ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2011-02-14

    تۆھپىكار تاتار خەلقى(2) - [ئىلى دىيارىدا]

     

    تۆھپىكار تاتار خەلقى(2)

     

    2.تاتارلارنىڭ جۇڭگۇغا كېلىشى ۋە ئىلىدا شۇغۇللانغان تۈرلۈك كەسىپلىرى

    تاتارلارنىڭ جۇڭگۇغا كېلىشى19-ئەسىرنىڭ 20-30-يىللىرى باشلانغان بولۇپ بەش دەۋرگە بۆلىنىدۇ:

    بىرىنچى دەۋر:18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا روسسىيەدەفىئودالىزىم زاۋانلىققا يۈزلەندى.زاۋاللىققا يۈزلەنگەن چوڭ فىئوداللار كەڭ دېھقانلارغا قاراتقان ئىكىسپىلاتاتسىيىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش بىلەن بىرلىكتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قاتتىق تالان-تاراج قىلدى.شۇ قاتاردا ئىدىل،ئورال بويلىرىدىكى تاتارلارنىڭ يەر-زىمىن،تېرىلغۇ يەرلىرىنى،چارۋا مال، ئوتلاقلىرىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋىلپلاقالماستىن ،ئېغىر ئالۋاڭ-سېلىق ئارقىلىق ئۇلارنى كۈن كۆرەلمەسلىك ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى تاتارلارغا قارىتا 25 يىللىق مەجبۇرى ھەربىيلىك تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ،بۇ تۈزۈم تاتارلارغا ئېغىر بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن....ئەسكەر بولغان كۆپ قىسىم تاتار ياشلىرى ئۇرۇش فرۇنتلىرىدىن ئامان قايتالمايتى.ئەسكەرلىككە ئېلىنغان  يەنەبىر قىسىم تاتار ياشلىرى سىبىرىيەگە ۋە باشقا چۆل-جەزىرىلەرگە ئەۋەتىلىپ قورغان سېلىش، ياغاچ كېسىش، كان ئېچىشقا ئوخشاش ئېغىر ئەمگەككە سېلىنغان.....بۇنداق زۇلۇم تاتار ياشلىرىنى چار پادىشاھنىڭ  زۇلۇمى يەتمەيدىغان يىراق جايلارغا قېچىشقا مەجبۇر قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قازاق ئورتا يۈز قەبىلىلىرى ئارىسىغا قېچىپ كېلىپ قازاقلارغا بالا بولۇپ،شۇلار ئارىسىدا پاناھلانغان.... ئەڭ ئاۋال جۇڭگۇغا كەلگەن تاتارلانىڭ  بىر بۆلۈمى شىنجاڭنىڭ ئاتاي رايۇنى تەۋەسىگە كىلىپ كېرەي قەبىلىسى ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان.

    ئىككىنچى دەۋر:

    19- ئەسىرنىڭ50-يىللىرى باشلانغان.1851-يىلى چىڭ سولالىسى چار روسسىيە بىلەن«جۇڭگۇ-روسسىيە ئىلى-تارباغاتاي سودا كېلىشىمى» ئىمزالىدى.1871-يىلى ئىلىغا  تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋالدى .18881-يىلى « جۇڭگۇ-رۇسسىيە ئىلى شەرتنەمىسى » نى ئىمزالىدى.بۇ شەرتنامىلار ئارقىلىق روسسىيە  شىنجاڭدا زور ئېمتىيازلارغا ئىگە بولۇۋالدى.... روسسىيە كاپىتالىستلىرى تاتارلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋە شىنجاڭدىكى مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتۇپ تاتر سودىگەرلىرىدىن پايدىلاندى. تاتار سودىگەرلىرى روس كاپىتالىستلىرىنىڭ«سودا ۋەكىلى» سۈپىتىدە شىنجاڭغا كۆپلەپ كىلىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوتتۇر، كىچىك سودىگەرلەرمۇ كۆپلەپ كېلىپ شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ماكانلاشتى.

    ئۈچنچى دەۋر؛

    1905-يىلىدىن باشلىنىدۇ. روسسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلادۋى باستۇرۇلغاندىن كېيىن،زىيانكەشلىككە ئۇچىراشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر بۆلۈم زىيالىلار،دىننىي زاتلار كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر تۈركۈم مائارىپچىلارئۇيغۇر مۇتىبەتلىرىنىڭ تەكلىۋى بويىچە شىنجاڭغا كەلدى.

