ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2011-02-14

    تۆھپىكار تاتار خەلقى(3) - [ئىلى دىيارىدا]

    تۆھپىكار تاتار خەلقى(3)

    3.شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى تاتارلار

    1944-يىلى11-ئايدائىلى،ئالتاي، تارباغاتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت خەلقىنىڭ گومىنداڭ مۇستەبىت ھۆكۈمىرانلىقىغا قارشى ئىنقىلاۋى پارتىلىدى. تاتار ئوغۇل-قىزلىرىمۇ قولىغى قۇرال ئېلىپ، ھەرمىللەت ختەلقى بىلەن  بىرلىكتە ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندى.كەڭ تاتار خەلقى ھەرمىللەت ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە ئالدىنقى سەپنى ماددى ۋە مەنۋى جگھەتتىن قوللىدى. تاتار زىيالىلىرى ھەر مىللەت زىيالىلىرى  بىلەن بىرلىكتە  كەڭ تۈردە تەشۋىقات،تەشكىللەش ئىشلىرىنى  قانات يايدۇردى. ئىنقىلابى ئۇرۇش جەريانىدا ئالدىنقى سەپتىكى تاتار پەرزەنتلىرى كوماندىر،جەڭچى،دوختۇر، شەپقەت ھەمشىرىلىرى،ئارقا سەپ تەمىنات خادىمى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى يۇقۇرى دەرىجىلىك كوماندىر، ئوفېتسىر،قابىليەتلىك رەھبەرلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. نۇرغۇنلىغان ئىنقىلابى قۇربانلار مەيدانغا كېلىپ شانلىق خاتىرلەرنى قالدۇردى.فاتىق مۇسلىمۇفلار،خەمىت مۇسلىمۇفلار ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مۇقاددىمىسىنى نىلقىدىن باشلىغان ئالتە باتۇر(گومىنداڭچىلار ئۇلارنى«ئالتە ئوغرى» دەپ ئاتىغان) نىڭ ئىككىسى ئىدى.(خەمىت مۇسلىمۇف نىلقىنى ئازات قىلىش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان بولۇپ،ئازاتلىقتىن كېيىن"ئىنقىلابى قۇربان" دەپ نام بېرىلگەن2003-يىلى جەسىتى نىلقىدىن غۇلجا شەھىرىدىكى تاتار قەۋرىستانلىقىغا يۆتكەپ كېلىنىپ،خاتىرە تاش تۇرغۇزۇلغان).غۇلجا قوزغۇلىڭىدا  مەرگەن ئارۇپ ئابزى گومىنداڭنىڭ غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى،جاللات لىيۇبىندىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ھەرمىللەت خالقىنىڭ قان قەرزىنى ئالغان.(ئارۇپ ئابزى كەڭساي ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان) سۈيدۈڭلۈك شەپقەت ھەمشىرىسى پاتىمە نىڭ قەھرىمانلىق ئىش –ئىزلىرى ئەينى دەۋر كىشىلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان  ئىدى.ئاتاقلىق مەتبۇئاتچى،تەشكىلاتچى خەبىب يۇنۇچى قوزغۇلاڭ ھارپىسىدا  غۇلجىدكى مەخپىي تەشكىلاتنىڭ  رەھبەرلىك ئاپاراتىغاقاتناشقان. قوزغۇلاڭ جەريانىدا تەشۋىقات، تەشكىللەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى،مائارىپ ئىدارىسىىڭ مەسئوللىغىغا تەيىنلەنگەن.ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ يىقىن سەپدىشى ئەسئەت ئىسقاقۇپ،گېنىراك-مايۇر مەرغۇپ ئىسقاقۇپ،پولكۇۋنىك رىفىق بايچۇرىن،پولكۇۋنىك نىغمەت،پولكۇۋنىك ئايتۇغان يۇنۇچى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان رەھبەر، كومادىرلار يېتىشىپ چىققان بولۇپ،ئۇلار ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىگىدىكى جۇڭگۇ خەلىق ئازاتلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنى كۈتىۋېلىش،سوتسىيالىستىك يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇش ئىشلىرىدا تېگىشلىك ھەسسىلىرىنى قوشتى.

    (داۋامى بار)


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.