-
2012-11-20
كەلگىن - [يازمىلىرىم]
كەلگىن
كۈتتۈم ئۇزاق يار سېنى ،سۆيگۈڭنى ئېلىپ كەلگىن.
سەن ئۈچۈن چەكتىم ئازاب دەردىمنى بىلىپ كەلگىن.
ھالىڭ نېچۈك دېمىدىڭ ، كۈنلۈرۈم ئۆتتى تەنھا،
كۈلەي مەنمۇشادلىنىپ «لىۋەن يا»نى ئېيتىپ كەلگىن.
گۈلزار ئاراتەر تۆكۈپ ،گۈل-چىمەنگە پۈركىدىم،
خۇش ھىدىدىن ئال ھۇزۇر چىكەڭگە قىسىپ كەلگىن.
ھىجران ئوتى ئازاپلار، نىمجانمەن ھالىم خاراب،
داۋا بولار مىھرىڭلا باغرىمنى يېرىپ كەلگىن.
چۆللەر كېزىپ يىگانە، غېرىپتەك ئاشتىم داۋان،
سەۋدايىمەن چاڭقىغان ، ئابى ھايات بېرىپ كەلگىن.
كېلەر دىسەم باھاردا تەلمۈرۈپ يوللىرىڭغا،
كەتتى يەنە تۇرنىلار قار بولۇپ يېغىپ كەلگىن.
يەنە سېنى كۈتىمەن ،كەتسەڭمۇ تاشلاپ يىراق،
پاك سۆيگۈڭدىن، ئىشقىڭدىن گۈلدەستە تىزىپ كەلگىن.
مۇھەببىتىم ،ئەقىدەم ،قەلبىممۇ ساڭا تالىق ،
بولساڭ ئەگەرۋاپادار زارلاتماي يېنىپ كەلگىن.
2012.يىل. نويابر. قورغاس
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.