    تۆتىنچى دەۋر:

    1914-يىلىدىن باشلنغان.بۇ دەۋردە بىرنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەسكەر بولۇشنى خالىماي قاچقان ياشلار،ئۆكتەبر ئىنقىلاۋى دەۋردە كەلگەن بىر تۈركۈم يەر ئىگىلىرى،باي سودىگەرلەر،زىيالىلار، ئۇششاق مكلۈكدارلار، قول ھۈنەرۋەنلەر،ئاق پادىشاھ گېنىراللىرىدىن باكېچ،ئانىنكوف، دۇتۇف قىسىملىرى بىلەن شىنجاڭغا كەلگەن ئاز ساندىكى بىر قىسىم تاتار ئەسكەرلىرىدىن ئىبارەت.

    بەشىنچى دەۋر:

    1930-يىللاردا سوۋىت ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىق ۋە كولخۇزلاشتۇرۇش ھەركىتىدە جۇڭگۇ چىگىرسىغا يېقىن جايلاردىن قېچىپ كەلگەن ھەر ساھە كىشىلىرى. شىنجاڭغا كەلگەن تاتارلار ئاساسەن ئىلى، ئاتاي،تارباغاتاي،ئۈرۈمچى ۋە گوچۇڭ قاتارلىق جايلارغا ماكانلاشتى.

     شەرقى-شىمالغا كەلگەن تاتارلار19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى كەلگەن. شەرقى-شىماك تۆمۈر يولى ياسالغان دەۋردە روسسىيەنىڭ تامبۇف،پىنزا قاتارلىق جايلىرىدىن بىر بۆلۈم تاتار ئىشچىلىرى ۋە بىر قىسىم سودىگەرلەر كەلگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلاۋى دەۋردە قازان، ئوفا ترۇسىك قاتالىق جايلاردىن بىر قىسىم تاتارلار يەنە شەرقى-شىمالغا كەلگەن.1930- يىللاردا يەنە بىر بۈلۈم تاتارلاركەلگەن.ئۇلار خەيلار، خاربىن،چاڭچۈن،شېنياڭ،شاڭخەي،تىيەنجىن، قاتالىق جايلارغا ئورۇنلۇشۇپ،چوڭ شىركەتلەرنى قۇرۇپ سودىگەرچىلى ۋە باشقا كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغان. تاتار جەميەتلىرىنى قۇرغان...... مەھەللىلەرنى بەرپا قىلىپ، مەسچىد مەكتەپلەرنى سالغان،كىتاپخانىلارنى قۇرغان،  ئەدىبىيات-سەنئەت كېچىلىكلىرىنى ئۆتكۈزگەن.....

    جۇڭگۇغا كەلگەن تاتارلار ھەرمىللەت خەلقى بىلەن ئىجىل-ئىناق ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ دوسلۇق ياردىمىگە ئىگ بولدى.ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننى قوغداش، گۈللەندۈرۈش يولىدا ئۆزىگە تېگىشلىك ھەسسىلەرنى قوشۇپ،ئېلىمىز مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىدىن بىر كىشىلىك ئورۇن ئالدى.

    تاتارلار19-ئەسىرنىڭ30-40-يىللىرىدىن باشلاپ ئىلىدا ئولتۇراقلىشىشىقا باشلىغان. ئۇلار دەسلەپتە غۇلجا شەھىرىنىڭ تەشلەپكە، بوينى كېسىك مەھەلىلىرىگە  مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقاندىن سىرت مۇڭغۇل كۈرەنىڭ ئاقسۇ، شوتا، قارا سۇ، كۈنەسنىڭ نارات،ئارالتۆپە،بەشتۆپە، نىلقىنىڭ بازارئىچى، تۈرك مەھەللە،،غۇلجا ناھىيىسىنىڭ جېلىليۈزى،دادامتۇ، توققۇز تارانىڭ  نەھىيە ئىچى، كۈرە، سۈيدۈڭ قاتارلىق جايلارغا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئىلىدىكى تاتارلار ئاساسەن مائارىپ، سودا-سانائەت، چارۋۇچىلىق، باغۋەنچىلىك،ئورمانچىلىق(ھەسەلچىلىك)، دېھقانچىلىق،ماشىنچىلىق ،تېرانسىپورت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللۇنۇپ ئىلىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆز تۆھپىلىېرىنى قوشقان. شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

    (داۋامى بار)


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.