-
2010-11-15
شېئىر:ھېيىت بۈگۈن - [يازمىلىرىم]
ھېيىت بۈگۈن
(تورداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىگە بېغىشلايمەن)
داۋام قىلىپ كەلگەن ئاتا-بوۋامدىن ،
ئۇيغۇرۇمنىڭ ئەنئەنىسى ،تارىخى.
ۋارس بولساڭ سەنمۇ ئاڭا دىلىڭدىن،
ئەۋلادىڭغاقالار سەندىن ئادىتى.
جەم بولۇشۇپ ئۆتەر ھەممە ئايەمدە،
ئاتا-ئانا، قېرىنداشلار شادلىنار.
ئەل-جامائەت توپ-توپ ھېيتلاش ئادەتتۇر،
غېرىپ،ئاجىز، يېتىم ئوغول يادلىنار.
تۈنجى بولۇپ ئاتا-ئانا ئۆيىگە،
كەلدى ئوغۇل ،كىلىن، نەۋرە سالامغا.
خوشاللىقتىىن بولدى ئانا پايپىتەك،
يىگۈزەي دەپ ئاتىغاننى بالامغا.
ئاتا-ئوغۇل ماڭسا بىللە پەتىگە،
قىز-كىلىنلەر تاقار چازا چېچىغا.
ياساندۇرۇپ قويغان نەۋرە شوخلۇقتىن،
ساڭزا يىگەچ، ھارماس مىنىپ "ئېتىغا".
ئەنە ياڭراپ ناغرا-سۇناي ئاۋازى،
قېرى ھەم ياش ،بارچە چۈشتى ساماغا.
قىز-يىگىتلەرخوشاللىقتىن كۈلۈشۇپ،
جۇر بولۇشتى بەس-بەستە شوخ ناۋاغا...
ھېيىت بۈگۈن ،ئايەم بۈگۈن يۈرتۇمدا،
ئەل جامائەت چۆمدى مانا شادلىققا.
ئۆرپى-ئادەت ئۈگەن ھەر بىر ئايەمدە،
ئورۇن يوقتۇر ئەمدى بىلگىن شاشلىققا!
شۇنداق ھېيىت بۇ بارچە بىردەك شادلىنار ،
نەدە باردۇر مۇنداق ئادەت، ئۆزگىچە.
ئېسىل خىسلەت ئىجىل –ئىناق ئۆتمەكتۈر،
داۋام قىلسۇن نەۋرەڭ چەۋرە... كۆرگىچە.
2010-11-15
收藏到:Del.icio.us