-
2010-10-27
شېئىر:كەتتۇقمۇ ؟ - [يازمىلىرىم]
كەتتۇقمۇ ؟
ئەجدادىمىز ياراتقان ئىلىم ۋەئىھسان،
شۇ خىسلەتتىن بىردىنلا چېنىپ كەتتۇقمۇ ؟
جەننەت تۇرساتاشلاپ ئۇنى، دۇزاق تامان،مۆئمىن تۇرۇپ ئەگىشىپ ئېزىپ كەتتۇقمۇ ؟
تارقىتىپ بىز ھىكمەتلەر دەۋران سۈرگەن ئەل،
يۈكسەلمەستىن ،مىراستىن تېنىپ كەتتۇقمۇ ؟
ئەزىز ماكان-يۇرتۇمىزنى گۈللەندۈرمەي،
غايىمىزھەم ئىستەكدىن قېيىپ كەتتۇقمۇ ؟
ھەسەتخورلۇق ھۆكۈمران بولغاچقا بىزگە،
كۆرەلمەسلىك ئۇرۇقى تېرىپ كەتتۇقمۇ ؟
قان قېرىنداش، يىتىمنى زارلىتىپ تۇرۇپ ،
غەمگۈزار دەپ مەيدىنى كېرىپ كەتتۇقمۇ ؟
قاتار چاي، رېستۇراندا مەزلۇملار يۈرۈپ،
بالا بېقىپ ئۆزىمىزھېرىپ كەتتۇقمۇ ؟
قىزارماستىن ئۆزگىنى دوراپ، دەپ" مودا"
ئېچىپ قويۇپ كاسسىنى يۈرۈپ كەتتۇقمۇ ؟
كۆڭلىمىزنى چىللىسا ئىشرەت ۋە خومار،
مال بىساتنى، ۋىژداننى سېتىپ كەتتۇقمۇ ؟
قاششاقلىقتىن بەختىمىز ۋەيران بولىدى دەپ،
موردا بولۇپ ئۈمۈدلەر سېسىپ كەتتۇقمۇ ؟
روھىمىزنى ئەپقاچقاچ ئادىمىي شەيتان،
"ياشىدىم" دەپ ساراڭدەك كۈلۈپ كەتتۇقمۇ؟
ئارمىنى كۆپ ، دەرمانى يوق،يىتەلمىگەن،
بەڭگىلەردەك خىياللار سۈرۈپ كەتتۇقمۇ ؟
ناخشا-ئۇسسۇل خۇمارخەق دەپ ماختاپ قويۇپ،شەيتان سالسا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتتۇقمۇ؟
تۇرالماستىن ئاڭلانسا كۈلكە، ھاياجان ،
ئەسلىمىزنى ئۇنتۇپلا ئۇچۇپ كەتتۇقمۇ ؟
خۇراپىيلىق،نادانلىق چاپلاشقان بىزگە ،
دوزاق ئوتى كۆيدۇرمەي كۆيۈپ كەتتۇقمۇ ؟
يىقىلساقمۇ تۇرغانغۇ ،ئەتىمىز ئۈچۈن،
بۇ دۇنيادىن بىراقلا تويوپ كەتتۇقمۇ ؟
ئىزدەنسەڭلا بار يەنە ئىمكان كىيىنگە ،
يىقىلىپلا بىر قېتىم قېرىپ كەتتۇقمۇ ؟
تۆۋە قىلدۇق ،تۆۋىمىز بولارمۇ قوبۇل،
پۇشايماننىڭ تەپتىدىن ئېرىپ كەتتۇقمۇ ؟
历史上的今天:
شېئىر:قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە! 2010-10-27غۇلجا خەلقى مۇشۇنداق 2010-10-27غېنى باتۇر-1-- 2010-10-27
收藏到:Del.icio.us