ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-10-27

    غۇلجا خەلقى مۇشۇنداق - [ئىلى دىيارىدا]

    غۇلجا خەلقى مۇشۇنداق

    تارىختا ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار بەكمۇ ئازادە شارائىتتا ياشىغان . ئىلىنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورنى ، ئۇلارنىڭ تەبىئى بايلىقى ، كان ، ئورمان بايلىقى ، يايلاق ، سۇ ، مال -چارۋا ، بىنەم ئالاھىدىلىكلىرى بۇ ۋادىنىڭ ئادەملىرىنى تولۇق يېتىلدۇرگەن . تەبىئى بايلىقلار ئۇلارنىڭ مىجەزىنى ئەتراپلىق تاۋلىغان .شۇڭا ئۇلار ئەۋلاتتىن -ئەۋلاتقىچە مەيدىسىنى كېرىپ ياشاپ ئۆەىنىپ قالغان . مۇشۇنداق ئالاھىدىلىك ، ئەۋزەللىك بىلەن بىنەملەرنى بىر يىل تېرىپ قويسا نەچچە يىل يەيدىغان ، مال -چارۋىلىرىنى دالاغا قويۇۋىتىپ ھەپتە ئىزدىمەيدىغان ئەمەليىتى بۇگۇنكى كۈندە ئۇلارغا << پوچى >> دېگەن ئاتالغۇنى ھەدىيە قىلغان . توق ياشاپ يېتىلگەن بۇ خەلق چوڭ-چوڭ سۆزلەشكە ئادەتلىنىپ قالغان .
    تەبىئەتنىڭ بۇ ئەركە بالىلىرى قىزىقچىلىق قىلىشنى ، چاقچاق قىلىشىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ . تۆت ئادەم بىر يەرگە كەلسە ئامال بار بىر قىزىقچىلىق قىلىدۇ ، يا بىر سىنى تېرىكتۇرىدۇ ، يا بىر سىنى ھەزىل قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن قىزىقچىلىقققا ، چاقچاققا يول ئېچىلىدۇ . قىزىق چاققاقلار ئارقا -ئارقىدىن تىزىلىدۇ .ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا چاقچاق بۇ خۇشخۇي خەلىقنىڭ تۇرنۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭىپ كەتكەن ، بەزىدە ئاش -نانغا ئايلىنىپ قالىدۇ . ئاۋام چاقچاقچىلارنى ھورمەتلەيدۇ ، ئۇلارنى سويىدۇ . مەسىلەن مۇنداق بىر چاخچاق بار ، بىرسى سەكراتقا چۇشۇپ قاپتۇ ، ئاغىنلىرى ئۇنىڭ رازىلىغىنى ئالىمىز دەپ يوقلاپ كىرىپتۇ ، بىرسى ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ ، ئاداش سەن ئۆلگەندە باش يۇغۇچۇڭغا ئۆزۈم كىرىپ ئالتۇن چىشلىرىڭنى سۇغۇرۋالىمەن -دە ! دەپتۇ ، ھىلىقى جان تالىشىپ يىتىۋاتقان ئاغىنىسى ئاياغ يۇغۇچۇمغا كىرىپ كالتە ئىشتىنىمنى ئالمامسەن دەپتۇ . دىمەك ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق پەيىتتىمۇ چاققاق قىلىشنى ئۇنۇتمايدۇ .
    تۇرمۇشتا ، مۇئامىلىدە بەزى ئىشلارنى ئوچۇق -ئاشكارە دېگىلى بولمايدۇ ، دېەىلى بولغاندىمۇ ئۇنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمايتتى ئەگەر ئاشۇنداق ئىشلارنى چاققاققا ئايلاندۇرۇپ دېسەك ، ئۇنى مۇۋاپىق ئورۇندا ئۇستىلىق بىلەن ئىشلەتسىڭىز مەخسىتىڭىزگە ئاسانلا يىتىۋالايسىز .مانا چاقچاقنىڭ سىرى مۇشۇ يەردە ..ئۇ ھەممە ئادەملەرنىڭ مىجەزىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان ئەڭگۇشتەر ، سەپرانىڭ مىجەزىنى نورماللاشتۇرىدىغان دورا ، شۇڭا بۇ دورا ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى سۆزلىتىپ تۇرىدۇ ، قىسقىسى چاقچاق ئادەم بىلەن ئادەمنى يېقىنلاشتۇرىدۇ .
