ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-10-27

    شېئىر:قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە! - [يازمىلىرىم]

    قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!

    (توردا قىزلىرىمىزنى "شەرمىي ھايالىق، ئىپپەت نومۇسلۇق بولسا...." دىگەن مەزمۇندىكى يازمىلارنى كۆپ كۆردۇم.شۇڭا بۇ شېئىرنى ھەر قايسىڭلارغا سۇندۇم)

    ئارزۇيىڭنى چۈشەندىم شېئىرىڭدىن،

    ھەر ئوغولنىڭ ئارزۇسىنى تىلىڭدىن.

    سەنمۇ بولساڭ ساداقەتلىك دىلىڭدىن،

    قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!

     

    ھايا نۇرى پارلاپ تۇرغان روھىدىن،

    سايە بولۇپ چىقالمايسەن سۆزىدىن،

    مىھرى ئاتەش چىقىپ تۇرار كۆزىدىن،

    قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!

     

    ئىللىق سۆزى ئوت ياقىدۇ قەلبىڭگە،

    ئۆل دىمەيلا ئۆلەر ئىدىڭ ھۆسنىگە،

    ئالدامچىلار ئېرىشەلمەس جىسمىگە،

    قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!

     

    راستچىل بولساڭ ئۇتالايسەن كۆڭلىنى،

    شەيتاندىنمۇ تۇتالايدۇ كۆڭلىنى،

    چىن سۆيگۈگە ئاتالايدۇ كۆڭلىنى،

    قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!

     

    دىلىدا بار پاك ۋىژدانى، ئىمانى،

    مىللەت ئۈچۈن يۈرىگىدە پىغانى،

    سۆيگۇ بىلەن ھەق ئالدىدا ۋىژدانى،

    قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!

     

    شاللاقلىقنىڭ چۈمپەردىسى ئارتمىغان،

    خۇلقى ئەركە،غېلجىڭلىقنى تارتمىغان،

    پاك جىسمىنى ،ئىپپىتىنى ساتمىغان،

    قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!

     

    بەكمۇ ئازدۇر كۆڭۈل خوشى تاپارلار،

    پۇل-پۇچەك دەپ سورۇنلارغا چاپارلار،

    ھەممە قىزلار ئەمەس ئۇنداق ناچارلار،

    قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!

     

    تەقتىم قىلساڭ چىن سۆيگۈڭنى سۆيۈنەر،

    ئەلنىڭ ئوغلى بولساڭ گۈلدەك كۆرۇنەر،

    ئەقىدەڭگە مەڭگۈ ۋاپا تۆلىنەر،

    قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!

     

    ياش تۇرۇپلا يېزىلمىسۇن گۇناھىڭ،

    گۈلگە تولغاي سىنىڭ سۆيگۈ دۇنيارىڭ،

    پىشانەڭگە باردۇر يازغان نىگارىڭ،

    قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!

     

    بولمىساڭلا تاشلاپ ئۇنى كەتمەكچى،

    بارلىقىنى ساڭا تەقدىم ئەتمەكچى،

    بولغان قىزمۇ سىنى ئىزدەپ تاپماقچى،

    قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!

     

    دىققەت قىلغىن قارلىماتالا-تۈزدە،

    ئاچا-سىڭلىڭ، سۆيگىنىڭ باربۇ سۆزدە،

    ئىززەت قىلغىن قالدى ئەمدى گەپ سىزدە،

    قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!

     2010-10-15


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.