھاجىبولۇس بۇ يەردىكى قورۇ-جايلىرىنى سېتىپ، دۆڭمەھەللە چوڭ يولىنىڭ غەربىدىكى كەڭ بوشلۇقنى ئېلىپ، نۇرغۇن يەر تۇتۇپ مەھەللە قىلدى. 1929-يىلدىن باشلاپ بۇ مەھەللىمۇ 《ھاجىبولۇس مەھەللىسى》 دەپ ئاتالدى.1924-يىلدىن باشلاپ ناغرىچىدىكى ئاخۇنلار يېرىدىن ئوقۇمۇشلۇق شىبەلەر يەر سېتىۋېلىپ، ئۆي-ئىمارەت سېلىپ باغ بىنا قىلدى. بۇ كوچا 《شىبە كوچىسى》 دەپ ئاتالدى.ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن غۇلجا شەھرىنىڭ قىياپىتىدە يەنە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى. غۇلجىنىڭ كونا شەھەر بىلەن يىڭى شەھەرنى پەجىم غولنىڭ سۈيى ئېقىپ ئۆتىدىغان چوڭ بىر ساي ئايرىپ تۇراتتى. قىيان كەلگەن ۋاقىتلاردا ساينىڭ سۈيى كۆپىيىپ شەھەر خەلقىگە ھەرخىل ئاپەتلەرنىمۇ ئېلىپ كېلەتتى. يېڭى ھاكىمىيەت پەنجىم غولىنىڭ بۇ سۈيىنى يۇقىرىدىن بايانداي تەرەپكە بۇرىۋېتىشنى پىلانلىدى. ھېكىمبەگ پۈتۈن ۋىلايەت خەلقىنى پۇل ۋە كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى ۋە بۇ سۇ خەلقنىڭ كۈچى بىلەن توسۇلۇپ، بۇ توسمىنى 《پىلىچى دامبىسى》 دەپ ئاتاشتى.شىڭ شىسەي ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئۆز ۋاقتىدا شەرقىي-شىمالدىن رۇسىيىگە ئۆتۈپ، ئاق ئورۇسلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرىغا ئۆيلۈنۈپ شۇيەرگە ئورۇنلۇشۇپ قالغان خەنزۇلار قورغاس چېگرىسىدىن ئۆتۈپ ئىلىغا كىرىشكە باشلىدى. بۇلارنىڭ غۇلجا شەھرىگە كەلگەنلىرى ھازىرقى ئايرىدروم يولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئۆي سېلىپ ئورۇنلىشىشقا باشلىدى. بۇ ئورۇن 《خۇاڭخۇزىلار‹سېرىق ساقاللار›مەھەللىسى》 دەپ ئاتالدى.ھازىرقى ئىلى شۆبە ھ


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.