-
2010-11-18
شېئىر:يارنىڭ جاۋابى - [يازمىلىرىم]
يارنىڭ جاۋابى
سۇئالىڭغابېرەلمەي جاۋاپ،
تېڭىرقاشتا تۇردۇم سۇكۇتتە.
مانا ئەمدى بىلگىن ئارزۇھەم،
ئشتىياقتا تىزدىم دۇر-ئۇنچە .
ئاڭلابېرەي شۇدۇر جاۋابىم:
ئىگىسىمەن پاك قەلب ، ھىسياتنىڭ.
چوغدەك گۇللەرئاچسام قەلبىڭدە،
دىلى بوستان دەپ بىل نىگارنىڭ.
ئارمانلىرىم قالسا ۋىسالسىز،
ئۇمۇدىمدىن قالماس ھىچ بىرئېز.
مەنزىل ئۇزۇن، تەنھا يىتەلمەي،
خوشاللىقىم يۇقالدى سەنسىز.
كۆز يېشىڭداسۆيگۈ بېخلىتىپ ،
باياۋانداچاڭقاپ يۇرەمسەن؟
قەلبىم بۇلاق تۇرغان بۇلدۇقلاپ،
بىرەي زەم-زەم قېنىپ ئىچەمسەن؟
چۇشەنمەستىن سۆيگۇم- كۆڭلۇمنى،
دىل ئازارى يەنە تارتامسىەن؟
تۇتسام ساڭا قەدەھ ۋىسالدىن ،
كەيپ بولۇپ بىھۇش ياتامسەن ؟....
كۆزيىشىمدىن پۇتۇپ خاتىرە،
نەزمە يىزىپ بولدۇم شائېرمۇ!
چۆللەر كېزىپ ئىزدەپ زۆھرەدەك ،
ئاخىرتاپتم سەن شۇ تاھىرمۇ؟
يوللۇدۇممەن تىنماي سالاملار ،
ئاسماندىكى ئاي ۋە يۇلتۇز دىن.
ئارمانلىرىم كەتتى يىنىڭغا ،
خەۋەر ئالغىن چوغلۇق ئۇنىڭدىن.
2010-06-10
历史上的今天:
غۇلجا شەھىرى 2010-11-18غۇلجا ئاتالغۇسى ۋە غۇلجا شەھرى 2010-11-18شېئىر:ئاغرىنمىغىن زاماندىن ئەمدى! 2010-11-18
收藏到:Del.icio.us