ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-11-06

    شېئىر:شۇنچىلىك - [يازمىلىرىم]

    شۇنچىلىك

    يىغا بىلەن كۆز ئاچقاندا دۇنياغا،

    بىلىپمىدىم بۇ دۇنيانى بۇنچىلىك.

    تەتە قىلىپ ماڭدۇرغاندا ئانىجان،

    مەنزىلىمنى دەپتىكەنمەن شۇنچىلىك.

     

    ئەقىل تېپىپ بىلەلمىدىم زادىلا،

    ھەق-ناھەقنىڭ ۋەزنى زادى قانچىلىك.

    بىر پۇتلۇشۇپ يىقىلىپلا تۇرالماي،

    تەغدىرىمنى دەپتىكەنمەن شۇنچىلىك.

     

    ئويلاپ باقسام بىر تۇتاملا ئۆمۈركەن،

    يوق زۆرۈرى ئاھ ئۇرۇشنىڭ ئانچىلىك.

    ھايات يولۇم توسۇلغاندا گاڭگىراپ،

    غەيرىتىمنى دەپتىكەنمەن شۇنچىلىك.

     

    ئەجدادىمنىڭ قىنى ئاقار جىسمىمدا،

    بوشاپ كەتسەم بولماس ئىكەن ئۇنچىلىك.

    چېچەك ئاچماس ئارمانلار دەپ ئاغرىنىپ،

    ئەل يۇرتۇمنى دەپتىكەنمەن شۇنچىلىك.

     

     

     

    ئەل ئوغلىمەن ئەلسىز يوقتۇر ئىقبالىم،

    ياتقىنممۇ يىتەر ئەمدى شۇنچىلىك.

    ئەجداتلىرىم نادانلىقتا ئۆتكەن دەپ،

    تارىخىمنى دەپتىكەنمەن شۇنچىلىك.

     

    ئەللەر كەتتى كۆكتىن ھالقىپ ئالەمگە،

    قالغان بىزلەريەنەتۈمەن كۈنچىلىك.

    ئىلىم تەھسىل قىلىپ خەلقىم دەس تۇردى،

    ئۆز-ئۆزەمنى دەپتىكەنمەن شۇنچىلىك.

     

     

    2010-11-05 

     

     


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.