ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-10-30

    مەھەممەتجان راشىدىن ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى - [ئىلى دىيارىدا]

    مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە

    مەھەممەتجان راشىدىن ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى

    شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن 1940 - يىل 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئونيار يۈزى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجىدا ئوقۇپ تاماملاپ، 1955 - يىلىدىن 1958 - يىلى 3 - ئايغىچە سابىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1959 - يىلى 5 - ئايغىچە پىچان ناھىيسىدە قايتا تەربىيە ئالغان. 1960 - يىلىدىن 1968 - يىلىغىچە چاپچال ناھىيىسى ۋە غۇلجا ناھىيىلىرىدە مەمۇرىي خادىم، تېخنىك، كاتىپ، ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1968 - يىلى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ناھەق جازالانغان، 1983 - يىلى ئاقلىنىپ، غۇلجا ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. 1989 - يىلى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ كەسپىي يازغۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىنغانغا قەدەر شۇ مەكتەپتە تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئىلمىي مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن. مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1958 - يىلى «ئىلى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ئىلى دەرياسى» ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شېئىر ئىجادىيىتىگە رەسمىي كىرىشكەن. بولۇپمۇ 1980 - يىللاردىن كېيىن ئىجادىيەتتە كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىرغىچە «بۇ دۇنيا»، «بەزىلەر»، «سەن يوق»، «كۈت»، «مەشرەپ ھەققىدە مۇخەممەس»، «يىللار ئىزى»، «مەن سەۋدايى بولۇپ قاپتىمەن» قاتارلىق 1000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ئېلان قىلغان. مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ بۇ شېئىرلىرى «كاككۇك گۈلى»، «يىللار ئىزى»، «كۈنلەر ئالبومى»، «ئانا يەر قەسىدىسى»، «ئۆمۈر ئىلھاملىرى»، «ھايات دېگەن مانا شۇ» دېگەن ناملاردا توپلام قىلىنىپ نەشر قىلىنغان.
    مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن بىرگە يەنە پروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، 20 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېست ۋە ئەسلىمىسىنى ئېلان قىلغان، بۇلار «تېنىگەن كۆڭۈل» دېگەن نامدا 2001 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىر - غەزەللىرى ئاممىباب، خەلققە يېقىشلىق بولغاچقا، كۆپلىگەن ئەسەرلىرى ناخشا قىلىپ ئوقۇلۇپ خەلق ئارىسىغا تارقالغان، كۆپلىگەن شېئىرلىرى تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

    بۇ دۇنيا

    مۇھەممەتجان راشىدىن

    تالاشساڭمۇ،تالايدىن قالار ئىكەن بۇ دۇنيا ،

    بىلىپ بولماس نەگىدۇر بارار ئىكەن بۇ دۇنيا.

    مەيلى گاداي،مەيلى شاھ بىر قىيامەت بىر جانغا ،

    بىر ئىنساندىن بىر جەسەت ئالۇر ئىكەن بۇ دۇنيا.

    يىغلىغانلار پەسلەيدۇ رىزقى ئۇنىڭ شۇنداق،دەپ،

    مۇسىبەتكە ھەركىمنى سالار ئىكەن بۇدۇنيا.

     

    بىر ھوجرىغا جەم بولۇپ،ئۈلگۈرمىگەن جۈپلەرنى،

    ياش دىمەستىن ئەلەمدە قويار ئىكەن بۇ دۇنيا.

    ئۆلمەي تۇرۇپ ئايرىلغان تىرىكلەرمۇ ئاز ئەمەس،

    كۆز ياش بىلەن يۈزۈڭنى يۇيار ئىكەن بۇدۇنيا.

    ۋاپاسىز، دەپ كايىيدۇ شۇڭا ئۇنى ئادەملەر ،

    ئاغرىنغاننى قامچا بوپ ئۇرار ئىكەن بۇ دۇنيا.

     

    يۇلتۇز كۆزلۈك ئاسمانغا تۈندە باقسام ئۈنچىقماس،

    پايانى يوق تىلسىمدەك تۇرار ئىكەن بۇ دۇنيا.

