The Wayback Machine - https://web.archive.org/web/20160817034751/http://www.blogbus.com/alfirat-logs/220660028.html
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2012-08-01

    ئەتەڭ ئۈچۈن ئەجىرقىل - [يازمىلىرىم]

    ئەتەڭ ئۈچۈن ئەجىرقىل

    نادان دىدۇق گول دىدۇق، ياتما ئەمدى بول دىدۇق، قاچانغىچە ياتىمىز؟
    "ئۆل دىدىمۇ ؟ئۆل" -دىدۇق، تەغدىرىمىز شۇل دىدۇق...قاخشاپ شۇنداق ئۆتىمىز؟!



    نەزەر سالماي جاھانغا،ئۆتۈپ خوش دەپ يامانغا، دۇمچەك بولۇپ قالىمىز،

    شەيدا بولۇپ باداڭغا، قاپىقى يوق باراڭغا،قاچان قاپاق ئالىمىز؟



    قىزلار يۈرۈپ ناز بىلەن، ئەرلەر ئويناپ ساز بىلەن،ئۆتۈپ كەتتى كۈنىمىز،

    قىشمۇ ئۆتتى ياز بىلەن، چەكمەن كىيىپ ماز بىلەن،يەنە يازنى كۈتىمىز!؟




    بىلىم ئالسا تىرىشىپ،تەتقىق قىلسا كىرىشىپ، ئېۋەن ئىزلەپ كۈلىمىز،

    بولارىم شۇ دىيىشىپ،كېيىن پۇشمان يىيىشىپ، راۋان بولماس يولىمىز.



    دەۋىر كەتتى ئۇچقاندەك، بىز يۈرەمدۇق توشقاندەك؟، دالىنى دەپ كەپىمىز،

    ياشايلى بىز ئەجداتتەك، قان قېرىنداش تۇققاندەك،شۇندا گۈزەل ئەتىمىز.



    ئەللەر ئارا يول تېپىپ،سودا قىلىپ پۇل تېپىپ، چىقتى سانسىز ئوغلىمىز.
    بەرسەك ئۆستەڭ قېزىشىپ،زاۋۇت، مەكتەپ سىلىشىپ،ئورۇن تاپار پۇلىمىز.

     

     

     

    تاشلاپ ئەمدى چىلىمنى، ئەيشى-ئىشرەت، خېنىمنى،ئەسلىمىزگە يانىمىز،

    قۇرال قىلىپ بىلىمنى، جەننەت قىلىپ ئېلىمنى،يېڭى يولغا ماڭىمىز.



    ئەتەڭ ئۈچۈن ئەجىرقىل ،مايساڭ ئۈنەر تەخىر قىل،مول ھوسۇلنى ئالىمىز،

    توكۇ ئاتنى ئايغىر قىل،ئىلىم پەننى دۇلدۇل قىل، ئالەم ئارا ئۇچىمىز.


     

    قىران ئۆسسە ئەۋلاتلار،يىتىلسە كۆپ پەرھادلار،تاغدىن گۆھەر ئالىمىز،

    ئاڭلاپ كۈلسۇن يۇلتۇزلار، مۇقام ، نەغمە، كۈي سازلار، كائىناتتا چالىمىز.

    مەنبە: قەلەم

    分享到:

    历史上的今天:

    بىر كۈنى 2012-08-01
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.