ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • ياپراق

    (غەزەل)

    قىپ يالاڭغاچ دەل دەرەخلەر، ياپراق ياتار ئاياغىمدا،

    قۇرۇپ قاخشال بولۇپ قالغاچ، چۇقان سالار ئاياغىمدا.

    ياپ-يېشىل تون كەيدۈرگەن ئۇ، نازلاندۇرۇپ تەبىئەتنى ،

    خوشاللىقى بەكمۇ قىسقا ھەسرەت چىكەر ئاياغىمدا.

  • ئۈنسىزيىغا

     

    ئۈنسىزيىغلار بىر جانان پىنھانلىقدا،

    شۇنچىلىكمۇ كۆپمىدۇ ئەجەپ دەردى ؟

    ئايرىلىشقا چىدالماي مىسكىن قەلبى،

    ئېتىلاتتى نالىسىدىن نىدا ئوقى!

  •  

    غۇنچىسەن

    ھاياتىڭنىڭ رەڭگا-رەڭ پەسلىدۇر ياشلىق ،

    پاك سۆيگۈڭنى قەدىرلە ئۇلۇغلاپ ئۆتكىن.

    ئىتىقادىڭ، ئەخلاقىڭدىن گۈلدەستە تىزىپ ،

    ئىشەنچىڭنى باغاشلاپ ئۈمىدۋار يۈرگىن.

  • نۇرتاي ھاجى ھەققىدە

    نۇرتاي ھاجى ھەققىدەئۆزىنىڭ ئاجايىپ تەسىرلىك خەير- ساخاۋىتى بىلەن ئەلنىڭ يۈكسەك ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولغان نۇرتاي ھاجى ئىسكەندەر يېقىندا بېيجىڭدا كاتتا شەرەپ سەھنىسىگە چىقتى.

    شىنجاڭلىق بۇ خەير-ساخاۋەتچىنىڭ نامى پايتەخت ئارقىلىق پۈتۈن جۇڭخۇا ئېلىگە تارالدى. 2006-يىللىق جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى بويىچە نام بېرىش- مۇكاپاتلاش يىغىنى 24-ئىيۇن بېيجىڭ خەلق سارىيدا داغدۇغلۇق ئېچىلدى ،يىغىندا شىنجاڭ غەربىي نۇر گۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى نۇرتاي ھاجى ئىسكەندەرگە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭخۇا خەير- ساخاۋەت چولپىنى دېگەن

  • ئىلى دەرياسى 

                                             

                                              ئىلى دەرياسى ئاسيادىكى مەشھۇر دەريالارنىڭ بىرى. بۇ دەريا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى تەڭرىتاغلىرىنىڭ بۇلۇتقا تاقاشقان ئېگىز چوققىلىرىدىكى مۇزلۇقلاردىن باشلىنىپ، قاتمۇ – قات تاغلار ئارىسىدىكى قېلىن قارىغايلىق جىلغىلار ۋە رەڭگارەڭ گۈل – چىچەكلەرگە پۈركەنگەن گۈزەل يايلاقلاردىكى سانىسزلىغان كىچىك ئېقىنلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان مەشھۇر ئەزىم دەريادۇر.

  • تاتار مىللىتى

    ئىرقى ------ياۋروپا ئىرقىنىڭ موڭغۇل، ھىندى - پامىر تىپى ۋە كاۋكاز ئىرقىنىڭ ئارىلاشمىسىغا كىرىدۇ. تاتارلار 1.ۋولگا تاتارلىرى2.شەرقى ياۋروپا تاتارلىرى3.كاۋكاز تاتارلىرى4.ئوتتۇرا ئاسىيا تاتارلىرى 
    5. ئاق تاتارلار 6.قارا تاتارلار دەپ ئالتە توپقا بۆلىندۇ

  • تۆھپىكار تاتار خەلقى(2)

     

    2.تاتارلارنىڭ جۇڭگۇغا كېلىشى ۋە ئىلىدا شۇغۇللانغان تۈرلۈك كەسىپلىرى

    تاتارلارنىڭ جۇڭگۇغا كېلىشى19-ئەسىرنىڭ 20-30-يىللىرى باشلانغان بولۇپ بەش دەۋرگە بۆلىنىدۇ:

    بىرىنچى دەۋر:18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا روسسىيەدەفىئودالىزىم زاۋانلىققا يۈزلەندى.زاۋاللىققا يۈزلەنگەن چوڭ فىئوداللار كەڭ دېھقانلارغا قاراتقان ئىكىسپىلاتاتسىيىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش بىلەن بىرلىكتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قاتتىق تالان-تاراج قىلدى.شۇ قاتاردا ئىدىل،ئورال بويلىرىدىكى تاتارلارنىڭ يەر-زىمىن،تېرىلغۇ يەرلىرىنى،چارۋا مال، ئوتلاقلىرىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋىلپلاقالماستىن ،ئېغىر ئالۋاڭ-سېلىق ئارقىلىق ئۇلارنى كۈن كۆرەلمەسلىك ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

  • تۆھپىكار تاتار خەلقى(1)

    مەن مەمىلىكىتىمىزدىكى تارىخى ئۇزۇن، ئۇيغۇرۋەباشقاقېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر بىلەن ئەسىرلەردىن بېرى بىللە ياشاپ كەلگەن مەدەنىيەتلىك تۈركى خەلقلەرنىڭ بىرى بولغان تاتارمىللىتى نىڭ كېلىپ چىقىشى، مەدىنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ۋەشىنجاڭنىڭ ھەر ساھەسىگە قوشقان تۆھپىلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىن قىسقىچە چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن بۇ ماتىريالنى تەييارلىدىم.ھەر قەيسىڭلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنماقچىمەن. بەھىرلەنگەيسىلەر.     

  •   ئىلىدىكى توققۇزكۈرە

    تەلكە كۈرەسى. تەلكە كۈرەسى ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ ، مانجۇلار بۇ كۈرەنى مىلادى 1761- يىلى تارانچىلارنىڭ كۈچى بىلەن ئەھيا قىلدۇرغانىدى. كىيىن مىلادى 1802-يىلى ئىككى قىېتىم كىڭەيتىپ سالدۇردى. بۇ قەلئە-ئىلى ۋادىسىغا ئۈتىدىغان قەدىمكى خەلقئارالىق يول -ئالمالىق جىلغسنىڭ ئېغىزىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ،تارىخت<بىرىنچى ئۆتكەل> دەپ ئاتالدى.1ا

  • سۆيگۈمگە مىھرىڭدىن بەرگىنەمەدەت

     

    سىھىرلەپ ئالدىڭمۇ ئەركىمنى مىنىڭ،

    باغلاندى تىلىممۇ باقىمەن ئۈنسىز.

    كۆندۈم مەن نەئىلاج بىمارىڭ سىنىڭ،

    سېنىڭدۇر بارلىقىم ،شىپا يوق سەنسىز.