ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-11-15

    شېئىر:شۇنداق گەپ بولدى - [يازمىلىرىم]

     شۇنداق گەپ بولدى

    «قاراڭلارچۇ ما خوشنامىنىڭ ھالىغا،

    پۇل تاپتى دەپ خەۋەرلەرمۇ كەپ بولدى.

    كىم بىلىدۇ ھارام پۇلمۇ تاپقىنى.....»

    مەھەللىدەئەنە شۇنداق گەپ بولدى.

     

    «دەرس ئۆتسەم قۇسۇر تاپار ھەر كىشى،

    ئاتا-ئانا نارازىكەن ،دەت بولدى.

    مۇئاشىمنى خەق بېرەمتى،كارىم يوق.....»

    مەكتەپلەردە يەنە شۇنداق گەپ بولدى.

     

    «ئى سويمىنى ئۆستۈرۈپتۇھەي توۋا،

    قول ئاستىدا ئىشلەمدۇق بىز، باش بولدى.

    ئۇنى ئەپلەپ يىقىتايلى تۈنجۇقسۇن....».

    ئىدارىدا مانا شۇنداق گەپ بولدى.

     

    «ئېۋۇمايماق پۇلنى چېچىپ خەجلىگەچ،

    تويى ۋاييەي، ھەممە يەردەگەپ بولدى.

    داڭ چىقىراي تويلۇق سېلىپ ئاشۇرۇپ....»

    ئۆيىمىزدە يەنە شۇنداق گەپ بولدى.

     

    «ياراشسىچۇ كىيىۋالغان كىيىمى،

    مىڭىشىدىن كۆڭلۈم ھەجەپ غەش بولدى.

    كىيىم دىگەن يارىشىدۇ بىزلەرگە....»

    چوڭ كوچىدا ئەنەشۇنداق گەپ بولدى.

     

    «ما سېتىقچى يايما يېيىپ ھەر كۈنى،

    توپا قونۇپ چىرايلىرى سەت بولدى.

    بىزگە لايىق ئەمەس جۇمۇ بۇ ئىشلار....»

    گەلەنتېردە مانا شۇنداق گەپ بولدى.

     

    «ئاقەلەندەر بېيىپ كەتتى يەر تېرىپ،

    يەنەباغدا ئۈژۈم،ئانار كۆپ بولدى.

    بۇ دۇنيادا جاپا چېكىپ نىم كەپتۇ...»

    ئېتىز-قىردايەنە شۇنداق گەپ بولدى.

     

    «ئوقۇپ يۈرەر ماساراڭ كەچكۈرسدە،

    ئوقۇغانغا نەگە بارار ،بەس بولدى.

    ئەجدادىممۇ كەتمەن بىلەن جان باققان...»

    نادانلارچە ئەنە شۇنداق گەپ بولدى..

     

    «مەن نىمىشكە ئالالمايمەن تەمىنات،

    داۋا قىلىپ ئولتۇردۇممەن، كەچ بولدى.

    يۆلەپ تۇرغان دائىم مىنى ھۆكۈمەت....»

    ئىشخانىداكۈندە شۇنداق گەپ بولدى.

     

    «قىزلىرىممۇ مانا قاراڭ ئەسقاتتى،

    تېپىپ كىلەر پۇل دىگەننى ،خۆپ بولدى.

    ئوغوللۇرۇم سودا قىلار ئىچكىردە...»

    توي-تۆكۈندە مانا شۇنداق گەپ بولدى.

     

    «خاتىرجەم بول قالار بىزگە كۆپ دۇنيا،

    بۇ قېرىلار دەيدىغاننى دەپ بولدى.

    ئەتە-ئۆگۈن ئۆلۈدىغان ۋاخ بولدى...»

    ھوجىرىدا ئەنە شۇنداق گەپ بولدى.

     

    «خەققە ئوخشاش مەنمۇ ئالدىم زور بىلىم،

    ئەمما بارسام نەگە ئىشىم چەپ بولدى.

    قاچانغىچە شۇنداق بولار بىلمىدىم،......»

    ئىشسىز ئارا مانا شۇنداق گەپ بولدى.

     

    «زەھەر چىكىپ مال بىساتنى تۈگىتىپ،

    قاتىللىققا پۇشايمانلار يەپ بولدى.

    قان-قەرزىنى تۆلەر ئەمدى جازا شۇ...»

    سوتخانىدا مانا شۇنداق گەپ بولدى.

     

    «ئوقۇتقانلار  باللىرىنى داشۈدە،

    راھىتىنى كۆردى قاراڭ، نەپ بولدى.

    مەن نىمىشكەئوقۇتمۇدۇم باللارنى...»

     پۇشايماندامانا شۇنداق گەپ بولدى.

     

     

    ئاق-قارنى پەرىق ئەتكەچ خەلقىممۇ،

    ئىشچى-دېھقان ھەم زىيالى سەپ بولدى.

    خۇراپىيلىق ،نادانلىقتىن جاق تويدۇق.....»

    دوسلار ئارا مانا شۇنداق گەپ بولدى.

     

    «قالمىغىن سەن دەۋىرنىڭ كەينىدە،

    نادان، قاششاق ئادەتلەرنى تەپ بولدى.

    ئىلىم –پەننى رولچى قىلغىن ئۆزەڭگە...،»

    ھەممە يەردە ئەنە شۇنداق گەپ بولدى.

     

     

     


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.