ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-10-30

    شېئىر:مەيلى دەپ سۈكۈتتە ئۆتەمدۇق شۇنداق - [يازمىلىرىم]

     

    مەيلى دەپ سۈكۈتتە ئۆتەمدۇق شۇنداق

     

    ئەتىدىن-كەچكىچە ئىبادەت قىلىپ،

    تەڭرىگە يىلىنىپ ساخاۋەت تىلەپ.

    تەييارغا ھەر دائىم چىشىڭنى بىلەپ.

    مەيلى دەپ سۈكۈتتە ئۆتەمدۇق شۇنداق.

     

    "قارا.."دەپ ئېغۋالار تارقاتسا نامەرد،

    باش ئىگىپ يۈرۈمىزبولسىمۇبۇدەرت.

    ياشىغىن ئىنساندەك ئەقەللىي بۇ شەرت.

    مەيلى دەپ سۈكۈتتە ئۆتەمدۇق شۇنداق.

     

    ئەرلەر مەست،مەزلۇملار رىستۇران-چايدا،

    سۇسلىسا ئىتىقادىڭ، ئىمانىڭ قايدا.

    پاسىقلىق يامرىسا ھەممىلا جايدا.

    مەيلى دەپ سۈكۈتتە ئۆتەمدۇق شۇنداق.

     

    زېمىنغا زەيپانە ئەرلەر يۇك تۇرسا،

    ھاياسىزخان- قىزلاردولاڭغا ئۇرسا.

    نۇمۇسسىز،ۋىژدانسىزلارتوزاق قۇرسا.

    مەيلى دەپ سۈكۈتتە ئۆتەمدۇق شۇنداق.

     

    بالا دەپ بەرسەڭمۇ قۇربانلىق ھەر دەم،

    بەزىسى ئەجىرىڭنى بىلمىدى شۇ دەم.

    دىمىگىن بولارى بولدىغۇ بۇ دەم.

    مەيلى دەپ سۈكۈتتە ئۆتەمدۇق شۇنداق.

     

    ئىلىم-پەن تەغدىرنى ئۆزگەرتەر دىسەڭ،

    ئۆزگىدىن قالمايسەن زېھنىڭنى بەرسەڭ.

    ئەمما روھىڭ چۈشكۈن ئۈمىدسىز يۈرسەڭ.

    مەيلى دەپ سۈكۈتتە ئۆتەمدۇق شۇنداق.

     

     

     2010-10-28


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.