ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-11-18

    شېئىر:ئاغرىنمىغىن زاماندىن ئەمدى! - [يازمىلىرىم]

    ئاغرىنمىغىن زاماندىن ئەمدى!

     

    غۇربەتلىكتە ئۆتكەندە"نان"دەپ،

    بۇغدۇيىڭنى خەق ئالغان "جان"دەپ.

    دەلەلمىگەچ بۇ يولدىن "يان!" دەپ،

     ئاغرىنمىغىن زاماندىن ئەمدى!

     

    قىزلىرىمىز ياتلاشتى، پاھ ! ...دەپ،

    غورۇرىمىز داتلاشتى، ئاھ..دەپ.

    يامان ئىللەت چاپلاشتى ئۇھ...دەپ،

    ئاغرىنمىغىن زاماندىن ئەمدى!

     

    يىگىتلەرنى ئەيىپلەپ" بوش!" دەپ،

    قېيىپ كەتتىڭ نىشاندىن " خوش" دەپ.

    تاپقان پۇلغا كەلمەيدۇ "گۆش "دەپ،

    ئاغرىنمىغىن زاماندىن ئەمدى!

     

    ئىلىم-پەننى ئۈگەنمەي،"ياق!" دەپ،

    يۈزۈڭ قارا تۇرسىمۇ" ئاق! "دەپ.

    روھىڭ نمجان تورسىمۇ "ساق !"دەپ،

    ئاغرىنمىغىن زاماندىن ئەمدى!

     

    يول كۆرسەتسە ماڭمايسەن" لاي "دەپ،

    غۇۋا ئىكەن ئاسماندىكى" ئاي "دەپ.

    بەرمىدىڭغۇ بىكارغا" چاي" دەپ،

    ئاغرىنمىغىن زاماندىن ئەمدى!

     

    ئوغرى ئالسا بىساتنى،"ھاي!" دەپ،

    قوغلىماستىن ياتتڭغۇ "ۋاي"دەپ.

     "قالسا بولدى ياتارغا جاي" دەپ،

    ئاغرىنمىغىن زاماندىن ئەمدى!

     

    ھارام يولدا بولىمەن باي دەپ،

    زەھەر سېتىپ يانمىدىڭ"ۋاي..."دەپ.

    قىلدىڭ ئاخىرپۇشايمان "ھەي؟!..."دەپ،

    ئاغرىنمىغىن زاماندىن ئەمدى!

     

    دەلەلمىدىڭ ئۈلپىتىڭنى"كەت!"دەپ،

    خىزمەت بەرسە بارمىدىڭ"چەت"دەپ.

    ئۆزەڭ شۇنداق، ئۆتەمسەن "دات!"دەپ،

    ئاغرىنمىغىن زاماندىن ئەمدى!

     

    ئۈچ مو يېرىڭ ئاق قالدى" سۇ ..."دەپ،

    كۈنۈڭ ئۆتەر دوقمۇشتا"شۇ..."دەپ.

    غەيۋەت قىلدىڭ كۆرەلمەي"ئۇ...." دەپ،

    ئاغرىنمىغىن زاماندىن ئەمدى!

     

    زارلاپ ئۆتتۈڭ تەقدىرىم"كاج" دەپ،

    بولماس ئەمدى زادى راۋاج دەپ.

    ئەپسۇن ئوقۇپ پۈتۈلگەن تاج دەپ،

    ئاغرىنمىغىن زاماندىن ئەمدى!

     

    ئويلانمىدىڭ مىراسمۇ "چەكمەن"دەپ،

    قاچانغىچە چاپىمەن "كەتمەن"دەپ.

    زارلىنىشنى توختاتقىن "دەتمەن "دەپ،

    ئاغرىنمىغىن زاماندىن ئەمدى!

     

    چاقىرسىمۇ دەۋربىزنى " يىتىش "دەپ،

    ئۆزەڭگە تەئەللۇققا "ئېرىش" دەپ.

    ياتتىڭ يەنە" نىم قىلساڭ قىلش" دەپ،

    ئاغرىنمىغىن زاماندىن ئەمدى!

     

    يارتقانغۇ خۇدايىم بەندەم دەپ،

    قان-قېرىنداش بولارمىكىن ھەمدەم دەپ.

     ياشا سەنمۇئىقبالىڭنى تاپتىم دەپ،

    ئاغرىنمىغىن زاماندىن ئەمدى!

    2010-11-5


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.