-
2013-01-22
ھەمرا ماڭا - [يازمىلىرىم]
ھەمرا ماڭا
تىرەن مەنابايانى بار دانالىرىم ھەمرا ماڭا،
ئىلىم-پەندىن لىباس ئارتقان جانانلىرىم ھەمرا ماڭا.
بىلىم –لەيلى،گۈزەل پەرى باغرىم كۆيەر ئوت پىراقىدا،
نادانلىقتا تارتقان ئازاپ، پىغانلىرىم ھەمراماڭا.
مەخمۇت ئاتام ماياك ماڭا ،يالغۇز ئەمەس مەيداندامەن،
يۈسۈپ* ھەم سادىر كەبى مەردانلىرىم ھەمرا ماڭا.
چاڭقىماسمەن تەشنالىقتىن ئەمدى غەپلەت چۆللىرىدە،
ئىلىم ئىزلەپ سەپەرقىلغان كارۋانلىرىم ھەمرا ماڭا.
مۇشكۈل سىناق ھايات دىمەك،ئەجىرىمدىن تاپتىم جاۋاپ،
كىلەچەكچۈن پارلاپ تۇرغان ئارمانلىرىم ھەمراماڭا.
مەنبە:يازمام
يۈسۈپ* -يۈسۈپ خاس ھاجىپ
<< يۈرىمىز | باش بەت |
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.