    توخۇلارغا تاڭ قالدىم تىرىكلىكنى ئويغاتقان،

    تەئەجۈپكە ھەركىمنى قويار ئىكەن بۇ دۇنيا.

    ئەجداتلاردىن قەبرىلەر قاپتۇ سانسىز چوقچىيىپ،

    خىيال قىلساڭ بەئەينى مازار ئىكەن بۇ دۇنيا.

     

    تىرىكلەرگە كۆز سالساڭ مىدىرلايدۇ ھايات،دەپ،

    بىر قىسمەتتە ئاجايىپ بازار ئىكەن بۇ دۇنيا.

    ئۆچۈرگەندەك ئۆيۈڭنىڭ چىرىقىنى بىر شامال،

    ئۆزى يەنە گۆرۈڭنى قازار ئىكەن بۇ دۇنيا.

    مۈكچىيەركەن بەللىرىڭ سەن كۈتمىگەن كەچمىشتە،

    ھەر ماڭلايغا بىر قىسمەت يازار ئىكەن بۇ دۇنيا.

     

    كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئاق سانجىيدۇ چىكەڭگە،

    يۈزلەپ قورۇق يۈزۈڭدىن سانار ئىكەن بۇ دۇنيا.

    قىز -كېلىنلەر ھەددىڭ يوق تاڭلا موماي بولماسقا ،

    ئۇنىمىساڭ قويماستىن تاڭار ئىكەن بۇ دۇنيا.

    قايرىلىسەن كەينىڭگە ياشلىقىڭغا تويماستىن ،

    ئۆشنىسىدە سەن ئۇنىڭ،ماڭار ئىكەن بۇ دۇنيا.

     

    بۇ بەش كۈنلۈك ئالەمدىن ھەركىم ھەرنە كۆزلەيدۇ،

    بېخىللارنىڭ كۆزىدە تاۋار ئىكەن بۇ دۇنيا.

    كېلىپ-كېتەر مېھمانسەن،ياخشى قونۇپ،ياخشى كەت،

    سېخىي ئۈچۈن بىر قالام چاۋار ئىكەن بۇ دۇنيا.

    رەقىبلىشۇر ئىككى جان ئۈز نەپسىگە چوغ تارتىپ،

    توۋا دەڭلار،ئۇلارغا تۇمار ئىكەن بۇ دۇنيا.

     

    گويا ئاتقان ئوشۇقتەك سىيا چۈشۈپ،چۇ چۈشۈپ،

    ئويلاپ كۆرسەڭ بىر تاۋكا  قىمار ئىكەن بۇ دۇنيا.

    چىچەك تۆكسە ئۈرۈكلەر مىۋە قېلىپ ئورنىدا،

    ئەجداتلارغا ئەۋلاتنى ئۇلار ئىكەن بۇ دۇنيا.

    رىزقى ئەمما تەڭ ئەمەس بۇ «پانىي»غا كەلگەننىڭ ،

    بىردە يوقسۇل،بىردە تەل قىلار ئىكەن بۇ دۇنيا.

     

    ئاپەتلىرى ئاز ئەمەس،يولۇققانلار يىغلايدۇ،

    كەلكۈن كەبى شاقىراپ ئاقار ئىكەن بۇ دۇنيا.

    غەم قىلمىغىن ،ئۆلگەنلەر ،يىتىم قالغان بالاڭدىن ،

    ئۆزى بېقىپ قاتارغا قاتار ئىكەن بۇ دۇنيا.

    ئەجەپلەنمە بېشىڭغا ئىسسىق كەلسە، سوغ كەلسە،

    تارازىسى ئىگىز -پەس بولار ئىكەن بۇ دۇنيا.

     

    ئەيىپ كۆرمەڭ، كۆتۈردۈم شۇ سەۋەپتىن بىر قەدەھ،

    شۇ قەدەھكە، شۇ مەيگە خۇمار ئىكەن بۇ دۇنيا.