    ئىلىقلارنى چۇشەنمەك تەس ئەمەس ئۇلار سىزگە چاقچاق بىلەن يىقىنلىشىدۇ . ئۇلار ھېلىقىدەك سىز كىم بولىسىز ، ئۇ ئادەمنى قانداق تونۇيسىز ، نېمىڭىز بولىدۇ ، نەدىن كەلدىڭىز دېگەندەك سوئاللار بىلەن قارشى تەرەپنى ئاۋارە قىلغان بىلەن ئاىىرىدا چۈش بولۇپ قالدى ، ئۆيگە كىرىپ چاي ئىچىۋىلىڭ دىيىشنى ئۇنۇتمايدۇ . سىز گە قايماقلىق ئەتكەن چاي كەلتۇرىدۇ . ئۇلار ئاق كۆڭۈل ، زىرەك مېھماندۇس . مېھماننى ئۇلۇغ بىلىدۇ . ئۆيدە بىر پارچە نېنى قالمىسمۇ چاندۇرماي ئامالىنى قىلىپ ، مېھماننى ئۇزىتىدۇ .
    ھەي غۇلجىلىقلار ، جاھانغا ھارۋىكەش ناخشىلىرى بىلەنمۇ تونۇلغان غۇلجىلىقلار . سورۇنلاردا مۇڭ تارقىتىدىغان غۇلجىلىقلار . سەھرا يوللىرىدا ، تاغ يوللىرىدا ، كارۋان يوللىرىدا ، خاڭ يوللىرىدا ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ ياشايدىغان غۇلجىلىقلار . دەريا بويلىرىدا مۇھەببەتكە تويماي ئاينىمۇ قىزىقتۇرۇپ ئولتۇرۇغۇزۋالىدىغان غۇلجىلىقلار . يازدا تاغ ئورمانلىرى ئىچىدىكى گۈللەرنىڭ خۇش پۇراقلىرى بىلەن ئوزۇقلقنىدىغان غۇلجىلىقلار . ئاپپاق بېلىقلارنى دەپ ئاپتاپتا ياتقان غۇلجىلىقلار . ياشلىق باھارىنى چاققاق بىلەن ئۆتكۈزگەن غۇلجىلىقلار . تۆت سەر ئىچىۋىلىپ جەننەتنىڭ كۆزەتچىسىدەك ئۇيقۇسىنى ئاچالمايدىغان غۇلجىلىقلار . ئىشىندىغان ، ئىشەندۇرىدىغان ، كۈلىدىغان ، كۈلدۈرەلەيدىغان غۇلجىلىقلار . بىر چىنە مەنتەڭنىڭ ئۇستىگە قۇندۇرغان بىر تەخسە قورۇما ئۇچۇن بىر كۈن ناخشا توۋلاپ ھاراق ئىچىدىغان غۇلجىلىقلار . ئۇرۇمچىدە ئەتكەنچاي تاپالماي بىر تەخسە لەغمەن ئۇچۇن بىر چىنە مىنتەڭ ئىچىدىغان غۇلجىلىقلار . ئاشخانا خۇجايىنلىرىنىڭ ئىلىخولۇقلار كەلدى ، قازانغا سۇ جالايلى دېگەن ۋاقىراشلىرىنى ئاڭلىغاندا خىجىل بولۇپ كۈلۈپ كېتىدىغان غۇلجىلىقلار . شەرەت بىلەن ئىش پۇتتۇرىدىغان غۇلجىلىقلار . چاققاق بىلەن ئىش پۇتتۇرىدىغان غۇلجىلىقلار . نان ياقىدىغان تونۇرى بار ، ئۆستەڭ چاپىدىغان كەتمىنى بار ، بۆشۈكى بار ، دۇتتارى بار ، ئوسمىسى بار غۇلجىلىقلار . ھەي ئىلىلىق ، نەگە ماڭدىڭ دەپ شاڭخۇ قىلىپ توۋلىسا كۈلۈپ تۇرۇپ سالام بېرىدىغان غۇلجىلىقلار . مۇڭ ئىچىدە ، بۇلبۇل ناۋاسى ئىچىدە ياشايدىغان غۇلجىلىقلار ....

    مەنبە:ئالمىزار


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.