ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-10-27

    غېنى باتۇر-1-- - [ئاتاقلىق كىشىلەر]

    غېنى باتۇر 
      خەلق قەھرىمانى---- غېنى باتۇر ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى نىلقا قوزغىلىڭىنىڭ ئاساسلىق رەھپەرلىرىدىن بىرى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خەلىق قەخىرمانى ، ھەربى قوماندان غېنى مۇھەممەت باقىر 1901 - يىلى غۇلجا ناھىيە قاش يېزىسىنىڭ تۇردىيۇز مەھەللىسىدە كەمبەغەل دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .غېنى كىچىگىدىنلا ئىشچان ، باتۇر ، كۇچلۇك ، غەيرەتلىك بالا بولۇپ ، بالا ۋاقتىدا چىلىشتا داڭ چىقىرىدۇ ۋە ئېگىز بوي ، گەۋدىلىك ، يوغان باش ، كەڭ ۋە سوزۇق يۇزى قىپ - قىزىل ، قوي كۆز ، كەم سۆز ئادەم بولۇپ يېتىلىپ چىقىدۇ .غېنى16ياش ۋاقىتلىرىدا بىر كۇنى تۇققۇز تارادا باتۇرلۇق ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان ئاتلىق بىر قازاق يىگىتكە <<مەن مۇشۇ ئالا ئېتىڭنى ئاشۇ قارا ياغاچ تۇۋىگە ئاپىرىپ ئەكەلسەم نىمە دەيسەن ؟>>دەپ 150مىتىر ئارلىقنى كۆرسۇتىدۇ .قازاق يىگىت ئەگەر ئەگەر دىگىنىڭدەك قىلساڭ ، ئاتنى ساڭا بەردىم . قىلالمىساڭ ئاۋۇ تورۇق ئېتىڭ مىنىڭ >> دەيدۇ ، غىنى بارغان پېتى ئاتنى يەلكىسىگە ئېلىپ ماڭىدۇ ، قىيقاس كۆتۇرۇلىدۇ . غېنى ئاتنى كۆتۇرۇپ قارياغاچتىن 100مىتىر نىرى يارگە ئېلىپ بېرىپ ، قايتۇرۇپ ئەكىلىدۇ . خەلىق ھەيران قالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن غىنىنىڭ << باتۇر >> دىگەن نامى پۇتۇن ئىلى رايۇنىغا تارقىلىدۇ . ھەم زۇلۇمغا جازانىخورلۇققا قارشى ھەركەت قىلىدىغان نوچىلار غېنىنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىشقا باشلايدۇ .ئۇلار زالىم بەگلەر ، جازانىخور بايلار ، ئەمەلدارلارنى تىللايدۇ ، مەسخىرە قىلىدۇ ، ئېپى كەلسە ئۇلارنىڭ مال مۇلكىنى ئوغۇرلاپ ، يىتىم - يىسىرلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ . شۇڭا غېنى 1944-يىلىغىچە كۆپ قېتىم تۇرمىلەرگە تاشلىنىدۇ ، ھەر قېتىم قامالغاندا كىشەننى ئۇزۇپ تاشلاپ قاچىدۇ .   ئەڭ ئاخىرقى قېتىم غېنى 1944 - يىلى 4 - ئاينىڭ 5 - كۇنى دۇشەنبە ئۇرۇمچى 2 - تۇرمىدىن ( ھازىرقى ئۇرۇمچى شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى ئورنىدا ) قېچىپ نىلقا ئەتراپىدا يوشۇرنۇپ يۇرىدۇ . شۇ كۇنلەردە نىلقا تاغلىرىدا گومىداڭغا قارشى ھەركەت ئېلىپ بىرىۋاتقان فاتىخ باتۇر ، ئەكبەر باتۇر ، قۇربان بۇرھانىدوف ، ئوسمان ئىبرايىمۇف ، سىيىت ئاۋان ( ئەكبەرنىڭ ئىنىسى ) ، نۇر ئوبولۇف ، ھوشۇر مامۇتۇف ، ، مۇساقان قۇربان ، خەمىت مۇسلىمۇف ( فاتىخ باتۇرنىڭ ئىنىسى ) ، رەپىق بايچۇرىن قاتارلىق پارتىزانلار گۇرۇپپىسى غېنى باتۇرنىڭ ئۇرۇمچى تۇرمىسىدىن قېچىپ كەلگىنىنى ئاڭلاپ ، ئۇنى ئىزدەپ تاپىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن غېىنى ئىنقىلاپقا قېتىلىدۇ . پارتىزانلىق شىتاپ قۇرۇلغاندا غېنى 2- پارتىزانلار گۇرپىسىغا مەسئۇل بولىدۇ ، بۇ گۇرپىدا زۇلۇمغا قارشى ، ئەركىنلىككە ئىنتىلگۇچى 200دىن ئارتۇق پارتىزان بار ئىدى  
     