    سىلكىمە

    سىلكىمە ئوغلۇم مىنى سەن قېرى دەپ،

    كوچىلاردا تۇر مىنىڭىدىن  نېرى  دەپ.

    ھىچ كىشى ھۆددە  قىلالماس ئۆزىگە،

    قىرىلىق سەن مىنىڭىدىن نېرى دەپ.

     

    ئۆتتى باشتىن سانى يوق  جەۋرى -  جاپا،

    يۇرىمەن بىر كۈن كۈلۈپ، ئون كۈن خاپا.

    سىنى  چوڭ  قىلىپ   قاتارغا    قاتقىچە،

    ئۆيىدە  بۇلدىم  ئانا ،   كوچىدا  دادا.

     

    شۇ  ئوماق ئوغلۇڭ ئۆسۈپ سەندەك بۇلار،

    سارغىيىپ ئايدەك  يۈزى  مەندەك   بۇلار.

    ئاشۇچاغ سەن سەت كۆرۈپ خار ئەيلىگەن،

    گىپى  كۆپ  پاك   ئاناڭ   خەندەك   بۇلار .

     

    قوغلىما  مەنمۇ داداڭدەك   كېتىمەن،

    قوغلىما  بىر كۈن كۆزۈڭدىن يۈتىمەن.

    قاپقارا  زۈلمەتھەتلەرنىڭ   تەكتىدە ،

    ئاقىۋەت مەن دەرت ئەلەمسىز ياتىمەن.

     

    ئاپتۇرى . مۇھەممەتجان راشىدىن

     

    سەن يوق

    مۇھەممەتجان راشىدىن

    چىنەڭگە ئاھ، ئانا زەمزەم قۇيۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق،

    نىتەي ئەجرىڭ ئۈچۈن پاقلان سويۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.

    تۇتۇپ چىقماقنى ئويلايمەن ئۇچاڭنى تۈن بۇيى ئەمدى،

    بېشىڭغا قوش تەكىي - ياستۇق قۇيۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.

    بالامنى ئالغىچە ئەتتەڭ، سېنى ئالسامچۇ بوينۇمغا،

    زۆرۈر بولسا ساڭا پەيتۇن بولۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.

    ساڭا قانماي تۇرۇپ قەلبىم، ھاياتلار قەۋمىدىن كەتتىڭ،

    قۇيۇپ ئالدىڭغا قايماق چاي سورۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.

    مېنىڭ ئادەملىكىم بولسۇن سېنىڭ تەنبىھلىرىڭڭ بىرلە،

    مېنى ئۇرساڭمۇ مەيلىتى تۇرۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.

    ئۆزۈڭ بەرگەن ئەقىلدىن سەن ئۆزۈڭ بىر ئىمتاھان ئالساڭ،

    ئېقى قايسى، قارا قايسى، تۇنۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.

    چۈشۈمدە ئۇسسۇلۇقدەپسەن ئانا دەپ ئويغۇنۇپ كەتتىم،

    لېكىن پىيالىگە شەربەت سۇنۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.

    سېنىڭ ئەجرىڭدە ئەر بولدۇم، ئېگىز شاخلارغا قول سۇنغان،

    بىراق شاختىن ئانار، ئالما ئۈزۈپ بېرەي دېسەم سەن يوق.

    ساڭا بەرگەننى ئەرزىيتى قىرىق ئەلگەكتىن ئۆتكۈزسەم،

    شۇڭا شەربەتنىمۇ ھەتتا سۇنۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.

    يېشىل ياز كەتتى، قاقىرلار ئەنە قايتىشتى سەپ تارتىپ،

    نىتەي ھەر ياز بىرەر قوغۇن تىلىپ بېرەي دېسەم سەن يوق.

    سېنىڭ بارىڭىدا قەدىرڭنى ئەجەپ بىلمەپتىمەن ئەمدى،

    ساڭا كۆيگەن بۇ باغرىمنى يېرىپ بېرەي دېسەم سەن يوق.

     

    ئاپتۇرى: نازۇك،ئالمىزار تورىدىن ئېلىندى

     


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.