    غېنى شۇندىن باشلاپ ھەرقايسۇ ئۇرۇش رايۇنلىرىدا باتۇرلۇق كۆرسىتىدۇ ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن غېنى باتۇر دەپ تەرىپلىنىدۇ . غىنى باتۇر ۋە پارتىزانلار گومىنداڭنىڭ غۇلجا تەرەپتىن 10 ماشىنىدا كەلگەن ئەسكىرىنى توسۇپ زەربە بېرىپ ، مازار رايونىغا كىرگۇزمەي يوقۇتۇپ ئۇلارنىڭ قورال ياراقلىرىنى غەنىمەت ئالىدۇ . سۇلتان ئوۋەيس مازىرىغا يوشۇرۇن كىرىپ ، ساقچى ئىدارىسىنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ . ھەر مىللەت خەلقىدىن قامالغان 30 نەچچە كىشىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ .غىنى يەنە قارا سۇ ، سۇپتاي ، مازار رايونىدىكى ئۇرۇشتا ئاتلىق ئىككى قولىدا ئىككى ماۋزۇر بىلەن يامغۇردەك يىغىۋاتقان ئوققا قارىماي دۇشمەن سېپىنى يېرىپ ئۆتۇدۇ . دۇشمەن توپىغا ئاتلىق بېسىپ كىرىپ دۇشمەن قولىدىكى قورالنى تارتىپ ئېلىپ چىقىدۇ . غېنىنىڭ بۇنداق باتۇرلىغى خەلىق ئىچىدە ھەرخىل ئەپسانىلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ .
    غېنى ئارشاڭنى ئېلىش ئۇرۇشىدا ئېغىر يارلىنىپ ئالمۇتۇغا داۋالىنىشقا بارىدۇ ۋە داۋالىنىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋاقىتلىق ھوكۇمەت ئۇنىڭ قەخىرمانلىق جاسارىتى ، قوماندانلىق ماھارىتىنى نەزەرگە ئېلىپ ، ئۇنىڭغا پولكوۋنىكلىق ھەربى ئۇنۋان ۋە << خەلىق قەخىرمانى >> دىگەن ھۆرمەتلىك نامنى بېرىدۇ .ئۇ ئازاتلىققا قەدەر ئۇچ ۋىلايەت ھۆكۇمىتىنىڭ ئەزاسى ، مىللى ئارمىيە ھەربى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىغى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولىدۇ . ئۇ بۇ جەرياندا << جۇمھۇريەت >> ، <<ئازاتلىق >> ، << ئىستىقلالىيەت >> ، << باھادۇرلۇق ئۇچۇن >> قاتارلىق كۆپلىگەن ئوردىنلار بىلان تارتۇقلىنىدۇ.                                                                                 
     
    ئازاتلىقتىن كېيىن ئۆلكىلىك سىياسى مەسلەھەت كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ . كېيىن كېيى پاتىخ باتۇر بىلەن لەنجۇدا 1953- يىلىغىچە دەم ئالىدۇ . غۇلجىدا قالغان ئايالىنىڭ ( مىللىتى قازاق ، ئىسمى جىبەك ئاباس قىزى ) دىيىشىچە 1952-يىلى ھۆكۈمەت غېنى باتۇرنى لەنجۇغا ئىدىيە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ( غېنى باتۇر لەنجۇغا مۇشۇ ئايالىنى بىرگە ئېلىپ بارغان ) بولۇپ ، ئۇلار لەنجۇدا 1952-يىلدىن 1954-يىلى 10-ئايغىچە تۇرغان بولۇپ لەنجۇدا بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان بولۇپ ) ، يارمەمەت دەپ ئىسىم قويغان . غېنى باتۇر 1955-يىلى 5-مايدا سوۋېتتىكى چوڭ ئايالىنىڭ پاسپورتى بىلەن،ئالمۇتىغا چىقىپ كەتكەن ( سوۋېتتە بىر ئەرگە ئىككى خوتۇن بولۇشقا رۇخسەت قىلمىغانلىقتىن بۇ ئايالى بالىسى بىلەن قاپتىكەن ) . ئايالى قېپقېلىپ 1981-يىلى 11-ئايدا ۋاپات بوپتۇ . بالىسى 2 يىل ئالدىداقورغاس ئېغىزىدا يۈكچى بولۇپ ئىشلىگەن.باتۇرنىڭ بالىسى بىلەن مەن بىرنەچچە قىتىم كۆرۈشكەن.   1953 - يىلىنىڭ ئاخىرى قايتىپ كېلىپ ئۆلكىلىك سىياسى مەسلەھەت كېڭىشىگە ئەزا بولىدۇ . 1954- يىلىنىڭ ئاخىرى غۇلجىغا كېتىدۇ ۋە 1956 - يىلىنىڭ ئاخىرى ھازىرقى قازاقىستانغا چىقىپ كېتىدۇ . 1981 - يىلى 80 يېشىدا ئالمۇتا شەھىرىدە ۋاپات بولىدۇ . 

      


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.